شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى كىيىمى بىلەن ئۆمرە قىلىپ، چېچىنى ئالدۇرماي ياكى قىسقارتماي پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن توي قىلغان بولسا، قىلغان نىكاھ ئەقدىسى توغرا بولامدۇ؟.

سۇئال

    مەن ئىككى يېقىنىم بىلەن يەنى ئۈچ كىشى ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئېھرام كىيىپ كەلدۇق، ئۆمرە پائالىيىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن چېچىمىزنى ئالدۇرۇپ ياتاقتا ئارام ئالدۇق، بىز يەنە بىر قېتىم ئۆمرە قىلىمىز دەپ ياتاقتىن ئۆزىمىزنىڭ ئادەتتىكى كىيىمىز بىلەن چىقىپ ھەرەمكە كىرىپ ئۆمرە قىلدۇق، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چېچىمىزنى ئالدۇرمىدۇق ياكى قىسقارتمىدۇق، بۇ ئىشىمىزغا جازا كىلەمدۇ؟، مەن يەنە بىر يېقىنىم بىلەن كېيىن باشقا مىيقاتتىن كىلىپ يەنە ئۆمرە قىلدۇق، ئۇ يېقىنىم مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن توي قىلدى، ئەمما مەن ھازىرغىچە توي قىلمىدىم، ئارىمىزدىكى ئۈچىنچى كىشى بولسا، بىز ئادەتتىكى كىيىم بىلەن ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن ئۆمرە قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىمۇ بۇنى بىلمەيمەن، ئۇ كىشىمۇ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن توي قىلدى، بىزگە بۇ ئىشتا بىرەر جازا كىلەمدۇ؟، چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئۆمرە قىلىشنىڭ ئاساس قائىدىلىرىدىن بىرى: سىرىتتىن كەلگەنلەر بەلگىلەنگەن ئورۇندىن يەنى مىيقاتتىن ئېھرامغا كېرىدۇ، مەككىنىڭ ئېچىدە تۇرغان كىشىلەر ئۆمرە قىلماقچى بولسا، ئۇلار "تەنئىم" ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەككىگە ئەڭ ئەڭ يېقىن بولغان بەلگىلەنگەن جايلارغا چېقىپ، شۇ جايدىن ئېھرامغا كېرىپ كېلىشى كېرەك بولىدۇ.

   مەككىنىڭ ئېچىدىن ئېھرام كېيگەن كىشى ئۆمرىنىڭ مۇھىم بىر ئاساسىنى تەرك قىلغان بولىدۇ، ئۇ كىشىگە بىر قوي زەبىھ قىلىپ كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش جازاسى كېلىدۇ، ئەگەر بۇنداق قىلالمىسا، "تەمەتتۇ" ھەج قىلغان كىشىگە ئوخشىتىپ ئون كۈن روزا تۇتىشى كېرەك بولىدۇ.

    "شەرھى مۇنتەھىل ئىرادات" ناملىق ئەسەر 1-توم 525-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "مەككىدە تۇرغان كىشى ئۆمرە قىلماقچى بولسا، مەككىنىڭ سېرتىغا چىقىپ ئېھرام كىيىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۆمرە قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېرىندىشى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرىنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    چۈنكى ئۆمرە پائالىيتىنىڭ ھەممىسى مەككىدە ئادا قىلىنىدۇ، سېرتقا چېقىشقا كېرەك بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىش ئۈچۈن سېرتقا چىقىش بىلەن مەككىنىڭ سېرتى بىلەن ئېچىنى بىر-بىرىگە ئۇلاشتۇرىدۇ، ئەمما ھەج قىلماقچى بولغان كىشى بۇنداق قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئەرەپاتتا تۇرۇش ئۈچۈن مەككىنىڭ سېرتىغا چىققانلىقى ئۈچۈن مەككىنىڭ ئېچى بىلەن سېرتىنىڭ بىر-بىرىگە ئۇلىنىشى ھاسىل بولىدۇ.

    ئەگەر بىر كىشى ئۆمرە قىلماق ئۈچۈن مەككىنىڭ ئېچىدە تۇرۇپ ئېھرام كىيگەن بولسا، ئېھرامى توغرا بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى مەككىنىڭ سېرتىغا چىقىپ ئېھرام كېيىشتىن ئىبارەت بولغان بىر ئاساسنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇددى بەلگىلەنگەن ئورۇندىن –مىيقاتتىن- ئېھرامسىز كىرگەن كىشىگە ئوخشاش بىر قوي ئۆلتۈرۈپ مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش جازاسىنى ئادا قىلىدۇ.

    ئىككىنچى: ئېھرامدا يىڭنىدە ئىنسان بەدىنىگە ئۆلچەپ تېكىلگەن كىيىملەرنى كەيمەسلىك كېرەك، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى كىيىمى بىلەن ئۆمرە قىلغان كىشى، ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشنى قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، كەمبەغەللەرگە پىدىيە بېرىشى كېرەك بولىدۇ، پىدىيە بېرىش ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ بېرىنى تاللاش بىلەن بولىدۇ: قوي ئۆلتۈرۈش ياكى ئالتە كەمبەغەلگە يىمەك بېرىش ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.

   ئۈچىنچى: چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش بولسا ھەج-ئۆمرىدىكى ئاساسلىق پائالىيەت بولۇپ، ئۆمرە قىلغان كىشىمۇ بۇنى ئادا قىلمىسا ئېھرامدىن تولۇق چىققان ھېسابلانمايدۇ.

    "ئەل ئىنساپ" 4-توم 56-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:"ئېھراملىق كېلىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىدۇ،ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلىدۇ، ئاندىن چېچىنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقىدۇ، بۇ يەردە بىر سۇئال بار: ئېھرامدىن چېقىش چاچنى ئالدۇرۇش ۋە قىسقارتىشتىن بۇرۇن بولامدۇ ياكى كېيىنمۇ؟ چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش پائالىيەتنىڭ قاتارىدىنمۇ؟ ئۆلمالارنىڭ توغرا قارىشىدا: چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش ھەج-ئۆمرە پائالىيتىدىن بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنىمۇ قىلمىغان كىشى ئېھرامدىن تولۇق چىققان ھېسابلانمايدۇ.

    بەزى قاراشلاردا ئېھراملىق ھالەتتە چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش چەكلىنىدۇ لېكىن چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتىن بۇرۇن ئېھرامدىن چىقسىمۇ بولىدۇ دېيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ بولۇپ چېچىنى ئالدۇرماي ياكى قىسقارتمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئېھراملىق ھالەتتە قالغان بولىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى بۇ ئىشنى بىلمەي قىلغان بولسا دەرھال ئادەتتىكى كىيىملىرىنى سېلىۋىتىپ ئېھرام كىيىپ چېچىنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىشى كېرەك بولىدۇ، بىلمەسلىكتىن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغانلىقىغا بىر نەرسە بولمايدۇ. 

    تۆتىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلغانغا كۆرە، ئۆمرە قىلىپ بولۇپ چېچىنى ئالدۇرمىغان ياكى قىسقارتمىغان كىشى ئېھراملىق ھالىتىدە قالىدۇ، ئۇ كىشى ئىككىنچى قېتىم قايتىدىن ئۆمرە قىلىپ چېچىنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتقان بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بىرىنچى قېتىم قىلغان ئۆمرىدىن يەنى ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ، ئىككىنچى قېتىم قىلغان ئۆمرىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىرىنچى قېتىم قىلغان ئۆمرىدىن تولۇق ئېھرامدىن چىقماي تۇرۇپ يەنە بىر ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كېرگەن بولدى.

   شەيخ ئىززىددىن ئابدۇسالام رەھىمەھۇللاھ "ھۆكۈم قائىدىلىرى" ناملىق ئەسىرىنىڭ 252-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى بىر ئېھرام بىلەن ئىككى ھەجنى ياكى ئىككى ئۆمرىنى ياكى بىر نىيەتتە ئىككى ۋاقىتلىق پېشىن نامىزىنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر ھەج ياكى بىر ئۆمرە ھېساب بولىدۇ، ئەمما يەنە بىر نامىزى توغرا بولمايدۇ".

   شەيخ ئابدۇراھمان بەرراكتىن: بىر ئايال ئۆمرە قىلىپ چېچىنى قىسقارتىشنى ئۇنتۇپ قىلىپ، ئاندىن يەنە ئېھرامنى نىيەت قىلىپ تاۋاپ، سەئىي  قىلىپ، چېچىنى قىسقارتىپ ئىككىنچى قېتىملىق ئۆمرىنى ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىسلام دىنىدىكى پىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىدا: بىرىنچى قېتىملىق ئېھرامدىن تولۇق چىقماي تۇرۇپ ئىككىنچى قېتىم ئېھرام كېيىش يەنى ئۆمرىنى ئۆمرىگە كىرگۈزۈش توغرا بولمايدۇ، ئىككىنچى قېتىم نىيەت قىلغان ئۆمرىسى بىكار بولۇپ كىتىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىق ئۆمرىدىن كېيىن چېچىنى قىسقارتىش بولسا بىرىنچى قېتىمدىكى ئۆمرىگە ھېساب بولىدۇ. 128712-95860- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     بەشىنچى: بىر كىشى بىرىنچى قېتىم ئۆمرە قىلىپ چېچىنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتىن بۇرۇن، نىكاھ ئەقدىسى قىلغان بولسا، ئىككىنچى قېتىم قايتا ئۆمرە قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئېھراملىق ھالەتتە نىكاھ ئەقدىسى قىلغان بولىدۇ، ئېھراملىق ھالەتتە نىكاھ ئەقدىسى قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ" مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"9-توم 193-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «ئېھراملىق كىشى نىكاھ ئەقدىسى قىلمايدۇ، باشقىلارغىمۇ نىكاھ ئوقۇمايدۇ، ۋە توي تەكلىپىمۇ قويمايدۇ».

    ئىمام مۇسلىم رەھىمەھۇللاھ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئېھراملىق ھالىتىدە نىكاھ ئەقدىسى قىلدىمۇ ياكى ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىنمۇ؟ دېگەن مەسىلىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلارنى بايان قىلدى.

    مۇشۇ ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۆلىمالار ئېھراملىق كىشىنىڭ نىكاھ ئەقدىسى قىلىش توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئىمام مالىك، شاپىئى ، ئەھمەد ۋە باشقا كۆپچىلىك ئۆلىمالار، ساھابىلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى تابىئىنلار مۇشۇ مەسىىلە توغرىىسدا سۆزلەنگەن باپنىڭ ھەدىسىگە تايىنىپ ئېھراملىق كىشىنىڭ نىكاھ ئەقدىسىنى توغرا بولمايدۇ دېگەن. 

    ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە باشقا كۇپە ئۆلىمالىرى، مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇقىرىدىكى ۋەقەلىكىنى ئاساس قىلىپ ئېھراملىق كىشىنىڭ نىكاھ ئەقدىسىنى توغرا بولىدۇ دېگەن.

    كۆپچىلىك ئۆلىمالار مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان ھەدىسكە جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن توي قىلغان، نۇرغۇن ساھابىلار  شۇنداق بايان قىلغان، قازى ئەبۇ يەئلا ياكى قازى ئىياز ۋە باشقا ئۆلىمالار: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ھېچ بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئېھراملىق ھالەتتە نىكاھ ئەقدىسى قىلدى دەپ رىۋايەت قىلمىغان. مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىسى ئەبۇ راپىئ ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن توي قىلغان دەپ رىۋايەت قىلغان. چۈنكى بۇ ۋەقەلىك ئۇلارغا ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى ئۇلار ئىبنى ئابباستىن ياخشى بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار بۇ ۋەقەلىكنى ئىبنى ئابباستىنمۇ بەكرەك ئېسىدە تۇتقۇچى ۋە سان جەھەتتىنمۇ كۆپتۇر.

    ئىككىنچى جاۋاپ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى چۈشەندۈرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئېھرامدىن چىققان ھالەتتە ھەرەم دائىرسى ئېچىدە توي قىلغان دېگەن بولىدۇ، چۈنكى گەرچە ھەرەمدە ئېھرامسىز تۇرغان كىشىمۇ مۇھرىم دېيىلىدۇ. تىلدىكى بۇ ئاتالغۇ كىشىلەرگە تونۇشلۇق ۋە كەڭ تارقالغان.

    ئەگەر سىزنىڭ ئۈچىنچى يېقىنىڭىز ئىككىنچى قېتىم قايتا ئۆمرە قىلىشتىن ئىلگىرى توي قىلغان بولسا، ئۇ كىشى چېچىنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ، نىكاھ ئەقدىسىنى يېڭىدىن قىلىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاسان بولىدۇ، قىزنىڭ ۋەلىسى ئىككى مۇسۇلمان گۇۋاھچىنى چاقىرىپ، پالانىخاننى ھەمراھلىققا قوبۇل قىلدىڭىزمۇ دەيدۇ، سىزنىڭ يېقىنىڭىز: پالانىخاننى ھەمراھلىققا قوبۇل قىلدىم دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتىدۇ.

   سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا سېرتقا چىقىپ ئېھرام كېيمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن دەم يەنى قوي ئۆلتۈرۈپ مەككىدە كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش جازاسى كىلىدۇ، ئادەتتىكى كىيىمىڭلار بىلەن ئۆمرە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن پىديە يەنى قوي ئۆلتۈرۈش ياكى ئالتە كەمبەغەلگە يىمەك بېرىش ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش جازاسى كېلىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى