جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

چېركاۋنىڭ ئۈستىدىكى ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ۋە ئايالىم سۈرىيەلىك، ئايالىم بىلەن بىرگە شىۋىتسىيەدە تۇرىمەن، بۇ يەردە تۇرالغۇ ئۆي تېپىش مەسىلىسىدە زور قىيىنچىلىق بار، بىز پاك ئىسلام دىنىغا چىڭ ئىسىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ، بۇ يەردىمۇ كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىمىز، بىزنىڭ چېركاۋ ۋە ئۇ يەرگە كېلىپ-كېتىۋاتقانلار بىلەن بولغان ئالاقىمىز ياخشى، بىزنىڭ ئاساس نىشانىمىز تونۇشقان كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشقا ئۇرۇنۇش، خرىستىئان كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ ياكى بىرەر سورۇندا بىرگە بولۇپ قالساق، بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك شەكىلدە ئۇلارنى دىنغا دەۋەت قىلىشقا ئۇرىنىمىز، مېنىڭ سوئالىم: چېركاۋنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە بىر يۈرۈش ئۆي بار بولۇپ، ئۇنىڭ چېركاۋنىڭ ياكى زالنىڭ كېرىش ئېغىزىدىن ئايرىم ئىشىك، پەلەمپىيى بار، ئۇلار بىزگە مۇشۇ ئۆينى ئىجارىگە بەرمەكچى بولدى، ئۇلار بىزنىڭ ھەقىقى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىق بىلىدۇ، ئۆي ۋە ئۆينىڭ ئەتراپىدا كرېست دېگەندەك خرىستىئانلىق بەلگىسىدىن ھېچ بىرى تېپىلمايدۇ، ئاشۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرساق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىز بۇ سوئالنى ئۇستازىمىز ئابدۇرەھمان ئەلبەرراكقا (ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن) سۇنغان ئىدۇق، ئۇستاز جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: "سىلەر بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئىلىپ تۇرساڭلار بولىدۇ، ئەگەر سۈرەتلەر ۋە خرىستىئانلارنىڭ دىنى بەلگىسى تېپىلىپ قالسا، مۇمكىن بولسا ئۇنى يوق قىلىۋېتىش كېرەك، يوق قىلىۋېتىش مۇمكىن بولمىسا ئۇنى بىر نەرسە بىلەن ئوراپ قويسىمۇ بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد