جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەيزنىڭ ئەڭ ئۇزاق ۋاقتى ئون بەش كۈن بولىدۇ دېگەن سۆزنىڭ دەلىلى نېمە؟، پاكىزلىقنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟

سۇئال

كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى ئون ئۈچ كۈندىن ئون بەش كۈنگىچە بولىدۇ دېگەن سۆزىدە تايانغان دەلىللەر قايسى؟، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا پاكىزلىقنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە قۇرئان-ھەدىستىن دەلىللەرنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتىنى بەلگىلەشتە ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشتى. كۆپچىلىك ئۆلىمالار ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى ئون بەش كۈن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغىنى ئاياللار كېسەللىكى دەپ قارايدۇ.

كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنىڭغا ئادەتنى دەلىل قىلدى، چۈنكى ئاياللارنىڭ ئادىتى ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ دەلىلىمىز شەرىئەتتە ھەيزنىڭ ۋاقتى مۇتلەق بايان قىلىنغان بولۇپ، لۇغەتتىمۇ ۋە شەرىئەتتە بۇنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى بېكىتىلمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە ئۆرپە-ئادەتكە مۇراجىئەت قىلىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ".

ئەتا ئىبنى رەباھ رەھىمەھۇللاھ: مەن ئاياللاردىن بىر كۈن ھەيز كۆرىدىغانلارنى، شۇنداقلا ئون بەش كۈن ھەيز كۆرىدىغانلارنىمۇ كۆردۈم، دەيدۇ.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: "يەھيا ئىبنى ئادەم ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ، مەن شەرېكنىڭ: بىزنىڭ يېنىمىزدا بىر ئايال بولۇپ، ئۇھەر ئايدا تولۇق ئون بەش كۈن ھەيز كۆرىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، دەيدۇ. ["ئەلمۇغنىي" ناملىق ئەسەر 1-توم 225-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون بەش كۈن دېگىنى، ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى ئون بەش كۈن دېگەن بولىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا ئادەتنى دەلىل كەلتۈردى، ئادەتتە ئايال ئون بەش كۈندىن ئارتۇق ھەيز كۆرمەيدۇ. چۈنكى ھەيز ئون بەش كۈندىن كۆپ بولۇپ كەتسە ئاينىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، پاكلىقنىڭ مۇددىتى ھەيزنىڭ مۇددىتىدىن ئاز بولىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەگەر ئون ئالتە كۈن ھەيز كۆرگەن بولسا، پاك بولغان ۋاقتى ئون تۆت كۈن بولىدۇ، پاكىزلىق مۇددىتىدىن ھەيز مۇددىتىنىڭ كۆپ بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئايال كىشىدىن قان داۋاملىق كېلىپ، ئۈزۈلمىسە بۇ كېسەللىك يەنى ئاياللار كېسىلى ھېسابلىنىدۇ، ئاينىڭ كۆپ قىسمىغا تولۇق ئاينىڭ ھۆكمىبېرىلىدۇ، ئون بەش كۈندىن ئارتۇق بولغىنى كېسەللىك بولىدۇ،ھەرقانداق ئايالنىڭ ھەيز قىنى ئون بەش كۈندىن ئارتۇق بولىدىكەن ئۇ ئىستىھازە (ئاياللار كېسەللىكى) ھېسابلىنىدۇ." ["شەرھۇل مۇمتىئ"1-توم 471-بەت].

5595-65570 نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان. كۈچلۈك قاراشتا ھەيزنىڭ ئاز ياكى كۆپ مۇددىتىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق.

ئىككىنچى: ئۆلىمالار ئىككى ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكىزلىقنىڭ ئەڭ ئاز ۋاقتىنى بېكىتىشتە ئىختىلاپ قىلىشتى، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 221997 نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق. ئىككى ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكىزلىقنىڭ ئەڭ ئاز ۋاقتىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى يوق.

ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بويىچە: ئىككى ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكىزلىقنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاختىنىڭمۇمۇئەييەن ۋاقتى يوق.

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىيتى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "ئەدۋائۇل بايان" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بايان قىلغان: "پاكىزلىقنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ بېكىتىلگەن مۇددىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم بايان قىلىندى. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "شەرھۇل مۇھەززەب" ناملىق ئەسىرىدە: ئىجمانىڭ دەلىلى پاكىزلىق بولۇپ ، پاكىزلىق ئەمەلى كۆرۈش بىلەن بولىدۇ، دېگەن".

قازى ئەبۇ تەييىب رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئايال ماڭا ئۆزىنىڭ ھەمشىرىسى توغرىسىدا خەۋەر قىلىپ ، ھەمشىرىسىنىڭ يىلدا پەقەت بىر كېچە-كۈندۈزلا ھەيز كۆرىدىغانلىقىنى، تىنىنىڭ ساغلاملىقى، ھامىلدار بولۇپ، تۇغىدىغانلىقى، قىرىق كۈن نىپاسدار بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن".

"نەيلۇل مائارىب بىشەرھى دەلىيلۇت تالىب" ناملىق ئەسەر 1-توم 105-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "كۆپلىكىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق يەنى ئىككى ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكلىقنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق، چۈنكى شەرىئەتتە ئۇنىڭ كۆپلۈكى توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنمىغان، ئاياللاردىن بىر ئاي، ئۈچ ئاي، بىر يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت پاك تۇرىدىغانلار بار، ھەتتا پەقەت ھەيز كۆرمەيدىغانلارمۇ بار".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى