پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەيىت ئۆزى ۋە روھى ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئىشلارنى ھېس قىلالامدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال

   بۇ مۇھىم سوئال بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن، بۇ توغرىدا تور بەتلىرىدىن كۆپ ئىزدەندىم، ئەمما جاۋابىنى تاپالمىدىم، ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆلۈم پەرىشتىسى روھنى ئىلىپ  يەنە بىر پەرىشتىگە جەننەتتىن ئىلىپ چىققان كېپەن بىلەن كېپەنلەش ئۈچۈن بېرىدۇ، بۇنى مەيىت ھېس قىلالامدۇ؟ پەرىشتىلەر روھنى ئىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ، ئاسماننىڭ ئېشىكىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلار: بۇ خۇشبۇي، پاك روھ كىمنىڭ؟ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: پالانىنىڭ دەيدۇ، مەيىت مۇشۇلارنى ھېس قىلىپ ۋە كۆرۈپ تۇرامدۇ؟. يەتتىنچى ئاسمانغا ئىلىپ چىققاندا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇنى زېمىنغا ئىلىپ چۈشۈڭلار دېگەن سۆزىنى ئاڭلىيالامدۇ؟ زېمىندا نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ ئۇنى قەيەرگە ئىلىپ بارىدۇ بۇنى ھېس قىلامدۇ؟. كىشىلەر مەيىتنى يۇيۇۋاتقاندا ۋە قەبرىستانلىققا ئىلىپ كېتىۋاتقىنىدا ئۆزىنى كۆرەلەمدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بويسۇنۇشى كېرەك بولغان غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن سورالمايدۇ، چۈنكى ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ھەقىقىتى ۋە قانداق بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ كىم بىلمەيدۇ.

    روھمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاش يارىتىلغۇچى مەخلۇقتۇر، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدۇر. ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بۇنىڭ ئىلمىنى ئاللاھ ئۆزىگە خاس قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بىر زىرائەتلىكتا ئولتۇراتتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پاخالغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز بۇ يەردىن بىر توپ يەھۇدىيلار ئۆتتى، ئۇلار بىزنى كۆرۈپ، بەزىسى بەزىسىگە: ئۇنىڭدىن يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن روھ توغرىسىدا سوراڭلار دېدى، بەزىلىرى: ئۇ سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر نەرسىلەرنى دېمەسمۇ؟ دېدى، بەزىلىرى: سوراڭلار دېدى، ئۇلار:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن روھ توغرىسىدا سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆز قىلمىدى ۋە ئۇلارغا جاۋاپمۇ بەرمىدى، مەن ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلدىم، ئورنۇمدىن تۇردۇم، شۇ ۋاقىتتا مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى:  وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوحِ قُلْ الرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّي وَمَا أُوتِيتُمْ مِنْ الْعِلْمِ إِلا قَلِيلا ‏ تەرجىمىسى: «ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ، دېگىن. سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].

     ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە روھنى بىر تۈرلۈك سۈپەتلەر بىلەن ئاتىغان، ئۇنىڭدىن: قەبزى قىلىش، ۋاپات تاپتۇرۇش، تارتىش، كېپەنلەش، كەلتۈرۈش، كەتكۈزۈش، ئۆرلىتىش، چۈشۈرۈش، خىمىردىن قىلنى سۇغارغاندەك سۇغۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، شۇنى بىلىش كېرەككى، روھ دېگەن بەدەنگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنى قۇرئان، ھەدىستە كەلگەن سۈپەتلەر بويىچە ئىسپاتلاش كېرەك بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئىنساننىڭ ۋاپات بولىشى يەنى روھىنىڭ جىسمىدىن چىقىپ كېتىشى بولۇپ، قەبىرگە دەپنە قىلغاندىن كېيىن روھى بەدىنىگە قايتىپ كېلەمدۇ ياكى باشقا جايغا كېتەمدۇ؟ روھ قەبىردە بەدەنگە قايتىدىغان بولسا بۇ قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: «ئىنسان ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ روھى قەبىردە ئۇنىڭغا قايتىدۇ، ئۇنىڭدىن رەببى، دىينى ۋە پەيغەمبىرى توغرىسىدا سوئال قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا دۇنيادا ھەق سۆزىدە مۇستەھكەم تۇرغان، ئاللاھقا ئىشەنگەن مۇئمىنلەرنى ئاخىرەتتىمۇ ھەق سۆزدە مۇستەھكەم قىلىدۇ، مۇئمىن كىشى: رەببىم ئاللاھ، دىينىم ئىسلام، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەيدۇ، ئەمما كاپىر ياكى مۇناپىق بۇ توغرىدا سوئال قىلىنغاندا، ھە، ھە، مەن بىلمەيمەن، كىشىلەرنىڭ شۇنداق بىر سۆزلەرنى دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ».

    روھنىڭ قەبىردە ئىنساننىڭ بەدىنىگە قايتىشى دۇنيادا ئىنساننىڭ بەدىنىدە بولغانغا ئوخشاش بولمايدۇ، چۈنكى قەبىر دېگەن ئاخىرەت ھاياتىدۇر، ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، چۈنكى بىزگە ئۇ يەردىكى ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىگەن.

    قۇرئان-ھەدىستە بىزگە خەۋەر بېرىلمىگەن غەيبى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلماستىن توختاش زۆرۈر بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْؤُولاً تەرجىمىسى: «بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ.» [سۈرە ئىسرا 36-ئايەت].

"شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 4/2.

     ئىككىنچى: مەيىت يۇيۇپ كىپەنلىنىۋاتقان ۋە قەبىرگە ئىلىپ ماڭغاندا ئۆزىنى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ روھى بەدىنىدىن چىقىپ كەتكەن، روھ ئۇنىڭغا پەقەت قەبىردە سوئال قىلىنىدىغان ۋاقىتتا قايتىدۇ.

     روھنىڭ قايتىدىغان ئورنى بولسا، مۇئمىننىڭ روھى ئاسماندىن قايتقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى جەسىدىگە قايتىدۇ، ئاندىن روھ ساھىبىدىن قەبىردە سوئال قىلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىنى تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن مۇستەھكەم قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى كۆز يەتكۈسىز كېڭەيتىلىدۇ.

    كاپىرنىڭ روھى بولسا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا دوزاخ بىلەن بىشارەت بېرىدۇ، ئاللاھ غەزەب قىلىدۇ، ئاندىن خار، قەبىھ ۋە قورقۇنچ ھالىتىدە يۇقىرىدا ئۆرلىتىدۇ، ئۇنىڭغا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلمايدۇ، ئاندىن جەسىدىگە قايتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ ساھىبى قەبىردە سوئال قىلىنىدۇ، قەبىر قىستايدۇ، ھەر تەرەپتىن ئوت ئۇچقۇنلىرى ۋە زەھەرلىك كۆيدۇرگۇچلەر كېلىدۇ.

    بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە بۇنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىنغان. ئۇ ھەدىسنى بىز 8829-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

    سوئال قىلىنغاندا روھنىڭ جەسەدكە قايتىشى بولسا شۇ ئورۇنغا خاس بولغان بىر قايتىش بولۇپ، روھنىڭ بەدەندە دۇنيادا بولغان ھالىتىگە ئوخشىمايدۇ، بۇنى ئىلگىرى بايان قىلدۇق، بۇ ئاخىرەت ھاياتىدىكى قايتىش، ئۇنىڭ ھاياتى، سوئالى ۋە جاۋابى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەت ئەھۋاللىرىدىن، دۇنيانىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋە سۈپەتلىرى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قېرىنداشلىرىم! ئاللاھ تائالا بىزگە غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەندە، بىزنىڭ پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز ۋە ئىمان ئىيتىشىمىز كېرەك بولىدۇ، بۇنى ئۆز ئىرادىمىز بويىچە ئىپادىلىيەلمەيمىز، چۈنكى غەيبى ئىشلار دېگەن بىزنىڭ ئەقلى دائىرىمىزدىن يۇقىرىدۇر. بۇ ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىغا ئالاقىدار بولغان غەيبى ئىشلاردىكى مۇھىم قائىدىدۇر.

      غەيبى ئىشلار توغرىسىدا ھەرگىزمۇ؛ نېمە ئۈچۈن؟ ۋە قانداق؟ دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشلار بىزنىڭ ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىدە، بۇنىڭغا بىزنىڭ ئەقلىمىز يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روھ توغرىسىدا سۇئال قىلىنغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا نېمە دېدى؟، «ئۇلارغا: روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ، سىلەر بۇنى بىلىشكە ۋە ھەقىقىتىنى تېپىشقا قادىر بولالمايدىغان  بىر ئىش، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن»، دېگىن دېدى. ئاللاھ پاكتۇر، سىلەر ھەممە ئىلىمنى بىلىپ بولۇپ، بىلمىگەن پەقەت روھنىڭ ئىلمى قالدىمۇ؟!سىلەر نۇرغۇن ئىلىملەرنى بىلمەيسىلەر، سىلەرگە پەقەت ئازغىنە ئىلىم بېرىلدى، بۇ ھەيران قالارلىق ئىش! سەن ئۆزۇڭنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان، ئۇ بولمىسا سەندە ھاياتلىق بولمايدىغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟!بىزمۇ روھ توغرىسىدا قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغاندىن ئارتۇق بىر نەرسىنى بىلمەيمىز". ["ئايلىق ئپچۇق سۆھبەت" 169].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى