جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

شىئەنىڭ كىتاپلىرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەر توغرىسىدا

سۇئال

شىئەلەرنىڭ بەزى كىتابلىرىدا، مۇنداق بىر ھەدىسنى ئۇچراتتىم، ئۇ ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئۆزىنىڭ ئۇنى قەبرىدە شەيتانغا ئوخشاپ قالىدىغان بىر يولغا يۈزلەنگەن ھالەتتە كۆرگەنكىنى» دەيدۇ، بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟ بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟، بۇ ئىشتا ماڭا ياردەم بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟. مەن شىئەلەرنىڭ كىتابىدا مۇشۇ سۆزنى ئوقۇغان ئۈچ ھەپتىدىن بېرى كۆڭلۈم پاراكەندە بولىۋاتىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

    سوئال سورىغۇچىنىڭ: شىئەلەرنىڭ كىتابىدا ئوقۇغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئۆزىنىڭ ئۇنى قەبرىدە شەيتانغا ئوخشاپ قالىدىغان بىر يولغا يۈزلەنگەن ھالەتتە كۆرگەنكىنى» دەيدۇ، دېگەن بۇ سۆزى ھەدىس توپلاملىرىدا ئەسلى بولمىغان سۆز بولۇپ، كۆرۈنىشىدىنلا، شىئە-راپىزىلارنىڭ توقۇغان يالغان سۆزى ئىكەنلىكى بىلىنىپلا تۇرىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ كەسپى ۋە بايلىقىدۇر. شەكسىز ئىسپاتلانغان ھەدىس بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانى توي قىلىشتىن بۇرۇن چۈشىدە كۆرگەنلىكىدۇر، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆرگەن چۈشى ھەقىقەتتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «سىز ئىككى قېتىم مېنىڭ چۈشۈمدە كۆرسىتىلدىڭىز، سىزنى يىپەككە ئورالغان ھالەتتە كۆردۈم، بۇ سىنىڭ ئايالىڭ، يىپەكنى ئاچقىن دېيىلدى، يىپەكنى ئاچسام سىز چىقتىڭىز، مەن: بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان بولسا ئىجرا بولىدۇ دېدىم.» [بۇخارى رىۋايىتى 3895-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى  2438-ھەدىس].

    ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: كىشىلەرنىڭ قايسىسى سىلىگە بەك سۆيۈملۈك؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا» دېگەن، ئەرلەردىن كىم؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ دادىسى» دېگەن، ئۇنىڭدىن قالسا؟ دېسەم، «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا بىر قانچە كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى دېگەن». [بۇخارى رىۋايىتى3662-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2384-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «ئى ئۇممۇ سەلەمە! ئائىشە توغرىسىدا ماڭا ئازار بەرمەڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئائىشەدىن باشقا ھېچ بىرىڭلارنىڭ يېنىدا ياتقان ۋاقتىمدا ماڭا ۋەھى نازىل بولمىدى، پەقەت ئائىشەنىڭ يېنىدا ياتقاندا نازىل بولدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 3755-ھەدىس].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئارتۇقچىلىقى توغىرسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يېتىدۇ، بۇنى پەقەت نەپسى-خائىشىغا ئەگىشىدىغان ئازغۇنلار ئىنكار قىلىدۇ. سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزغا شۇنى ئەسلىتىمىزكى، مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ كۆزى، ئەقلى ۋە دىلىنى نەپسى-خائىشىغا ئەگىشىدىغان ئازغۇنلارنىڭ كىتابلىرىغا قاراشتىن مۇھاپىزەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ كىتابلار قەلبنى كېسەل قىلىدۇ.

    مۇمىن كىشى پىتنىدىن يىراق بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دەججالنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىغان كىشى ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۆزىنى مۇمىن ھېسابلايدىغان بىر كىشى كېلىپ، ئۇنىڭ پەيدا قىلغان پىتنىلىرىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد ئۆزىنىڭ ھەدىس توپلىمىدا 4319-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا "6301-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەگەر سىز ئىلىم ئوقۇۋاتقان، بىرەر ئىلىمدا مۇتەخەسسىس بولمىغان بولسىڭىز، نەپسى-خائىشىغا ئەگىشىدىغان ئازغۇنلار، يالغانچىلار بىلەن ئۈلپەتلىشىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشتىن ھەزەر قىلىڭ.

    ئىمام ئىبنى بەتتە ئەكبۇرىي "ئەل ئىبانە ئەن ئۇسۇلۇد دىيانە" ناملىق ئەسىرى 2-توم 479-بەتتە بەك گۈزەل نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى، ئىلىم-مەرىپىتى، ئېتىقادىنىڭ توغىرلىقى، بەزى ئازغۇن قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ سورۇنىدا دىنىنى خەتەرگە ئۇچرىتىشقا تۈرتكە بولمىسۇن، ئۇ كىشى ئۆزىچە: مەن ئۇلارنىڭ سورۇنىغا كېرىپ، مۇنازىرە قىلىمەن ياكى قارشى تەرەپنى ئۆز قارىشىدىن تارتىپ چېقىرىمەن دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ پىتنىسى دەججالنىڭ پىتنىسىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى يېلىمدىنمۇ بەك يېپىشقاق، دىللارنى چوغدىنمۇ بەك كۆيدۈرىدۇ، مەن ئۇلارغا لەنەت قىلىدىغان، تىللايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇلار ئاشۇ ئازغۇنلارنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا رەددىيە بەرگەن، ئۇلار بولسا دائىم كەمتەر بولىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ھىلە-مىكىر، كۈپىرلىقىنى يوشۇرۇپ، ئاخىرىدا ئازغۇنلۇقنى ئۇلارغىمۇ يۇقتۇردى".

    ئاللاھ تائالا سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، سىزنى بىدئەتچىلەرنىڭ بىدئەتلىرىدىن، ئازغۇن-يالغانچىلارنىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى