سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

مەسچىتنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى تىجارەت، ئېلىم-سېتىم ئورۇنلىرىدىن ئايرىش كېرەك بولامدۇ؟

275993

تارقاتقان ۋاقىت : 08-02-2022

كۆرگۈچىلەر : 824

سۇئال

بىزنىڭ چوڭ بىر ئىمارىتىمىز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى يوق، بىز بۇ يەرنى بەش ۋاقىت ناماز ۋە جۈمە ئوقۇلىدىغان مەسچىت قىلىشنى، مەلۇم بىر قىسمىنى سودا-سېتىق ئورنى قىلماقچى ۋە مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرگە ئىجارىگە بەرمەكچى، توپلانغان پۇللار بۇ مەسچىتنىڭ ئىجارىسى، دەۋەت ۋە ئىسلامى پىروگىراملار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ، مەن مەسچىت تېمىنىڭ سىرتىدا سودا-سېتىق قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، بىز مەسچىت ئەتراپىغا تام قۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟، چۈنكى ئۇنداق قىلمىساق بىر بىنادا ھەم مەسچىت ھەم سودا-سېتىق ئورنى بولۇپ قالىدۇ؟، ئىمارەتنىڭ ھەممىسى مەسچىت بولىشى كېرەكمۇ؟ ياكى ئىمارەتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى مەسچىت قىلىپ بېكىتسەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىمارەتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى تىجارەت ئورنى ياكى ھەممىسىنى مەسچىت قىلسىمۇ بولىدۇ، بۇ ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئېلىش ھېسابى بىلەن بولىدۇ.

    ئەگەر ئورۇن كەڭرى بولۇپ، ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاجىتىدىن ئارتۇق بولسا، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى تىجارەت ئورنى قىلىپ، ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمنى مەسچىت ئىشلىرى، ئىلىمى ۋە دەۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىغان قىلىنسا بۇ بەك ياخشى بولىدۇ.

   "پىقھى توپلاملىرى" 12-توم 295-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "شاپىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى ئىمارەتنىڭ ئۈستى قاتنى ياكى ئاستى قاتنى مەسچىت قىلسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككىسىنى ۋەخپە قىلىش ياكى ئىككىسىنىڭ بىرىنى ۋەخپە قىلىشمۇ توغرا بولىدۇ دەپ قارايدۇ".

    سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى تەشۋىقات، ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 5-توم 220-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئائىلىكلەر ئولتۇرىدىغان ئىمارەت بىلەن مەسچىت ئەسلىدە بىرگە ياسالغان بولسا ياكى كېيىنكى ۋاقىتتا ئىمارەتنىڭ ئاستى مەسچىت قىلىنغان، ئۈستىدە ئائىلىلىكلەر ئولتۇرىدىغان بولسا توغرا بولىدۇ، ئەمما مەسچىت بۇرۇن ياسىلىپ كېيىنكى ۋاقىتتا مەسچىتنىڭ ئۈستىگە ئائىلىلىكلەر تۇرالغۇسى ياسالغان بولسا  بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مەسچىتنىڭ ئۈستىمۇ مەسچىتكە تەۋە بولىدۇ".

     ئىككىنچى: مەسچىتتە سودا-سېتىق قىلىش توغرا بولمايدۇ ۋە دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمىر ئىبنى شۈئەيب ئاتىسىدىن ئۇ كىشى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەسچىتتە سودا-سېتىق قىلىشتىن چەكلىگەن». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 6676-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1079-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى 714 -ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ " ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"، شۇئەيب ئەرناۋۇتنىڭ مۇسنەدنىڭ تەھقىقىدا كەلتۈرگەن].

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەسچىتتە سودا-سېتىق قىلىۋاتقان كىشىنى كۆرسەڭلار: ئاللاھ تىجارىتىڭگە بەرىكەت بەرمىسۇن دەڭلار، مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى سورىغان كىشىگە: ئاللاھ يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن دەڭلار.» [تىرمىزى رىۋايىتى 1321-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"كەلتۈرگەن].

    بەھۇتى رەھىمەھۇللاھ "كەشاپۇل قىنائ"ناملىق ئەسەر 2-توم 366-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئېتىكاپ قىلغۇچى ۋە باشقىلارنىڭ مەسچىتتە سودا-سېتىق قىلىش، ئىجارە قىلىشى چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ سودا-سېتىقنىڭ بىر تۈرىدۇر، ئېلىم-سېتىم قىلىدىغان نەرسە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئېھتىياجى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئوخشاش، چۈنكى ئەمىر ئىبنى شۈئەيب ئاتىسىدىن ئۇ كىشى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەسچىتتە سودا-سېتىق قىلىشتىن ۋە شېئىر ئوقۇشتىن چەكلىگەن». [ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسائى ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە ھەسەن دېگەن].

    ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پاكار بىر ئادەمنىڭ مەسچىتتە بىر نەرسە سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ: ھەي ئادەم! بۇ ئاخىرەتنىڭ بازىرى، سودا قىلماقچى بولساڭ دۇنيانىڭ بازىرىغا چىققىن دېدى.

   مەسچىتتە بىر نەرسە ئېلىش ۋە سېتىش توغرا بولمايدۇ. ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن مەسچىت دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيى، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىنمايدۇ.

    ئىمام ئەبۇ ھەنىپە مەسچىتتە سودا-سېتىق قىلىشنى بولىدۇ دېگەن، ئىمام مالىك بىلەن ئىمام شاپىئىي كىراھىيەت بىلەن بولىدۇ دېگەن".

     مەسچىت دائىرىسى ئىچىدە باشقىلارنىڭ سودا-سېتىق قىلماسلىقى، ھەيزدار ۋە جۇنۇپ كىشىلەرنىڭ يېقىنلاشماسلىقى، كىرىپلا تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇماستىن ئولتۇرماسلىقى، مەسچىتنىڭ ھۆرمىتى، ئورنىنى ئۇلۇغلاش، مەسچىتتە بىھۇدە ئىش قىلىشتىن چەكلەش ۋە باشقا ئەھكاملار بولغانلىقى ئۈچۈن مەسچىت دائىرىسىنى بېكىتىش كېرەك.

   مەسچىت دائىرىسىنى ئۇزۇن ياكى قىسقا تام بىلەن، جەينامازلارنى سېلىش بىلەن ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن مەسچىت بىلەن باشقا جاينىڭ ئارىسىنى ئايرىش كېرەك.

    ئەگەر سودا-سېتىق مەسچىتكە يېقىن جايدا بولسا، مەسچىتتە ناماز ئوقۇغۇچى ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچىلارنى تەشۋىش قىلماسلىق ئۈچۈن تولۇق تام توسىۋېتىش ياخشى بولىدۇ.  

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى