پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

زاكاتنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش ياخشىمۇ ياكى ئېھتىياج بولغاندا مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىش ياخشىمۇ؟

سۇئال

    مۇسۇلمانلار ئېھتىياجلىق بولغاندا، كېلەر يېلى رامزاندا ئادا قىلىدىغان زاكاتنىڭ ھەممىسىنى ياكى مەلۇم بىر قىسمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بەرسە بولامدۇ؟. شەرىئەتتە قايسى ياخشى بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا زاكاتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئادا قىلىش چەكلەنمەيدۇ.

    زاكاتنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىككى يىللىق زاكاتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالغان». [ئەبۇ ئۇبەيدە قاسىم ئىبنى سەللام"ئەلئەمۋال"دا  1885-ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل"3-توم 346-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: زاكاتنى ئادا قىلىدىغان مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىش توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان». [تىرمىزى رىۋايىتى 673-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1624-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1790-ھەدىس].

   شەيخ ئەھمەد شاكىر"مۇسنەدنىڭ تەتقىقاتىدا" 822-ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن.

    ھەقىقەتەن پىقىر، مىسكىنلەر، مۇسۇلمانلاردىن مال-مۈلكى ۋە تۇرالغۇ-جايلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغانلار زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئېغىر قىيىنچىلىقتا ۋە ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلاردىن بەك ھەقلىق بولىدۇ. ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسەن زاكاتنى يۆتكەپ قىيىنچىلىقتا قالغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش توغرا بولىدۇ. 

   ئىككىنچى: ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن زاكاتنى ئىشەنچىلىك ئورۇنلارغا بەرسە بولىدۇ.

    بۇ شەكىلدە ۋەكىل قېلىش مۇنداق شەرتلەر بىلەن دۇرۇس بولىدۇ:

    ئىشەنچىلىك ئورۇنلاردىكى كىشىلەر زاكاتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى كېچىكتۈرمەستىن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بېكىتكەن سەككىز تۈرلۈك كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. ئاللاھ تائالا زىكىر قىلغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەر: إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە تەۋبە 6-ئايەت].

    بۇ توغرىدا 46209 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئەگەر سىز زاكاتنى باشقىلار يەتكۈزۈشكە ۋەكىل قىلىدىغان كىشىدىن ياكى ئورۇنلاردىن ئۇلارنىڭ زاكاتنى ۋاقتىدا يەتكۈزمەسلىكى ياكى بەلگىلەنگەن كىشىلەرگە بەرمەي باشقا تۈردىكى كىشىلەرگە بېرىدىغانلىقى ياكى مۇسۇلمان بولمىغانلارغا بېرىدىغانلىقى قاتارلىق ئىشلارنى سېزىپ قالسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا زاكاتنى بەرمەي، خالىس سەدىقە بەرسىڭىز ياخشى بولىدۇ. ئەمما پەرىز قېلىنغان زاكاتنى ئۆزىڭىز بەرسىڭىز ۋە شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ئورۇنلارغا يەتكۈزگەنلىكىڭىزدىن كۆڭلىڭىز ئەمىن بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: ھازىر بېرىدىغان ياردەمدىن زاكاتنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى رامزاندا  قايتا ئادا قىلىشقا تەييار قىلسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا ھازىر ئادا قىلغىنىڭىز پەرىز بولىدۇ، رامزاندا ئادا قىلغىنىڭىز نەپلە بولىدۇ.

    ئەگەر ئىككى ئارىدا قالغان بولسىڭىز يەنى: زاكاتنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئادا قىلىپ پىقىر-مىسكىنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش بىلەن زاكاتنى ۋاختى كەلگەندە ئادا قىلىشنىڭ ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قالغان بولسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چېقىش ئۈچۈن زاكاتنى مۇددەتتىن بۇرۇن بەرسىڭىز ياخشى بولىدۇ. 

    ئەگەر ھازىر ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتىڭىز بولسا، ئىقتىسادنىڭ مەلۇم قىسىمىنى ھازىر سەدىقە قىلىپ، زاكاتنى يىل توشقاندا بەرسىڭىز بۇ شەكسىز ياخشى بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىككى ياخشى ئىشنىڭ ئارىسىنى جۇغلىغان بولىسىز، مالنىڭ سەدىقىسىدىن باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىت كەلگەندە مالنىڭ زاكىتىنى چىقىرىپ رامزاندا ئەجىرنىڭ زىيادە بولىشىدىن ئىبارەت بەرىكەتكە ئېرىشىسىز، ئەگەر سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، مېلىڭىزنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدىغان ۋاقىت رامزانغا توغرا كەلسە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىرلەرگە ئېرىشىسىز.       

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى