پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

زاكات ۋە سەدىقىلەرنى كەمبەغەللەرنى بىكارغا داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا بېرىش توغرىسىدا

269361

تارقاتقان ۋاقىت : 20-01-2019

كۆرگۈچىلەر : 1796

سۇئال

ھىندىستاندا مەن ياشايدىغان شەھەردە راك كېسەللىكلىرى دوختۇرخاسى بار، ئۇلار ئاساسەن نامراتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، باي-كەمبەغەللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قېلىدۇ، كەمبەغەللەر بىكارغا داۋالىنىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەر-رايۇنلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىدۇ، كۆپچىلىك كىشىلەر زاكات-سەدىقىلىرىنى بۇ دوختۇرخانىغا بېرىدۇ، لېكىن دوختۇرخا باشلىقى توغرا يول تۇتمايدىغان كىشى، كۆپچىلىك كىشىلەر ئۇنى ئەخلاقى ناچار دەيدۇ، ئۇنىڭ توغرىسىدا تارقالغان نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەر بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىلىرى توغرا. مېنىڭ سوئالىم: نامراتلارغا يارەم بېرىدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دوختۇرخانىلارغا زاكات-سەدىقىلەرنى بەرسەك توغرا بولامدۇ؟ گەرچە دوختۇرخانىنى كۈزۈتۈپ تۇرىدىغان كۈزۈتۈش ھەيئەتلىرى بولسىمۇ، دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ بەزى ماللارنى ئۆزى ئېشلىتىپ كېتىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك، بەرگەن سەدىقىلىرىمىزنىڭ 100% نامراتلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمىز، لېكىن دوختۇرخانىدىن سەرپ قېلىنىۋاتقان داۋالاشقا قارىغاندا، دوختۇرخا باشلىقى توپلانغان ئىقتىسادنىڭ ھەممىسىنى بولمىسىمۇ بەزىسىدىن ئۆزى پايدىلىنىدىكەن، دوختۇرخانىغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچ قانداق ياردەم بېرىلمەيدىكەن، دوختۇرخانىنىڭ بىردىن-بىر كېرىمى زاكات-سەدىقىدىن كېرىدىكەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سوئالدا بايان قېلىنغاندەك دوختۇرخانىدىن نامرات، كەمبەغەللەر مەنپەئەتلىنىدىغان بولسا، ھۆكۆمەتتىن ھېچ قانداق ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى ۋە خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن سەدىقە ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ياردەملەرنى بەرسە بولىدۇ.

مۇمكىن بولسا كىشىلەر تېرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ دوختۇرخانا باشلىقىنى ئىقتىسادقا يالغۇز ئىگە بولۇشتىن چەكلەش كېرەك، يېڭىدىن كۈزەتكۈچىلەر ھەيئىتى قۇرۇش ياكى جەمئىيەت تەرەپتىن كۈچلۈك بېسىم قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ۋاستىلارنى قوللىنىش كېرەك.

    ئەگەر ئۇنىڭ ئومۇمنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە بىمارلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا بولغان ئاچ كۆزلىكىنى توسۇش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئىشلاردىن پايدىلىق بولغانلىرىغا قاراش كېرەك:

    دوختۇرخانىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كىشىلەرگە كېلىدىغان مەنپەئەت كۆپ بولسا، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىمارلارنىڭ داۋالىنىشى تەرەپتىن  پايدىلىنىدىغان مەنپەئەتكە كۆرە دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چېقىدىغان مالىيە زېيىنى ئازراق بولسا، ئۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا سەدىقە ۋە باشقا ياردەملەرنى بەرسە بولىدۇ.

    ئەگەر بېرىلىدىغان سەدىقە نەخپۇل، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكىنلىرى قاتارلىق نەرسىلەر بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئاچ كۆزلۈكىنى يوق قىلغىلى ياكى ئازايتقىلى بولىدۇ، شۇنداق بولسا بۇ ھالەتتە نەخپۇل، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى بەرسە ياخشى بولىدۇ.

    ئەگەر بەزى كىشىلەر ئېھتىياتەن سەدىقىنى نامراتلارنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاللىسا بۇمۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ ئېھتىياجلىق بىمارلار ۋە مۇشۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ-كېتىدىغان نامراتلار كۆپ بولغان ئەھۋالدا ياكى بۇ يەرگە كەلمىسىمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەر بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ياخشى بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "بىزنىڭ رايۇنىمىزدا خەيرىيەت جەمئىيتىنىڭ بىر تارمىقى بار، مەلۇم مىقداردا زاكات ماللىرىدىن بەرسەم بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "خەيرىيەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قېلىۋاتقان كىشىلەر دىنى ۋە ئىلمى تەرەپتىن ئىشنەچىلىك كىشىلەر بولسا ئۇلارغا بۇ زاكات ماللىرى دەپ خەۋەر بېرىپ زاكات سەرپ قېلىنىدىغان ئورۇنلارغا سەرپ قىلىشى ئۈچۈن زاكات ماللىرىڭىزدىن بەرسىڭىز بولىدۇ.

    ئەگەر سىز ئۇ يەردە خىزمەت قېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان بولسىڭىز، زاكات ماللىرىڭىزنى ئۆزىڭىز سەرپ قىلسىڭىز بەك ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ زاكات ماللىرىنى ئۆزى بىۋاستە ھەقلىق كىشىلەرگە سەرپ قىلسا، زاكاتنىڭ ئۆز ئىگىسىگە يەتكەنلىكىگە كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ، باشقىلارغا ھاۋالە قىلغاندىن ئۆزى بەرسە، زاكاتنى ئۆز ئەھلىگە يەتكۈزۈش يولىدا تارتقان قېيىنچىلىقلىرىغا يارىشا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"7-توم 408-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى