جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

زاكات ماللىرىنى بالىلار راك كېسەللىكىنى داۋالاش دوختۇرخانىسىغا بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

زاكات ماللىرىنى بالىلار راك كېسەللىكىنى داۋالاش دوختۇرخانىسىغا بەرسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: زاكات بېرىلىدىغان ئورۇنلارنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەلگىلەپ، ئوچۇق بايان قىلىپ بەرگەن، زاكاتنى ئاللاھ تائالا بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنلارنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلغان كىشىدىن زاكات ئادا بولمايدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن زاكاتنى قايتىدىن ئادا قىلىش ۋە ئۆز ئورنىغا يەتكۈزۈش كېرەك بولىدۇ. زاكات بېرىلىدىغان ئورۇنلارنى بېلىش ئۈچۈن46209- نومۇرلۇقسوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

دوختۇرخانا ياساش، ئۇنىڭغا كېتىدىغان لازىمەتلىكلەرنى تەييار قىلىش ۋە سېتىۋېلىش زاكات بېرىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 212183 – ۋە 224651- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

دوختۇرخانىغا زاكات ماللىرىنى بەرگەن كىشى ئۈچۈن ئۇ مالنى شەرىئەت كۆرسەتكەن زاكات سەرپ قېلىش ئورۇنلىرىغا سەرپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەش قېيىن بولىدۇ، دوختۇرخانا زاكات ماللىرىنى دوختۇرخانىنى ياساش، كېڭەيتىش ياكى تىببى لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش ياكى دوختۇرخانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى ۋە مۇكاپات ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش ياكى باي بولسۇن، كەمبەغەل بولسۇن، مۇسۇلمان بولسۇن ۋە كاپىر بولسۇن ھەرقانداق كېسەللەرگە بېرىدىغان دورىلارنى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىنىشى مۇمكىن.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، پەقەت كېسەللىكنىڭ ئۆزىلا ئىنساننى زاكات ئىلىشقا ھەقلىق بولىدىغان سەۋەپ بولالمايدۇ، بەلكى ئۇ بىمارنىڭ پىقىر ياكى مىسكىن بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، يەنى داۋالىنىشقا يەتكۈدەك ئىقتىساتى يوق، مالغا ئېھتىياجلىق بولىشى كېرەك، ياكى داۋالاش راسخۇتلىرىنى تۆلىيەلمەي دوختۇرخانىغا قەرز بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن بەرسە توغرا بولىدۇ. يەنە شۇ كىشىنىڭ چوقۇم مۇسۇلمان بولىشى كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا دوختۇرخانىغا زاكات ماللىرىنى بېرىش بىلەن تۈرلۈك قېيىنچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، زاكاتنى بەرگۈچى بەرگەن زاكاتنى شەرىئەت بەلگىلىگەن زاكات بېرىش ئورۇنلىرىغا بەردىمۇ بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ.

دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: "پادىشاھ پايسال دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن ئۇقتۇرۇشتا، دوختۇرخانىغا قويۇلغان ياخشى ئىشلارغا ياردەم بېرىش فۇند ساندۇقىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، ئۇلار بۇ ماللارنى رىياد شەھرىدە تۇرۇشلۇق دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشكە قادىر بولالمايدىغان كەمبەغەللەرگە، رىياد شەھرىنىڭ سىرتىدىن ياكى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىغا سەرپ قىلىدىكەن، مۇشۇ ساندۇققا زاكات ماللىرىدىن بەرسەك توغرا بولامدۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن، ھەممەيلەننىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزنى خالىس ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللەردىن قىلسۇن دېگەن مەزمۇندا سوئال سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: مۇشۇنداق فوندى جەمئىيەت ياكى دوختۇرخانىلاردىكى ياردەم ساندۇقىغا زاكات ماللىرىنى بېرىشنى توغرا دەپ قارىمايمىز، چۈنكى بۇ ياردەملەردىن مەنپەئەتلىنىدىغان كىشىلەر ئىشەنچىلىك دەلىللەرگە تايانغاندا، شەرىئەتتە ئوچۇق بايان قىلىنغان زاكات بېرىش ئورۇنلىرىغا كىرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار. دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 9-توم 437- 438-بەت.

سوئال ئېھتىياجلىق بولغان پىقىر-مىسكىنلەرگە خاس بولغان ساندۇق توغرىسىدا بولسىمۇ، لېكىنكۆپ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ كەمبەغەللىكى ۋە ھاجەتمەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار زاكاتنى بەرگۈچىگە نىسبەتەن ناتونۇش كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ، ساندۇقنى باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەنمۇ زاكاتنى شەرىئەت بېكىتكەن ئەسلى ئورۇنغا يەتكۈزدى دەپتولۇق ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىسى زاكات ماللىرىنى دوختۇرخانىغا ياردەم قىلماسلىق كېرەك، ئومۇمى تەرەپتىن شۇنداق بولىدۇ.

ئىككىنچى: ئەگەر زاكات بەرگۈچى ماللىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى مۇشۇنداق ئورۇنلارغا بەرمىسە كوڭلى خاتىرجەم بولمايدىغان بولۇپ قالسا، بۇنى شەرئى پرىنسىپ بويىچە ھەل قىلىشنىڭ يولى: ئۇ كىشى دوختۇرخانىغا بېرىپ، بىمارلارنى يوقلاپ، كەمبەغەللەرنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەك ئېھتىياجلىق بولغانلارغا ياكى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ مال سەرپ قىلىۋاتقانلارغا ئۆز قولى بىلەن بەرسە يەنى ئىشەنچىلىك كىشىلەر ئارقىلىق زاكاتقا ھەقلىق بولغان بىمارغا يەتكۇزۇلىدىغان بولسا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى