شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆزى نىپىز تىببى جەھەتتە پايدىلىق بولغان پايپاققا مەسھى قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن يۇنانىستاندا ئوقۇيمەن، ئايالىم ھامىلدار بولۇپ ئالتىنچى ئايغا قەدەم قويدى، ئايالىم ھامىلدارلىق سەۋەبىدىن ئىككى پۇتىغا ۋىنا ئۆسمىسى پەيدا بولۇپ قالدى، دوختۇر ئۇنى پۇتىنى يۇمشىتىدىغان تىببى پايپاق كىيىشكە بۇيرىدى، بۇ پايپاق نىپىز بولۇپ، ئۇنىڭدىن جىسمى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ، بۇ تولۇق ئۇزۇن پايپاق بولۇپ كېچىدىن باشقا ۋاقىتلاردا كېيىپ يۈرىدۇ، بۇ پايپاق ئىشتانغا ئوخشاش ئۇزۇن بولۇپ، پەقەت پۇتىغىلا كىيمەيدۇ، بۇ ھالەتتە قانداق تەرەت ئالىدۇ، بۇ پايپاققا مەسھى قىلامدۇ؟، چۈنكى بۇ پايپاق ئىلاستىكىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى سېلىپ-كېيىش قېيىن بولىدۇ، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بارلىق ئۆلىمالار نىپىز پايپاققا مەسھى قىلىشتىن چەكلىگەن، پايپاققا مەسىھ قىلىشنى قېلىن بولۇش دېگەن شەرت بىلەن دۇرۇس دېگەن. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 228222- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەگەر بۇ سۈپەتلەنگەن پايپاق نېپىز بولۇپ جىسمىنى تولۇق ئىپادىلەيدىكەن، كۈچلۈك قاراشتا ئۇنىڭغا مەسھى قىلىش توغرا بولمايدۇ. لېكىن كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۇنى كىيىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، ھەر قېتىم تەرەت ئالغاندا ئۇنى سېلىپ-كېيىش قېيىن بولسا، ئۇنى كىيىشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قېلىن پايپاقتىن بىرنى كىيىدۇ، تەرەت ئالىدىغان ۋاقىتتا، ئۈستىدىكى پايپاققا مەسىھ قىلىدۇ، پايپاقنى سېلىۋەتكۈچە ياكى پايپاققا مەسھى قىلىشنىڭ ۋاقتى تۈگىگىچە شۇنداق قىلىدۇ.

     ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، تىببى پايپاقنى سېلىۋەتسە كېسىلىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى ساقىيىشى كىچىكىدىغان ئەھۋال بولسا، ئۇ ۋاقىتتا پايپاق تېڭىقنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، تۆۋەندىن تارتىپ ئۈستۈنگىچە يەنى يۇيۇش پەرىز بولغان ئورۇنغا مەسھى قىلىدۇ. 192736- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەگەر ئايالىڭىز بۇ پايپاقنى كېچىسى سېلىۋىتىدىغان بولسا، بامدات نامىزىغا تاھارەت ئالسۇن، ئاندىن بۇ تىببى پايپاقنى كىيسۇن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قېلىن پايپاقنى كىيسۇن ۋە ئۇنىڭغا مەسھى قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن مەسھىنىڭ ھۆكمى ئۈستىدىكى پايپاققا بولىدۇ، كېچە بولغاندا، ئىككىنى پايپاقنى سېلىۋېتىدۇ، بامداتقا تاھارەت ئالىدىغان ۋاقىتتا يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك قىلسا بولىدۇ.

    مەن بۇ سوئالنى ئۇستازىمىز شەيخ ئابدۇرەھمان بەرراكتىن سورىسام شەيخ جاۋاپ بېرىپ بۇ پايپاقتا ئىككى تۈرلۈك ئىش بار ئىكەن دېدى: بۇ پايپاق بىر تەرەپتىن تېڭىققا ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇنى كېيىش زۆرۈر، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتۈككە ئوخشايدۇ، مېنىڭ قارىشىمچە، پۇتىنى يۇيۇش پەرز بولغان ئورۇنغا مەسھى قىلسا بولىدۇ، مەسھىنىڭ ۋاقتى جەھەتتە تاھارەت ئىلىپ كىيگەن بولسا، ھۆكۈمدە ئۆتۈككە مەسھى قىلىشنىڭ ۋاقتىغا ئوخشاش بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى