شەنبە 9 زۇل ھەججە 1445 - 15 ئىيۇن 2024
Uygur

دىلىمىزدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قانداق زىيادە قىلىمىز؟

سۇئال

مۇسۇلمان قانداق قىلغاندا دىلىدىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن بەكرەك ئۆستۈرۈش ۋە زىيادە قىلىشقا قادىر بولالايدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن  كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلماننىڭ دىلىدىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى مۇسۇلماننىڭ ئىمانى كۈچىگە كۆرە بولىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ئىمانى زىيادە بولغانسېرى ئۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمۇ زىيادە بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش دېگەن ئىبادەت ۋە ئاللاھقا يىقىنلىشىشتۇر. شەرىئەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشنى دىندىكى زۆرۈر ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلدى.

    ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مېنى ئۆزىنىڭ ئاتىسى، بالىسى ۋە بارلىق ئىنسانلاردىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرمىگۈچە ھەقىقى مۆمىن بولالمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى15-ھەدىس. مۇسلىم رىۋرايىتى44-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت تۆۋەندىكى ئىشلارنى بىلىش بىلەن يۈز بېرىشى ۋە زىيادە بولىشى مۇمكىن:

   بىرىنچى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تاللىنىپ پۈتۈن ئالەمگە، ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن رەببى تەرىپىدىن پەيغەمبەر-ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى پەيغەمبەر-ئەلچى قىلىپ تاللىدى. ئەگەر ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرمىگەن ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولمىغان بولسا ئېدى، ئۇنى تاللىمايتتى ۋە ئالەمگە رەھمەت بولغان پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتمەيتتى. بىزنىڭ مەجبۇرىيتىمىز: ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن زاتنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ تائالا رازى بولغان كىشىدىن رازى بولۇشتۇر. يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھنىڭ دوستىدۇر، دوستلۇق دەرىجىسى بولسا سۆيگۈ-مۇھەببەت دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىدۇر.

    جۈندۇپ ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن بەش كۈن ئىلگىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بىرىنى دوست تۇتمىغانلىقىم بىلەن ئاللاھقا ئۆزۈمنىڭ پاكلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك مېنى دوست تۇتتى، ئەگەر مەن ئۈممىتىم ئارىسىدىن بىرىنى دوست تۇتىدىغان بولسام ئېدىم ئەلۋەتتە ئەبۇ بەكرىنى دوست تۇتقان بولاتتىم». [مۇسلىم رىۋايىتى 532-ھەدىس].

    ئىككىنچى: بىز ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تاللىغان مەرتىۋىسى-دەرىجىسىنى بىلىشىمىز كېرەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر.

     ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن قىيامەت كۈنىدە ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ-ئىنسانلارنىڭ-خوجىسى-سەييىدى، قەبىردىن تۈنجى چېقىدىغان، تۈنجى قېتىم شاپائەت سالاھىيتى بېرىلىدىغان ۋە تۇنجى قېتىم شاپىئىتى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى مەن بولىمەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 2278-ھەدىس].

    ئۈچىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە دىننى يەتكۈزۈش يولىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان، يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزىيەتكە، زەربىگە، دەشنام، تىل-ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقى، كىشىلەر ئارىسىدىن ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى ساراڭ، يالغانچى، سېھرىگەر دەپ تۆھمەت قىلغانلىقى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىننى ھىمايە قىلىش-قوغداش ۋە بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئائىلىسىدىن، مال-دۇنياسىدىن ۋە ئاخىرىدا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن زور قوشۇن توپلىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.

    تۆتىنچى: ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدا ئۇلارغا ئەگىشىش ۋە ئۇلارنى ئۈلگە قىلىش كېرەك، چۈنكى ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ئاتىسى، بالىسى جېنى ۋە بارلىق مال-دۇنيالىرىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرەتتى، بۇنىڭ بەزى ئۈلگىلىك مىساللىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

    ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى چېچىنى ئالدۇرۇۋاتقان ھالىتىدە كۆردۈم، ساھابىلارنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ رەسۇلۇللاھنىڭ بىر تال چاچنىمۇ يەرگە چۈشۈرمەيتتى». [مۇسلىم رىۋايىتى 2325-ھەدىس].

    ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئوھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈندە كىشىلەر مەغلۇپ بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تاشلاپ كەينىگە چېكىندى، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا تۇتۇپ بىر قالقان بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئوق-نەيزىلەردىن مۇداپىئە قىلدى، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يانى بەك تارتىپ ئاتىدىغان مەرگەن كىشى ئېدى، ئۇ شۇ كۈندە ئىككى ياكى ئۈچ يانى سۈندۇرىۋەتتى، ئوقدانلىرىدا ئوق بار كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار: ئوقلىرىڭلارنى ئەبۇ تەلھەگە قالدۇرۇڭلار دەيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بوينىنى سوزۇپ قوۋمگە قاراۋاتقاندا، ئەبۇ تەلھە: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن! مېنىڭ جېنىم سىلىگە پىدا بولسۇن! قارىمىسلا، ئۇلارنىڭ ئوقى سىلىگە تىگىپ كەتمىسۇن دەيتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 3600-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1811-ھەدىس].

   بەشىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزاكى ۋە ئەمەلى سۈننەتلىرىگە ئەگىشىڭ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ ھەممىسىدە ئەگىشىدىغان پىرىنسىپىڭىز بولسۇن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ھەممە سۆزنىڭ ئالدىدا قىلىڭ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىنى ھەممە بۇيرۇقنىڭ ئالدىدا قىلىڭ. ئاندىن ساھابىلارنىڭ ئەقىدىسىگە ئەگىشىڭ، ئاندىن تابىئىنلاردىن ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىگە ئەگەشكەنلەرگە ئەگىشىڭ، ئاندىن ئۇلارنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ ھازىرقى كۈنىمىزگىچە بىدئەتچى ۋە راپىزى بولمىغان ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەگىشىڭ. چۈنكى بىدئەتچى، راپىزلارنىڭ دىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان ئۆچمەنلىككە تولغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىماملىرىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مۇقەددەم قىلىدۇ. ئۇلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرگەندىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى رىزىق قىلىپ بېرىشنى، ئۇنى بىزگە ئاتا-ئانىمىز، پەرزەنتلىرىمىز، ئائىلىلىرىمىز ۋە جېنىمىزدىنمۇ بەك سۆيۈملۈك قىلىپ بېرىشنى سورايمىز.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى