جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مېيىتقا سوغۇرتا شېركىتىدىن بېرىلگەن تۆلەم ياكى ئۆلۈم ئۇزۇتۇش ياردەم پۇلى مېيىتنىڭ قالدۇرغان مىراس جۈملىسىدىن ھېسابلىنامدۇ؟.

سۇئال

چوڭ دادم ۋاپات بولۇپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە كەتتى، ئۇنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىغا سوغۇرتا شېركىتى ۋە خىزمەت ئورنىدىن بېرىلگەن ئۆلۈم ئۇزۇتۇش ياردەم پۇللىرى بار، بۇ بىزنىڭ يۇرتىمىزدا سىرتتىن كەلگەن ياردەم دەپ ئاتىلىدۇ، مېنىڭ سوئالىم: بۇ ياردەم پۇللىرى ۋارىسلىرى مىراس قىلىپ ئۈلىشىدىغان تەرىكىنىڭ جۈملىسدىن ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۇنىڭ ھەممىسى پەقەت ئايالىغىلا بېرىلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزنىڭ يۇرتىدا بېرىلىدىغان ئۆلۈم ئۇزۇتۇش ياردەم پۇلى ياكى ئۆلۈمگە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ۋاپات بولغۇچى ھايات ۋاقتىدا كىمگە بېرىشنى بېكىتكەن بولسا شۇنىڭغا بېرىلىدۇ، ئەگەر ھېچ كىشىگە بېرىشنى بېكىتمىگەن بولسا، سوغۇرتا شېركىتىدىن بېرىلگەن تۆلەم پۇلى تۇل قالغان ئايالىغا سەرپ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئايالى بولمىسا، ئوغۇللىرى ۋە توي قىلمىغان قىزلىرىغا سەرپ قىلىنىدۇ، ئۇلارمۇ بولمىسا ئاتا-ئانىسى ۋە شۇ بويىچە باشقا تۇغقانلىرىغا سەرپ قىلىنىدۇ.

    ئەگەر ۋاپات بولغۇچى ئايلىق ئىش ھەققى ئالىدىغان خىزمەتچى بولۇپ، خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولسا ياكى ئۇنىڭ ۋاپات بولغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئايلىق ئىش ھەققى بېكىتىلگەن بولسا، بۇ تۆلەم پۇل ياكى ئۆلۈم ئۇزۇتۇش پۇلى مېيىت ۋاپات بولغان ئاينىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئاينىڭ ئىش ھەققى بولىدۇ.

    بېرىلگەن بۇ تۆلەم پۇلى مېيىتنىڭ خىزمەتچى بولغانلىقى سەۋەبىدىن بېرىلگەن بولسا، سوغۇرتا شېركىتىدىن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمى ئايرىپ بېرىلگەن بولسا، بۇ تەرىكىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ ۋارىسلىرىنىڭ ھەممىسىگە تەقسىم قېلىنىدۇ.    سۇغۇرتا شېركىتىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ ماھىيەتتە سوغات ياكى ھەدىيە ھېسابلانمايدۇ.

    ئەگەر بىز سىرتتتىن بېرىلگەن بۇ ياردەمنى خىزمەتچىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىدىن ئايرىپ بەرگەن مال ئەمەس دەپ پەرەز قىلساق، بۇ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ خىزمەت تارىخى ئۈچۈن بېرىلگەن سوغات ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە تېرىشچانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا كەسىپ قىلغان مال-مۈلكىگە قېتىلىدۇ ۋە ۋارىسلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

    "پىقھى توپلاملىرى" 11-توم 208-بەتتە، ئىمام شاپىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مېيىت ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان خىزمىتى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ مۈلكىگە قېتىلغان نەرسىمۇ قالدۇرۇپ كەتكەن تەرىكىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ھايات ۋاقتىدا ئوۋ ئولاش ئۈچۈن قاپقان قۇرغان بولسا ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن قاپقانغا چۈشكەن نەرسىمۇ ئۇنىڭ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئوۋ ئولاش ئۈچۈن قۇرغان قاپقاننى چۈشكەن نەرسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن قۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۈلكى ھېسابلىنىدۇ. ["ئەسىننىل مەتالىب"3-توم 3-بەت. "تۆھپەتۇل مۇھتاج"6-توم 382-بەت].

    خىزمەتچى تۆلەم پۇلىنى ئۈلۈشۈشكە ھەقلىق بولغانلارنى بېكىتسە ۋارىسلارنىڭ ھەممىسىنى بېكىتىشى كېرەك، تۆلەم پۇلىنىڭ ھەممە ۋارىسلىرىغا بېرىلىشىنى ۋەسىيەت قىلىشى كېرەك. بەزى ۋاقىتتا يازما ۋەسىيەت بويىچە چوڭ دادا ۋارىس بولىدۇ، ياكى ئۇ ۋاپات بولغان بولسا قالغانلار ۋارىس بولىدۇ.

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 217207- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى