شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

مالنى سەدىقە قىلغۇچى، ھەدىيە قىلغۇچى مەقسەت قىلغاندىن باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسىمۇ توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مېنىڭ بىر يېقىنىم خىزمەت ئىزدەپ باشقا شەھەرگە بېرىشنى مەقسەت قىلدى، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ سەپەردە خىراجەت قىلىشى ئۈچۈن مەلۇم مىقدار پۇل توپلاپ بەردى، بۇ يېقىنىم مېنى كۆرگەندە مالدىن مەلۇم مىقداردا ماڭا ھەدىيە قىلدى، مېنىڭ ئۇ ھەدىيە قىلغان مالنى ئېلىشىم توغرا بولامدۇ؟، ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى بىلىپ قالسا ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ، چۈنكى يېقىنىم بۇ مالنى  ئۇلار بەرگەن مەقسەتنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلدى. بەزىلەر: مال ئۇنىڭغا بېرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بولىدۇ، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلسا ئىختىيارى، ئۇنى ئۆزى خالىغان ئىشلارغا سەرپ قىلسا بولىدۇ دەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مالنى ئائىلىسىدىكىلەر ئۇ كىشىگە سەپەردە خىراجەت قىلىش ئۈچۈن بەرگەن بولسا-سوئالدا بايان قىلىنغاندەك- ئۇ كىشىنىڭ مالنى ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىشى ۋە مالنى بەرگەن كىشىلەرنىڭ رۇختىسىز باشقىلارغا ھەدىيە قىلىشى توغرا بولمايدۇ. سەپەردىن ئاشقان مالنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ. 

    ئەگەر تۇغقانلىرى مالنى ھەدىيە، سوغات ياكى سەدىقە دەپ ئۇنى سەرپ قىلىدىغان مۇئەييەن بىر ئىشنى بېكىتىپ بەرمىگەن بولسا ياكى ئېنىق بولغان بىرەر سەۋەپ بىلەن بەرمىگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مال ئۇنىڭ مۈلكى بولىدۇ، ئۇنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلسا بولىدۇ.

    شەيخ زەكەرىيا ئەنسارىينىڭ" ئەسىننىل مەتالىب" ناملىق ئەسىرى 2-توم 479-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر ئۇ كىشىگە بىر دىرھەم بېرىپ بۇنىڭغا باش كىيمى سېتىۋالغىن ياكى ھاممامغا كىرگىن دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان بولسا، بۇ مۇئەييەن بىر ئىشنى بېكىتكەن بولدى، پۇلنى بەرگۈچىنىڭ مەقسىتىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

    پۇلنى بەرگۈچى ئۇ كىشىنىڭ باش كېيىمى بىلەن بېشىنى ئورىشىنى، ھاممامغا كىرىپ يۇيۇنۇپ پاكىزلىنىشىنى مەقسەت قىلغان بولسا، كېيىن پۇلنى ئالغان كىشىنىڭ بېشى ئوچۇق ياكى چاچلىرى چۇۋۇق، بەدەنلىرى كىر ھالىتىنى كۆرگەن بولسا ئۇنى قايتۇرىۋېلىش ھەققى بولىدۇ، ئەمما ھېچ ئىشنى مەقسەت قىلماستىن ئادەتتىكىدەك ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بىرەر ئىشنى تەيىن قىلماي بەرگەن بولسا، ئۇ كىشى مالنى قانداق بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ، چۈنكى مال ئۇنىڭ مۈلكى".

     شەيخ سۇلايمان بىن ئۆمەر جەمەل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىپتار قىلىڭ دەپ خورما بەرگەن بولسا، بۇنى مەلۇم بىر ئىشقا تەيىن قىلغىنى ئېنىق بولدى، بەرگۈچىنىڭ مەقسىتىنى نەزەرگە ئېلىپ خورمىنى ئىپتار قىلماي باشقا ئىشقا سەرپ قىلىش توغرا بولمايدۇ". ["ھاشىيەتىل جەمەل ئەلا شەرھى مەنھەج" 2-توم 328-بەت].

   دەردىير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جامائەت ياكى شەخس خوجايىنى بىلەن توختام قىلىشقان مۇكاتەپ قۇلغا ياردەم قىلغان بولۇپ، توختام قىلىشقان قۇل پۇلنى خوجايىنغا بېرىپ قولىدا ئېشىپ قالغان بولسا، ياكى ئۇ پۇل يەتمىگەن ئەھۋالدا، ئۇلار ياردەم قىلغان پۇل بىلەن سەدىقىنى مەقسەت قىلماي قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشىنى مەقسەت قىلغان بولسا، قۇل قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشتىن ئاجىز كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ پۇلنى بەرگەن مەقسىتى ھاسىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن قۇلدىن ئېشىپ قالغان پۇلنى، يەنى خوجايىندىن قۇل بەرگەن پۇلنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

    ئەگەر پۇلنى سەدىقىنى مەقسەت قىلىپ بەرگەن بولسا قۇلنىڭ قولىدا ئاشقان پۇلنى قايتۇرۇۋالمايدۇ، شۇنداقلا قۇل قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشتىن ئاجىز كېلىپ خوجايىنغا بەرگەن پۇلنىمۇ قايتۇرۇۋالمايدۇ، چۈنكى سەدىقە بىلەن بولغان مەقسەت قۇل بولۇپ، ئۇلار مالنى قۇلغا بېرىش بىلەن ئۇنى مالغا ئىگە قىلدى". [دەردەرىينىڭ" شەرھىل كەبىر" 4-توم 404-بەت]. 

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: سىز يېقىنىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بەرگەن ھەدىيسىنى قوبۇل قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، مالنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىشىڭىز، شۇنداقلا بىز بايان قىلغان ھۆكۈمنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كېرەك.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى