پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بەرىكەتنى قانداق كەلتۈرۈش توغرىسىدا

سۇئال

بىزنىڭ مال-مۈلكىمىز، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمىز، ئۆزىمىز ۋە باشقا ئىشلىرىمىزغا بەرىكەت قانداق چۈشىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بەرىكەت دېگەن ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىدىن بىر نېئمەتتۇر، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئىشنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن ھازىر بولىدۇ:

   بىرىنچى ئىش: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش، بۇ بۇيرۇقلارنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىلەردىن يىراق بولۇش، بۇيرۇقنى تولۇق ئادا قىلالمىسا ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ سالسا ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراش بىلەن بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْقُرَى آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَفَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَرَكَاتٍ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ وَلَكِنْ كَذَّبُوا فَأَخَذْنَاهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ  تەرجىمىسى: (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان ـ زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار(پەيغەمبەرلەرنى)ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق. [سۈرە ئەئراپ 96-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:  فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا ، يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا ، وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا  تەرجىمىسى: (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ. [سۈرە نۇھ 10-12-ئايەت]. 

    ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِلَى عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا قَالَ يَاقَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَهٍ غَيْرُهُ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا مُفْتَرُونَ ، يَاقَوْمِ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى الَّذِي فَطَرَنِي أَفَلَا تَعْقِلُونَ ، وَيَاقَوْمِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إِلَى قُوَّتِكُمْ وَلَا تَتَوَلَّوْا مُجْرِمِينَ  تەرجىمىسى: «ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى:«ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھدىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەر (ئاللاھدىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن) پەقەت (ئاللاھقا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر، «ئى قەۋمىم! مەن تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار. [سۈرە ھۇد 50-52-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتابلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْ أَنَّهُمْ أَقَامُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِمْ مِنْ رَبِّهِمْ لَأَكَلُوا مِنْ فَوْقِهِمْ وَمِنْ تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ تەرجىمىسى: ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىن يېيىشەر ئىدى (يەنى ئۇلارغا ئاسمان ـ زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى). [سۈرە مائىدە 66-ئايەت].

    بەرىكەتنى كەلتۈرىدىغان تەقۋادارلىق ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئۇرۇغ-تۇغقانلىقنى ئۇلاش ۋە ئۇنى ئۈزمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: رىزىقىنىڭ كەڭرى بولىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن خۇرسەن بولۇشنى خالىغان كىشى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلىسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى 2067-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2557-ھەدىس].

    شۇنىڭدەك كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىدە ئالدامچىلىق، جازانىخورلۇق قاتارلىق چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردىن يىراق بولۇش بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ  تەرجىمىسى: ئاللاھ جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەربىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 276-ئايەت].

    مەشھۇر مۇپەسسىر شەيخ مۇھەممەد ئەمىين شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ: ئاللاھ جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ دېگەن ئايەتتە جازانە بىلەن بولغان مۇئامىلىنىڭ بەركىتىنىڭ ئۆچۈپ كېتىدىغانلىقى، مال ئىگىسىنىڭ قولىدىن مىلىنىڭ ھەممىسىنىڭ كېتىپ قالىدىغانلىقى ياكى ئۇ مىلىنىڭ بەركىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدىغانلىقى ئوچوق بايان قىلىنىدۇ، ئىبنى كەسىر ۋە باشقا تەپسىرشۇناس ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن". ["ئەزۋائۇل بايان"1-توم 270-بەت].

    ھەكىم ئىبنى ئىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىككى سودا قىلغۇچى ئايرىلىپ كەتمىگەن مۇددەتتە ياكى ئايرىلىپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئىخىتيارلىق بىلەن بولىدۇ، ئۆز-ئارا راست سۆز قىلسا ئۇلارنىڭ سودىسىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ، ئەگەر مالنىڭ ئەيىپىنى يوشۇرۇپ يالغان سۆزلىسە ئۇلارنىڭ سودىسىنىڭ بەرىكىتى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2079-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1532-ھەدىس].

    ئىككىنچى ئىش: بەرىكەت ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش بىلەن تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِنْ شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ  تەرجىمىسى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: نېئمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن،دېدى. [سۈرە ئىبراھىم 7-ئايەت].

   نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىش دىل بىلەن، تىل بىلەن ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن بولىدۇ.

   دىل بىلەن شۈكۈر ئېيتىش نېئمەتنىڭ ئاللاھنىڭ خاس پەزلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە دىلىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە بۇرىۋەتمەسلىك بىلەن بولىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كىشىلەر نېئمەتنى ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىگە نىسبەت بېرىش بىلەن كاپىر بولغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:  يَعْرِفُونَ نِعْمَتَ اللَّهِ ثُمَّ يُنْكِرُونَهَا وَأَكْثَرُهُمُ الْكَافِرُونَ  تەرجىمىسى: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن(ئاللاھدىن باشقا بىرىگە ئىبادەت قىلىش بىلەن)ئۇ نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كاپىردۇر (يەنى كاپىر پېتىچە ئۆلىدۇ)نەھل سۈرىسى 83-ئايەت.

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن (ئاللاھدىن باشقا بىرىگە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئۇ نېئمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كاپىردۇر (يەنى كاپىر پېتىچە ئۆلىدۇ) بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە ئاشۇ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئارتۇقچە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر، شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇلار بۇ نېئمەتنى ئىنكار قىلىدۇ، ئاللاھ باشقا نەرسىلەرنى شېرىك قىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ، غەلىبە-نۇسرەت ۋە رىزىقنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە نىسبەت بېرىدۇ. ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 4-توم 592-بەت].

    تىل بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا؛ بۇ نېئمەتنى ياراتقۇچى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىش، بۇ نېئمەتكە ئاساسەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش، ئۆزىنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بىلەن باشقىلارغا پەخىر قىلماسلىق، مۇشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ نېئمىتى دەپ چۈشىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

   ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بولسا، بۇ نېئمەتلەرنى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ۋە ھارام قىلغان يوللارغا سەرىپ قىلماسلىق بىلەن بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە خەير-ئېھسان قىلغاندەك، باشقىلارغا خەير-ئېھسان قىلىشمۇ ئەزالىرى-ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شۈكۈر ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.  باشقىلارغا خەير-ئېھسان قىلىش ئاللاھنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئېھسان قىلىشىغا ئېرىشىشنىڭ يولىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  هَلْ جَزَاءُ الْإِحْسَانِ إِلَّا الْإِحْسَانُ  تەرجىمىسى: ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. [سۈرە رەھمان 60-ئايەت].

   ئۈچىنچى ئىش: مۇشۇ نېئمەتلەردىن بىرەرنى ئىشلەتكەندە يەنى يىمەك يېگەندە، ئىچىملىك ئىچكەندە، ئۆيگە كىرگەندە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا بىسمىللا بىلەن باشلىغاندەك ئىسلامى ئەدەبلەرگىمۇ ئەمەل قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، يىمەك يېگەندە ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەرگە بۇ ئۆيدە قونۇش يوق ۋە كەچلىك يىمەك يوق دەيدۇ، ئەگەر ئۆيگە كىرگەندە ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ كېچە قونىدىغان جاي تاپتىڭلار دەيدۇ، يىمەك يېگەندە ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا: بۇ كېچە قونىدىغان جاي ۋە كەچلىك يىمەك تاپتىڭلار دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2018-ھەدىس].

    شۇنىڭدەك يىمەكنى ئايرىم-ئايرىم يېمەستىن كۆپچىلىك بىرگە يېسە، يىمەك-ئىچمەكنى ئىسراپ قىلمىسا يەنە چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن ۋە بەك ئازلىتىۋەتمەستىن ھاجەت مىقدارى قىلسا بۇنىڭدىمۇ بەرىكەت بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَآتِ ذَا الْقُرْبَى حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرْ تَبْذِيرًا ، إِنَّ الْمُبَذِّرِينَ كَانُوا إِخْوَانَ الشَّيَاطِينِ وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِرَبِّهِ كَفُورًا ، وَإِمَّا تُعْرِضَنَّ عَنْهُمُ ابْتِغَاءَ رَحْمَةٍ مِنْ رَبِّكَ تَرْجُوهَا فَقُلْ لَهُمْ قَوْلًا مَيْسُورًا ، وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَى عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَحْسُورًا  تەرجىمىسى: تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبىن ـ سەبىلگە (خەيرى ـ ساخاۋەتتىن) ھەققىنى بەرگىن، (پۇل ـ مېلىڭنى ناتوغرا يوللارغا) ئىسراپ قىلمىغىن، ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان پەرۋەردىگارىم تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى، ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارغا خەيرى ـ ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ (يەنى قولۇڭدا ئۇلارغا بېرىدىغان بىر نەرسە بولمىسا)، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن، قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇۋەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن. [سۈرە ئىسرا 26-27-28-29-ئايەتلەر].

    مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە، ئۇنىڭ ئۈممىتىگە تەلىم بەرگەن ئۆزى بىلەن، ئائىلىسى بىلەن ۋە مال-مۈلكى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەدەپلىرىگە ئەگىشىشكە ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.

    بۇ توغرىدا ئەڭ مەنپەئەتلىك ۋە ئۈگىنىش ئاسان بولغان ئەسەر ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ :"ياخشىلار باغچىسى" ناملىق كىتابىدۇر.

    مۇسۇلمان كىشى ئەتتىگەنلىك-كەچلىك زىكىرلەر، ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى زىكىرلەر ۋە باشقا شەرىئەت كۆرسەتكەن تۈرلۈك زىكەرلەرنى ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشى كېرەك.

     مۇسۇلمان ئۆزى، ئەھلى ۋە ماللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا پايدىلىق بولغان كىتابلاردىن سۈننەت بولغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك، ئۇ كىتابلارنىڭ ئەڭ ئىخچام، پايدىلىق بولغىنى، شەيخ سەئىد ئىبنى ئەلى ئىبنى ۋەھب قەھتانىنىڭ: "قۇرئان-ھەدىستىن ئېلىنغان زىكىرلەردىن ئىبارەت بولغان "ھىسنۇل مۇسلىم" ناملىق كىتابچىسىدۇر.

     خۇلاسە: مۇسۇلمان تەقۋادارلىق بىلەن بەرىكەتنى ھاسىل قىلىدۇ، تەقۋادارلىق دېگەن، چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلىشقا تېرىشىش، خاتالىقلىرى ئۈچۈن تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىش، بارلىق ئەھۋاللىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: "مۇسۇلمان ھاياتىدىكى بەرىكەتنىڭ سەۋەبلىرى" ناملىق ئەسەرگە قارالسۇن.

http://www.alukah.net/sharia/0/44260/

     بەرىكەتنى قانداق قىلغاندا ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدا بۇ ئۈلىنىشتىن پايدىلىنىش مۇمكىن. :

http://www.saaid.net/Doat/yahia/118.htm

    ئاللاھ تائالادىن سىز ۋە بىزنى بەرىكەتكە مۇۋەپپەق قىلىشىنى ۋە ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى