جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

قانۇنسىز ئويۇن ئويناپ(ئوغۇرلۇقچە) دېتال ياكى رەقەملىك پۇللارغا ئېرىشىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

تور ساھەسىدە بىز يۈكلىگەن نۇرغۇن ئويۇنلار بار، كۆپ ئويۇنلاردا ئويۇندىن توپلانغان رەقەملىك پۇللار قاچىلانغان قۇتىلار بار، بىز بۇ رەقەملىك پۇل قاچىلانغان قۇتىلارنى ئېلىش ئۈچۈن شىركەتكە مەلۇم ھەق ئۆتىشىمىز كېرەك، بىز شىركەتكە ھەق ئۆتىمەي، قانۇنسىز يوللار بىلەن رەقەملىك پۇللارنى ئېلىپ ئويۇن ئوينىساق قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر بۇنداق قىلىش چەكلەنگەن بولسا، بۇنىڭ شەرئى ھۆكمىنى بىلمەي قىلغانلارغا قانداق گۇناھ يېزىلىدۇ؟. ۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئويۇن شەرئى چەكلىمىلەردىن خالى بولغاندا، ئۇنى ئوينىسا بولىدۇ، رەقەملىك دېتال پۇللارنى ھەقىقى پۇلغا سېتىۋالسا بولىدۇ، بۇ ئويۇندىن ۋە ئۇنىڭغا قېتىلغان ئالاھىدىلىكلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىجارە ئېلىش بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىلگىرى199031- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

    ئىككىنچى: قانۇنسىز ئويۇن ئويناپ(ئوغۇرلۇقچە) دېتال ياكى رەقەملىك پۇللارنى سېتىۋالغاننىڭ ئورنىغا بىكارغا ئېرىشىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكىنى باتىل-ھەقسىز يېيىشتۇر، بۇ باشقىلارنىڭ شەرىئەتتە ھەق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان كەشپىيات ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر.

    ئىسلام پىقھى ئىنىسكپۇلىدىيىسى باشقىلارنىڭ مەنىۋىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى توغرىسىدا مۇنداق قارار چىقارغان: "يېزىش، كەشپ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەق-ھوقۇقلىرى شەرئى جەھەتتىن ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ساھىبلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ھەققىنى قوغداش ھەققى بار. ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش توغرا بولمايدۇ". ["جەمئىيەت ژۇرنىلى"5-يىل، 3-سان 2267-بەت].

    ئۈچىنچى: پۇل تۆلىمەستىن ھىيلە ئىشلىتىپ، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان كىشى، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى، ئويۇن ئىگىسىگە تىلىپۇن قىلىپ ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئويۇن ئىگىسى تۆلەشكە تېگىشلىك ھەقنى تەلەپ قىلسا، ئۇنى بېرىش كېرەك بولىدۇ.

بۇ مەسىلىدە بۇنداق قىلىشنىڭ چەكلەنگەن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قىلغان كىشى بىلەن بىلمەي قىلغان كىشىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، لېكىن بىلمىگەن ئادەم گۇناھكار بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى