جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ. لەھۇل مۈلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىير، دېگەن كىشىنىڭ ئالىدىغان ئەجىر ساۋابى توغرىسىدا

سۇئال

    بىز بىر كۈندە ئايرىم-ئايرىم ۋاقىتلاردا يۈز قېتىم لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ. لەھۇل مۈلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىير دېسەك، ھەدىستە بايان قىلىنغان: «بىر كۈندە يۈز قېتىم: لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ. لەھۇل مۈلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىير دېگەن كىشىگە ئون قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ، يۈز ياخشىلىق يېزىلىدۇ، يۈز يامانلىق ئۆچۈرۈلىدۇ، شۈ كۈنى كەچكىچە شەيتاننىڭ قۇتراتقۇلىقىدىن ساقلىنىدۇ، ھېچ بىر كىشى بۇ كىشىدىنمۇ كۆپرەك ياخشى  ئەمەل قىلغان بولمايدۇ پەقەت ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئەمەل قىلغان كىشى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ» دېگەن ئەجىر ساۋاپقا ئېرىشەلەيمىزمۇ؟ يەنە يۇقىرىدا بايان قىلغان بۇ ھەدىس بىلەن تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان: «مۇسۇلمان قۇلدىن بىرنى ئازاد قىلغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇ قۇلنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە ئۇ كىشىنىڭ بىر ئەزاسىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ ھەتتا ئەۋرىتىنىڭ بەدىلىگە ئەۋرىتىنى ئازاد قىلىدۇ»دېگەن بۇ ھەدىسنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كۈندە يۈز قېتىم: لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ. لەھۇل مۈلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىير دېگەن كىشىگە ئون قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ، يۈز ياخشىلىق يېزىلىدۇ، يۈز يامانلىق ئۆچۈرۈلىدۇ، شۈ كۈنى كەچكىچە شەيتاننىڭ قۇتراتقۇلىقىدىن ساقلىنىدۇ، ھېچ بىر كىشى بۇ كىشىدىنمۇ كۆپرەك ياخشى  ئەمەل قىلغان بولمايدۇ پەقەت ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئەمەل قىلغان كىشى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 3293-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2691-ھەدىس].

   ھەدىستە بۇ ئارتۇقچىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ كەلىمىنى ئۇلاپلا يۈز قېتىم دېيىشنى شەرەت قىلمىغان، بۇنىڭدىن بۇ ئىشتا كەڭرىچىلىك بارلىقى ئېنىقتۇر، بۇ سۆزنىڭ بەدىلىگە ئېرىشىدىغان ئەجىر-ساۋاپ ئارقىمۇ-ئارقا يۈز قېتىم دېيىش ئەمەس بەلكى بىر كۈن ئىچىدە دېيىش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر، ھەقىقەتەن يۇقىرىدا  زىكىر قىلىنغان ئەجىر-ساۋاپقا بۇ تەھلىل كەلىمىسىنى بىر كۈندە يۈز قېتىم دېگەن كىشى ئېرىشىدۇ، بۇ كەلىمىنى بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئۇلاپلا يۈز قېتىم دېسۇن ياكى بىر كۈن ئىچىدە بىر قانچە ئورۇندا دېسۇن، بەزىسىنى ئەتتىگەندە دېسۇن ياكى بەزىسىنى كەچتە دېسۇن بۇنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىركۈندە يۈز قېتىم دېسىلا بولىدۇ، لېكىن ئەتتىگەندە ئۇلاپلا يۈز قېتىم دېسە ياخشى بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن كۈندۈزنىڭ ھەممىسىدە شەيتاننىڭ قۇتراتقۇلىقىدىن ساقلىنىدۇ". [نەۋەۋىينىڭ مۇسلۇمغا يازغان شەرھىسى 17/17].

   148699 - نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قۇل ئازاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قىزىقتۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان قۇلدىن بىرنى ئازاد قىلغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇ قۇلنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ بەدىلىگە ئۇ كىشىنىڭ بىر ئەزاسىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ ھەتتا ئەۋرىتىنىڭ بەدىلىگە ئەۋرىتىنى ئازاد قىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 6715-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1509-ھەدىس].

    سۇھەيل بىن ھۈنەيپ رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «توختام تۈزۈشكەن قۇلنى ئازاد قىلىشقا ياردەم بەرگەن كىشىنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق كۈندە، ئەرىشنىڭ سايىسىدا سايىدىتىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى1541-ھەدىس].

     ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىدا ئۇنى جۇغلاش كېرەك بولىدىغان ھېچ قانداق زىتلىق يوق، «لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ. لەھۇل مۈلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىير» دېگەن بۇ كەلىمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىستە، بۇنى بىر كۈندە يۈز قېتىم دېگەن كىشى ئۈچۈن بىر مۇسۇلماننى قۇللۇقتىن ئازاد قىلغان كىشىگە بېرىلگەندەك كاتتا ئەجىر-ساۋاپ، دوزاختىن ئازاد قىلىنىش ئۈمىت قىلىنىدۇ. بۇنى قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ ئوچۇق بايان قىلغان. "نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا يازغان شەرھىسى" 17/18-بەتكە قارالسۇن.

بۇ ھەدىسنىڭ ئۆزىدە مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلغان كىشى ئۈچۈن ئۈمىت قىلىنىدىغان ئەجىر-ساۋابنىڭ بايانى يوق.

    بۇنىڭ پەزىلىتى يەنە بىر ھەدىستە بايان قىلىنغان، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئازاد قىلىنغان قۇلنىڭ ھەر بىرئەزاسىنىڭ بەدىلىگە ئازاد قىلغۇچىنىڭ بەدىنىدىن ھەر بىر ئەزانى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتىي كەڭرى، ئېھسانى كاتتىدۇر.

    ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەۋھىد كەلىمىسىنى روياپقا چىقىرىش چوقۇم قۇل ئازاد قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، قۇل ئازاد قىلىش بولسا دوزاختىن ئازاد بولۇشنى لازىم تۇتىدۇ، سەھىھ ھەدىستە، تەۋھىد كەلىمىسىنى يۈز قېتىم دېگەن كىشى ئۈچۈن ئون قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ دەپ بايان قىلىنغان.

    يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە: تەۋھىد كەلىمىسىنى ئون قېتىم دېگەن كىشى ئۈچۈن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن تۆت قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ دەپ بايان قىلىنغان.

     تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەجىر ساۋابى بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر كىشى ئەتتىگەندە ياكى كەچتە: ئى ئاللاھ! مەن سېنى ۋە سېنىڭ ئەرشىڭنى كۆتۈرۈپ تۇرغان پەرىشتىلەرنى، بارلىق پەرىشتىلەرنى، بارلىق مەخلۇقاتلارنى، سېنىڭ بىرلا ئاللاھ ئىكەنلىكىڭگە، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ئىلاھى ھەقنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، سېنىڭ يالغۇز ۋە ھېچ شېرىكىڭنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنىڭ بەندەڭ ۋە سەن ئەۋەتكەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ قىلغان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزدۇم ياكى كەچ قىلدىم دەپ بىر قېتىم دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ، ئىككى قېتىم دېسە، يېرىمىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ، ئۈچ قېتىم دېسە، بەدىنىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ، تۆت قېتىم دېسە، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ». ["لەتائىپۇل مەئارىپ" 283-بەت].

    مۇشۇنداق كاتتا پەزىلەت ئىنساننى ياخشىلىقنى كۆپ قىلىش ئۇنىڭغا ھېرىسمەن بولۇشنى،تائەت ئىبادەتكە ھورۇنلۇق قىلىپ سەل قارىماسلىق، ئۆزىدىن مەغرۇرلانماسلىق، كاتتا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىشنى يىراق سانىماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى