پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

گۇمانخورنىڭ شەك-شۈبھىلەرگە پەرۋا قىلماسلىقى توغرىسىدا

سۇئال

شەيخ مۇھەممەد ئىلىشنىڭ" مەنھىل جەلىيل" ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ سۆزلەرنى ئوقۇدۇم: "كۆپ شەك قىلىپ، شەكنى يوق قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى ئۈچۈن قارىشىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ توغرا بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، ئۇ كىشىگە شەكنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ" بۇ سۆزنى ماڭا ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟بۇنىڭغا ئەمەل قىلسا توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

    شەيخ مۇھەممەد ئىلىش رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇيۇنۇشىنىڭ ۋاجىپلىرىدىن، يۇيۇلىدىغان ئەزانى سىلاپ يۇيۇش، ئۇنىڭدا، يۇيۇنغۇچىنىڭ تولۇق بولدى دېگەن قارىشى كۇپايە قىلىدۇ، يۇيۇش كېرەك بولغان ئورۇنلارغا سۇنى يەتكۈزۈش يېتەرلىك بولىدۇ، كۆپ شەك قىلىپ، شەكنى يوق قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى ئۈچۈن قارىشىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ توغرا بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، شەك بىلەن قىلغان ئىشى يېتەرلىك بولىدۇ، ئۇ كىشىگە شەكنى تاشلاش كېرەك بولىدۇ، ئۇنىڭ چارىسى شەكنى تاشلاشتۇر". "مەنھىل جەلىيل" 1-توم 127-بەت.

    كۇۋەيت پىقھىي ئېنسىكلوپېدىيە 4-توم 128-بەتتە مۇنداق كەلگەن: تاجىل ئەرۇس ۋە ئەساسۇل بالاغەت قاتارلىق لۇغەت كىتابلىرىدا: "ئىستەنكەھەن نەۋمۇ ئەينەھۇ" دېگەن سۆز، "بەك ئۇيقۇسى كەلدى" دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

مالىكى مەزھەپ پىقھى ئالىملىرى بۇ سۆزدىن "بەك شەك قىلىدۇ دېگەننى ئىپادىلەيدۇ، لۇغەت مەنىسى بىلەن ئىېيتقاندا: بەك شەك قىلغۇچى دېگەننى ئىپادىلەيدۇ، باشقا مەزھەپ پىقھى ئالىملىرى بولسا، كۆپ شەك قىلىش ياكى كۆپ شەك قىلغانلىقتىن شەك قىلىش ئادەت بولۇپ قالغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ

شەكنىڭ كۆپ بولىشى ۋە غالىپ كېلىشىدىكى قائىدە بولسا، شەكنىڭ كۈن بويى ئاجرىماي ھەمرا بولىشىدىن ئىبارەتتۇر.

    ھەتتاپ "مەۋاھىبۇل جەلىيل"1-توم 466-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەل مۇستەنكىھ" دېگەن: تەرەت، ناماز ۋە باشقا ئىشلاردا ھەر كۈندە بىر-ئىككى قېتىم شەك قىلىشتۇر، ئەگەر ئىككى كۈن ياكى ئۈچ كۈندە بىر شەك قىلىپ قالسا بۇ كۆپ شەك قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ.

   ئومۇمەن: "مەنھىل جەلىيل"دىكى: ئۇ كىشىگە يۇيىدىغان ئەزالىرىنى بىر قېتىم سىلاش كۇپايە قىلىدۇ دېگەنلىك: يەنى تاھارەت ئالغۇچىنىڭ گۇماندا يۇيىدىغان ئەزانى قولۇم بىلەن بىر قېتىم سىلىدىم دېگەنلىك كۈچلۈك بولسا، بۇنىڭ ئۆزى تاھارەت ئالىدىغان ئەزاغا سۇنى يەتكۈزگەنلىكىگە كۇپايە قىلىدۇ.

بۇ كۆپ شەك قىلمايدىغان كىشى ئۈچۈندۇر.

     ئەمما كۆپ شەك قىلغۇچىدا: ئۇ كىشىنىڭ تاھارەت ئالغانلىقىغا كۈچلۈك قارىشىنىڭ بولىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، بەلكى تاھارەت ئالغانلىقتىن ئىبارەت مۇتلەق قاراش ھاسىل بولسا، ئۇ كىشىدە كۈچلۈك قاراشنىڭ بولىشى كېرەك بولمايدۇ.

    شەكنىڭ كۆپ بولىشى ئۇ كىشىگە تەھقىقلەش ۋە تەكىتلەشنى تەرك قىلىشتا ئۈزرە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنى تەكىتلەشكە بۇيرۇغاندا، بەك قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، شەرىئەت بولسا ئاسانلىق ۋە قىيىنچىلىقنى يوق قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ﴾‏ تەرجىمىسى «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ﴾‏  تەرجىمىسى : «ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت]. 

    گۇمانخورلۇقنى يوق قىلىشنىڭ ئىلاجى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىقتۇر، چۈنكى ۋەسۋەسە قىلىنغۇچى ھەر بىر شەكتە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن شەك زىيادە بولىدۇ، ئۇنى ۋەسۋەسە ئىگىلىۋالىدۇ.

    دەۋەرىي "شەرھۇسسەغىير"1-توم 170-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كۆپ شەك قىلمۇغۇچى بەدىنىنى يۇغان ئورۇندا شەك قىلىپ قالسا، يەنى ئۇ جايغا سۇ يەتتىمۇ ياكى يەتمىدىمۇ؟ دەپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ جاينى سۇ قۇيۇپ قولى بىلەن سىلاپ يۇيۇشى كېرەك".

    ئەمما كۆپ شەك قىلغۇچى بولسا، شەكتىن يۈز ئۆرىشى كېرەك، چۈنكى شەك، ۋەسۋەسىگە ئەگەشكەندە، ئىنسان دىندىن چىقىپ كېتىپ قالىدۇ، بۇنداق بولۇشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن.

    ساۋىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ ھاشىيىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "كۆپ شەك قىلمايدىغان، ئەسلىگە تايىنىدىغان كىشىگە بەدىنىنىڭ ھەممىسىگە سۇنىڭ يەتكەنلىكىنى بېكىتىشكە قارىشىنىڭ كۆپرەكى كۇپايە قىلىدۇ. ئۇ كىشىگە ئىشەنچ ياكى كۈچلۈك قاراش كېرەك بولىدۇ.

    ئەدەۋىي كۆپ شەك قىلغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا كېرەك بولغان نەرسە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشىگە شەك قىلغان ئىشى كۇپايە قىلىدۇ، كۈچلۈك قاراشنىڭ كېرىكى يوق، قايتا يۇيۇشقا بۇيرۇلمايدۇ". ["كىپايەتىل تالىبىل رەببانىي" 1-توم 216-بەت].

    كۆپ شەك قىلغۇچىنىڭ شەك بىلەن كۆڭلى ئارام تېپىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ كۈچلۈك قارىشىنىڭ بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىككىلىنىشى بويىچە ئەمەل قىلىشى كۇپايە قىلىدۇ. ئۇستازلىرىمىز شۇنداق دېگەن". ["ھاشىيەتى ئەددۇسۇقى ئەلا شەرھىل كەبىر" 1-توم 135-بەت].

    يەنە: كۆپ شەك قىلغۇچى كۆڭلىگە ئىلگىرى كەچكەنگە ئاساسلىنىدۇ، كېيىن كەچكىنىگە كۆڭۈلنى توختىتىدۇ. "مۇختەسەر ئىبنى ھاجىپنىڭ شەرھچى ئەتتەۋزىيھ"1-توم 163-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كۆپ شەك قىلغۇچىنىڭ تۈنجى كۆڭلىگە كەچكىنى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، بۇنىڭدا ھەممەيلەن ئىتتىپاق.

   تۈنجى كۆڭلىگە كەچكىنى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ دېگەن سۆز قەرەۋىيىنلىقلارنىڭ قارىشىدۇر، كېيىنكىلەرنىڭ بەزىسىمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ مۇنداق دېگەن: چۈنكى تۈنجى كۆڭلىگە كەچكىنى  زىھنىنىڭ ساغلام ۋاقتى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى بولسا ئەقىلسىزلىككە ئوخشاپ قالىدۇ.

   ئىبنى ئابدۇسالام: زاھىر مۇدەۋۋەن ۋە باشقا ئەسەرلەردە: "ئۇ كىشىنىڭ كۆڭۈل خاتىرسىگە قارىماستىن ھۆكۈم چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ قاراشنى بىز ئۇچراشقان ئالىملار كۇچلاندۇرۇپ  شۇنداق دېگەن، مەشرىقتىكى بەزى ئالىملارنىڭ بۇ قاراشتىن يانغانلىقىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ، ئۇلار كۆپ شەك قىلغۇچى كىشىگە نىسبەتەن: ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە ۋە كېيىن كۆڭلىگە كەچكەن نەرسە ئورناشمايدۇ، ھەقىقەت شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ دېگەن". ["ئەتتاج ۋەل ئىكلىيل" 1-توم 301-بەت، ۋە 2-توم 19-بەتكە قارالسۇن].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى