سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ناماز باشلاش دۇئاسىدىكى "شەنىڭ ئۈستۈندۈر"دېگەن سۆز توغرىسىدا

سۇئال

ماڭا بۈگۈن مۇنداق مەزمۇندا بىر خەت كەلدى: ناماز ئوقۇغۇچى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ناماز باشلاش دۇئاسىنى خاتا ئوقۇيدىكەن، شەنىڭ ئۈستۈندۈر دېگەن سۆزنى يەنى ئەرەپچە جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇيدىكەن، بۇنداق ئوقۇش خاتا بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ دادىسىمۇ، بالىسىمۇ ۋە چوڭ دادىسىمۇ بولمىغان. توغرا ئوقۇش شەكلى بولسا، جىم ھەرىپىنى زىر ئوقۇشتۇر، ئۇنىڭ مەنىسى ئاللاھنى ئۇلۇغلاشتۇر دەپتۇ، بۇ سۆز توغرىمۇ؟جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇش توغرىمۇ ياكى زىر ئوقۇش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەدىس جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇغان ھالەتتە بىكىتىلگەن، جەددۇكە دېگەن ئۇلۇغلۇق، كاتتىلىق دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ، جىم ھەرىپىنى زىر ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زەبەر ئوقۇغان، تەكشۈرۈپ باقساق ھېچ بىر ئالىمنىڭ ھەدىسنى زەبەر ئوقۇشتىن باشقا شەكىلدە بېكىتكەنلىكى بايان قىلىنمىغان.

    ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇئەنھۇ سۇبھانە كەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارە كەسمىكە ۋە تەئالا جەددۇكە ۋە لائىلاھە غەيرۇكە تەرجىمىسى: ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىز سېنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، پۈتۈن ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، نامىڭ ئۇلۇغ، شەنىڭ ئۈستۈندۇر، سېنىڭدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر دېگەن بۇ دۇئالارنى ئۈنلۈك ئوقۇيتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ساھابىلارمۇ بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان. [مۇسلىم رىۋايىتى 399-ھەدىس].

     يەنە [سۈنەن دارى قۇتنىي 2-توم 58-بەت، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2996-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ سۈپەتلىرى" ناملىق ئەسىرى 93-بەتكە قارالسۇن].

   ھەدىس، پىقھى، لۇغەت ئالىملىرى ۋە باشقىلار ھەدىستە جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇشنى بىكىتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بىر شەكىلنى بېكىتمىگەن.

    جىمنى زەبەر ئوقۇغاندا كاتتىلىق، ئۇلۇغلۇق دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، ھەدىسنىڭ مەنىسى: شەنىڭ ئۈستۈندۈر، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەكتۇر دېگەن بولىدۇ.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئىسىم ۋە لۇغەتلەرنى تۈزەلتىش" ناملىق ئەسەرنىڭ 3-توم 331-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ناماز باشلاش دۇئاسىدا جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇغاندا شەنىڭ ئۈستۈندۈر دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، جەددۇ دېگەن سۆزنىڭ بىھاجەتلىك دېگەن مەنىسىمۇ بولۇپ، ھەر ئىككى مەنىسى توغرىدۇر. ئىمام خەتتابى پەقەت ئۇلۇغلۇق دېگەن مەنانى سۆزلىگەن، ئاللاھ تائالا جىنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بەرگەندىمۇ: پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر دەپ خەۋەر بەرگەن.

  بەئلى "مۇتلىئ ئەلا ئەبۋابىل مۇقنىئ"ناملىق ئەسەرنىڭ 46  -بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇغاندا، ئەزىمىتى كاتتىدۇر دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.

    بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ "كەششاپۇل قىننائ" ناملىق ئەسىرى 2-توم 478-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇغاندا، شەنىڭ ئۈستۈندۇر، ئەزىمىتىڭ يۈكسەكتۇر دېگەن مەنالار ئىپادىلىنىدۇ.

    ئىبنى قاسىمنىڭ رەۋزۇل مۇرەببىئكە يازغان ھاشىيەسى 2-توم 22-بەتتە: جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇغاندا، كاتتىلىق، نەسىۋە، بەخت-سائادەت، بىھاجەتلىك دېگەندەك مەنالارنى بىلدۈرىدۇ، ئۈستۈنلۈك، كاتتىلىق دېگەن كەڭىرلىك ۋە چەكسىزلىك دېگەندەك ئاشۇرما سۈپەت بولۇپ، ئاللاھنىڭ چەكسىز ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى: بۈيۈكلۈكىڭ ئۈستۈندۇر، بارلىق كاتتىلارنىڭ ئۈستىدىدۇر، ھەممىدىن سېنىڭ شەئنىڭ ئۈستۈندۈر، ھۆكۈمرانلىقىڭ بارلىق ھۆكۈمرانلارنى بوي سۇندۇرغۇچىدۇر دېگەن بولىدۇ".

    شەيخ بەسسامنىڭ" تەۋزىيھۇل ئەھكام شەرھى بۇلۇغۇل مەرام" ناملىق ئەسىرى 2-توم 169-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: جىمنى زەبەر ۋە دالنى تەشدىدلىك ئوقۇغاندا، ئەزىمىتىڭ، كاتتىلىقىڭ ۋە ھۆكۈمرانلىقىڭ دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ.

   جىم ھەرىپى زەبەر ئوقۇلغان بۇ سۆز قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ تەكرار بايان قىلىنغان.

    ئاللاھ تائالا جىنلارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلغاندا مۇنۇ ئايەتنى كەلتۈرىدۇ:  جَدُّ رَبِّنَا مَا اتَّخَذَ صَاحِبَةً وَلا وَلَداً   تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەزىمىتى كاتتىدۇر، خوتۇنى ۋە بالىسى يوقتۇر. [سۈرە جىن 3-ئايەت].

    شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ: "جىم ھەرىپى زەبەر ئوقۇلغاندا، شەئنى ئۈستۈن ۋە ئىسىملىرى ئۇلۇغ دېگەن بولىدۇ" دەيدۇ.

    قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ 8-توم 19-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: جەددۇ رەببىنا دېگەن: پەرۋەردىگارىمىز كاتتىدۇر ۋە ئۇلۇغدۇر دېگەن بولىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇ نداق دېگەن: ئى ئاللاھ سەن ئاتا قىلغاننى توسۇۋالغۇچى يوق، سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى844 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 593-ھەدىس].

    ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى، بىھاجەتلىكى ۋە يۈكسەكلىكى ئالدىدا ھېچ بىر ئىنساننىڭ بايلىقى، نەسىۋېسى ۋە ئابرۇيىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ".

    ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ دېگەن سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ: سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ دېگەن بولىدۇ دەيدۇ. [ئىبنى رەجەبنىڭ پەتھۇل بارى 7-توم 417-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "زەل جەددى"دېگەن سۆزدىكى جىم ھەرىپى زەبەر ئوقۇلغان، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئۆلىمالارمۇ شۇنداق بىكىتكەن.

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەزى ئۆلىمالار جىم ھەرىپىنى زىر ئوقۇغاننى رىۋايەت قىلغان، ئەبۇ جەئپەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر تەبەرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جىم ھەرىپى زەبەر ئوقۇلىدۇ، شەيبانى زىر ئوقۇلىدۇ دېگەن، بۇ ھەدىسنى نەقل قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بىز بىلىدىغان ئىختىلاپتۇر، بۇنىڭدىن باشقا ئىختىلاپنى بىلمەيمىز.

    ئىمام تەبەرىي ۋە باشقا ئۆلىمالار زىر ئوقۇش توغرىسىدىكى رىۋايەتنى زەئىپ دېگەن، زەئىپ بولسىمۇ ئۇنىڭ مەنىسى تېرىشچانلىق بولۇپ، سېنىڭ تېرىشچانلىقىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ تېرىشچانلىقى مەنپەئەت بەرمەيدۇ، پەقەت مەنپەئەت بېرىدىغىنى ۋە قۇتۇلدۇرىدىغىنى سېنىڭ رەھمىتىڭدۇر دېگەن بولىدۇ.

    يەنە بەزىلەر بۇنىڭدىن: دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇشتىكى تېرىشچانلىق ۋە سەئيى قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ دېگەن.

    بەزىلەر بۇنىڭ مەنىسى: "تىز قېچىپ كېتىش دېگەن بولۇپ، يەنى: سېنىڭدىن ئالدىراپ قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ قېچىشىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار سېنىڭ تۇتۇشىڭدا ۋە ھۆكۈمرانلىقدىدۇر.

   ئەڭ توغرا قاراش: جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇش بولۇپ، بۇ: نەسىۋە، بايلىق، كاتتىلىق ۋە ھۆكۈمرانلىق دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ، يەنى: دۇنيادىكى مال-دۇنيا ئىگىلىرىنىڭ توپلىغان بايلىقلىرى، ئەۋلادلىرى، چوڭچىلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى ئالدىدا ھېچ پايدىسى بولمايدۇ، يەنى ئۇ بايلىقلىرى ئۇ كىشىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ، ھەقىقەتتە ئۇ كىشىنى دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرى قۇتقۇزالايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  الْمَال وَالْبَنُونَ زِينَة الْحَيَاة الدُّنْيَا وَالْبَاقِيَات الصَّالِحَات خَيْر عِنْد رَبّك  تەرجىمىسى: ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر. [سۈرە كەھەپ 46-ئايەت].

    بۇنىڭ بىلەن جىم ھەرىپىنى زەبەر ئوقۇش كېرەكلىكى، زىر ئوقۇغاندا مەنادا ئۆزگۈرۈش بولىدىغانلىقى ئوچۇق بولدى.

   كىشىلەرنى خاتالىق سادىر قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان كىشى ئالدى بىلەن بىر سۆزنى تارقىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرىشى كېرەك بولىدۇ، بولۇپمۇ شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان سۆزلەردە كىشىلەرنى توغرا يولدىن چەكلەپ خاتا يولغا بۇيرىغۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن سۆز يوللىغاندا بەك ئېھتىيات قىلىش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ كىشىنىڭ ئاقىۋېتىمۇ مۇنۇ كىشىلەردەك بولۇپ قالىدۇ:  الَّذِينَ ضَلَّ سَعْيُهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ يَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ يُحْسِنُونَ صُنْعاً  تەرجىمىسى: ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر. [سۈرە كەھەپ 104-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: [ئايلىق ئۇچرىشىش 17-سان]