سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللار ئۈچۈن ھېيت نامىزى ئوقۇش سۈننەتتۇر

سۇئال

ئايالغىمۇ ھېيت نامىزى ئوقۇش پەرىزمۇ؟ ئەگەر پەرز بولسا ئۆيىدە ئوقۇمدۇ ياكى ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغا چېقىپ ئوقۇمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئاياللار ئۈچۈن ھېيت نامىزى ئوقۇش پەرىز ئەمەس بەلكى ئۇلار ئۈچۈن سۈننەتتۇر، ئاياللارمۇ ھېيت نامىزىنى ناماز ئوقۇيدىغان جايدا مۇسۇلمان جامائەتلەر بىلەن بىرگە ئوقۇيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان.

    ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى يەنى ئاياللارنى قىزلارنى ھەتتا ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللارنىمۇ ھېيت نامىزىغا چېقىشقا بۇيرىغان. ئەمما ئۇلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن يىراقراق تۇرۇشقا بۇيرىغان. [بۇخارى رىۋايىتى931- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 890-ھەدىس].

   يەنە بىر رىۋايەتتە: قىز-ئاياللار ھېيت نامىزىغا چىقىشقا بۇيرۇلدۇق دېگەن.

    تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىزلار، چوكانلار، چوڭ ئاياللارنى ھەتتا ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللارنىمۇ ئىككى ھېيت نامىزىغا چېقىشقا بۇيرىيتتى. ئەمما ھەيزدارلار ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن يىراق بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرىغا قاتنىشاتتى، ئاياللاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بەزىلىرىمىزنىڭ پۈركەنچىمىز يوق دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەمشىلىرىنىڭ پۈركەنچىسىنى ئارىيەت ئالسۇن دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە: ھەپسە بىنتى سىيرىين مۇنداق دەيدۇ: ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس سۆزلىسە، ئاتام پىدا بولسۇن دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلىتەتتى، ئۇنىڭدىن: سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق، مۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغانمۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ھەئە، ئاتام پىدا بولسۇن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاياللار، قىزلار ۋە ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللارنى ھېيت نامىزىغا چېقىشقا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئاسىغا قاتنىشىشقا بۇيرىدى، ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللارنى ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرىدى. [بۇخارى رىۋايىتى841-ھەدىس].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن، ئاياللارنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىغا چىقىشىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولۇق ئۇرۇنۇپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەستىن چېقىشى شەرت قىلىنىدۇ.

    ئاق-قارىنى ئايرىدىغان بالىلارنىڭ ھېيت نامىزى ، جۇمە نامىزى ۋە باشقا نامازلارغا چېقىشى شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ياخشى ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ توغرىدا نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا ياخشى ئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى8-توم 284-286-بەت.