جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تاۋاپنىڭ شەرتلىرى ۋە ۋاجىپلىرى توغرىسىدا

سۇئال

تاۋاپنىڭ شەرتلىرى ۋە ۋاجىپلىرى قايسى؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

كەبىنى تاۋاپ قىلىشنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئۆلىمالار بىر قانچە شەرىتلەرنى بايان قىلدى، ئۇلار:

1-ئىسلام يەنى مۇسۇلمان بولۇش، بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن كاپىر تاۋاپ قىلسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تاۋاپ دېگەن ئىبادەت بولۇپ كاپىرنىڭ قىلغان ئىبادىتى توغرا بولمايدۇ ۋە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

2-ئەقىل، ھەنەپىي ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرى ئەقىلنى شەرت قىلىدۇ، مالىكى ۋە شافىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرى بىر نەرسىنى ئايرىيالمايدىغان كىچىك بالىنىڭ ۋەلىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن تاۋاپ قىلىشنى نىيەت قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن ئەقىلنى شەرت قىلمايدۇ.

3-نىيەت، ئۆلىمالار تاۋاپتا نىيەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: بارلىق ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ دېگەن. بۇخارى رىۋايىتى (1) ۋەمۇسلىم رىۋايىتى (1907).

4-ئەۋرەتنى يېپىش، ئەگەر يالىڭاچ ھالەتتە تاۋاپ قىلسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجدە: بۇ يىلدىن كېيىن (يەنى ھىجىرىيىنىڭ 9-يىلى) مۇشرىك ھەج قىلمايدۇ، يالىڭاچ ئادەم كەبىنى تاۋاپ قىلمايدۇ دېگەن. بۇخارى رىۋايىتى (369) ۋە مۇسلىم رىۋايىتى (1347).

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يالىڭاچ تاۋاپ قىلسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى يالىڭاچ تاۋاپ قىلىش چەكلەنگەن". پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى دىندا بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلىدىكەن ، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ». ["شەرھىل مۇمتىئ" 7-توم 257-بەت].

5- تەرەت ئالغان بولۇش. بۇ شەرتنىڭ تەپسىلاتىنى 34695- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

6-كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: كىيىمى ۋە بەدىنى پاكىزە بولۇشى كېرەك. بۇ توغرىدىكى ئىختىلاپلارنى 136742- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

7-تاۋاپنى يەتتە قېتىم تولۇق قىلىش كېرەك، ئەگەر بىرەرسى چالا قالسا تاۋاپ تولۇق بولمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپنىڭ شەرتى تاۋاپنى يەتتە قېتىم قېلىش كېرەك، ھەر بىر تاۋاپ ھەجەر ئەسۋەدتتىن باشلىنىپ يەنە ھەجەر ئەسۋەدتە ئاخىرلىشىدۇ، ئەگەر يەتتىنچى قېتىملىق تاۋاپتىن بىر قانچە قەدەم چالا بولغان بولسا، مەيلى ئۇ كىشى مەككىدە بولسۇن ياكى باشقا يەردە بولسۇن ئۇنىڭ تاۋاپى تولۇق بولمايدۇ، بۇ قان قېلىش بىلەن ياكى باشقا يوللار بىلەن تولۇقلانمايدۇ. "ئەل مەجمۇئ"8-توم 21-بەت.

8-تاۋاپتا كەبىنى سول تەرىپىدە قىلىپ مېڭىش كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ تاۋاپ قىلغاندا كەبىنى سول تەرىپىدە قىلىپ تاۋاپ قىلغان ۋە: «ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۈگۈنۈڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتى بىلەن ئىمام مۇسلىم كەلتۈرگەن (1297).

9-تاۋاپتا كەبىنى تولۇق ئايلىنىش كېرەك، ئارىلىقنى قىسقارتىش ئۈچۈن ھىجىرنىڭ ئىچىدىن ماڭماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلسا تاۋاپى توغرا بولمايدۇ. 

10-پىيادە مېڭىشقا قادىر بولالىسا تاۋاپنى مېڭىپ قىلىش كېرەك، بۇ شافىئى ئۆلىمالىرىغا خىلاپ بولغان كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭچە تاۋاپنى تۆگىدە، تەختىراۋاندا ياكى ھارۋىلاردا قىلىش توغرا بولمايدۇ، پەقەت كېسەللىك ياكى ياشىنىپ قىلىش، قىستاڭچىلىقتا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكتەك ھاجەت بولۇپ قالغاندا توغرا بولىدۇ، چۈنكى بەزى كىشىلەر قىستاڭچىلىققا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ، بەزىلىرى بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ، مۇھىمى بىرەر ئۈزۈر-سەۋەپ بولسا بولىدۇ بولمىسا بولمايدۇ. ["بۇخارىيدىن ھەجبۆلۈمىنىڭ شەرھىسى"1-توم 83-بەت].

11-تاۋاپنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاپ قىلىش كېرەك. 219227- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بۇنى تەپسىلى بايان قىلدۇق.

12-تاۋاپ ھەرەم مەسچىتىنىڭ ئىچىدە بولۇشى كېرەك، چۈنكى مۇسۇلمانغا ۋاجىپ بولغىنىكەبىنى تاۋاپ قىلىش، شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىتنىڭ سىرتىدا تاۋاپ قىلسا كەبىنى ئەمەس، مەسچىتنى تاۋاپ قىلغان بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار تاۋاپنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاۋاپنى ھەرەم مەسجىدى ئىچىدە قىلىشنى شەرت قىلىدۇ، ھەرەمنىڭ سىرتىدىن تاۋاپ قىلسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى كەبىنى ئەمەس بەلكى مەسچىتنى تاۋاپ قىلغان بولىدۇ، ئەمما مەسچىتنىڭ ئىچىدىن تاۋاپ قىلغانلار مەيلى ئاستىدىن ياكى ئۈستى قەۋەتتىن تاۋاپ قىلسۇن ئۇلارنىڭ قىلغان تاۋاپى توغرا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساپا-مەرۋەدىن ياكى ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن تاۋاپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى ساپا-مەرۋە دېگەن ھەرەم مەسچىتىنىڭ دائىرىسىدىن ئەمەس. ["بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى"2-توم 49-بەت].

13-تاۋاپنى ھەجەر ئەسۋەدتىن باشلاپ قىلىش كېرەك، ئەگەر كەبىنىڭ ئېشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىن باشلىغان بولسا تاۋاپ تولۇق بولمايدۇ ھەم توغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى كىشىلەر تاۋاپنى ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىدىن باشلىماي، كەبىنىڭ ئېشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىن باشلايدۇ، كەبىنىڭ ئېشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىن باشلىغان كىشىلەرنىڭ تاۋاپى تولۇق بولمايدۇ ھەم ئۇلار تاۋاپنى تولۇق قىلغان ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا:كەبىنى تاۋاپ قىلىڭلار دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ تاۋاپنى ھەجەر ئەسۋەدتىن باشلىغان ۋە كىشىلەرگە: ھەج پائالىيتىڭلارنى مەندىن ئۈگۈنىڭلار دېگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋاپنى كەبىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىن باشلىغان ياكى ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىدىن سەل ئۆتۈپ باشلىغان تاۋاپ تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇلار يىقىندا بولسا بۇنىڭ ئورنىغا بىر قېتىم قايتا تاۋاپ قىلىدۇ، ئەگەر يىراقتا بولسا كېلىپ تاۋاپنى باشتىن قايتىدىن قىلىدۇ. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"22-توم 404-بەت].

بۇلار تاۋاپنىڭ قىلىنمىسا بولمايدىغان شەرتلىرىدۇر.

ئەمما تاۋاپنىڭ ۋاجىپلىرىغا كەلسەك: بەزى ئۆلىمالار تاۋاپتىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشنى ۋاجىپ دەپ قارىغان، توغرىسى ئۇ ناماز سۈننەتتۇر، شافىئى ۋە ھەنبەلى مەزھىبىدىمۇ سۈننەت دەپ قارالغان.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ تاۋاپتىن كېيىنكى ئىككى رەكەت ناماز توغىرسىدا: "بۇ نامازنى ماقامى ئىبراھىمنىڭ كەينىدە ئوقۇش كېرەك ئەمەس، ھەرەم مەسچىتىنىڭ قايسى يېرىدە ئوقۇسا بولىدۇ، ئەگەر ئۇنتۇپ قىلىپ ئوقۇيالماي قالسا ھېچ گەپ يوق، چۈنكى ئۇ ناماز ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەتتۇر" دېگەن. "شەيخ ئىبنى بازىنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى"17-توم 228-بەت.

ئۆلىمالار تىلغان ئالغان باشقا ۋاجىپلارنىڭ بەزىسى بىز يۇقاردا بايان قىلغان تاۋاپنىڭ شەرتلىرىدىن بولسىمۇ، بەزى ئۆلىمالار ئۇنى شەرت ئەمەس بەلكى ۋاجىپنىڭ قاتارىدىن دەپ قارىغان. بۇ توغرىدا دوكتۇر ئابدۇللاھ زاھىمنىڭ:"ئىسلام تەتقىقات ژورنىلى 53-سانىدا ئېلان قىلىنغان "تاۋاپنىڭ شەرتلىرى" ۋە 58-ساندا ئېلان قىلىنغان "تاۋاپنىڭ ۋاجىباتلىرى"ناملىق تەتقىقاتىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى