سەيشەنبە 17 مۇھەررەم 1446 - 23 ئىيۇل 2024
Uygur

بانكا مەلۇم مىقداردا قەرز بېرىپ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئۆسۈم بىلەن ئادا قىلىشنى شەرت قىلسا توغرا بولامدۇ?

سۇئال

   سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شەرئى بۆلۈمى بار، مەلۇم زىيادە نىسبەتنى دۇرۇس دەپ قارايدىغان بانكىلارنىڭ بىرىدىن مىسىردا مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش ئۈچۈن زىمىنگە ئالدىدىن پۇل ياتقۇزۇش ئۈچۈن قەرز ئالسام تۇغرا بولامدۇ؟، ئۇ زېمىننى بىر يىلدىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلىش ياكى سېتىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: قەرىز ئالغۇچىنىڭ قايتۇرغاندا ئالغاندىن زىيادە بېرىش شەرتى بىلەن قەرز ئېلىشى توغرا بولمايدۇ، ئالىملارنىڭ ھەممىسى قەرز بەرگۈچىگە پايدا ئىلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق قەرزنىڭ جازانە بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 4-توم 240-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قايتۇرغاندا زىيادە بېرىشنى شەرت قىلغان ھەرقانداق قەرز ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن ھارامدۇر. ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا: قايتۇرغاندا زىيادە قايتۇرۇش ياكى ھەدىيە بېرىشنى شەرت قىلىپ قەرز بەرگەن بولسا ئۇنىڭ زىيادىسى ياكى ھەدىيىسىنى ئالسا ئۇ جازانە بولىدۇ.

 ئۇبەي بىن كەئەب، ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى مەسئۇد (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى مەنپەئەت ئىلىپ كېلىدىغان قەرزدىن چەكلىگەن".

    ئىككىنچى: قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز خىزمەتلىرى ئۈچۈن كېتىدىغان چېقىملارنى ئۈستىگە ئېلىشى توغرا بولىدۇ، بىرىدىغان مەبلەغ قەرز خىزمەتلىرى ئۈچۈن كېتىدىغان چېقىملار بىلەن ئوخشاش بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەمما بېرىدىغان مەبلەغ خىزمەت ھەققى ئۈچۈن بېرىلگەن چىقىملاردىن زىيادە بولۇپ قالسا، بۇ زىيادىسى بىلەن جازانە بولۇپ قالىدۇ. [پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيەسى].

   "ئىسلام پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيەسى" 13-نومۇرلۇق قارارى 1-توم 3-بەتتە مۇنداق كەلگەن:

    بىرىنچى: قەرزنىڭ خىزمەت ھەققى ئۈچۈن ھەق ئالسا توغرا بولىدۇ، بۇ ئەمەلىي چىقىم دائىرىسىدە بولسا بولىدۇ.

   ئىككىنچى: ئەمەلىي خىزمەت ھەققىدىن زىيادە بولغاننىڭ ھەممىسى ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھارام جازانىدىن ئىبارەتتۇر".

شۇ ئوچۇق بولدىكى، ئالىدىغان ھەق ئەمەلىي خىزمەت ھەققىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مەبلەغنىڭ زىيادىلىكى ياكى ئۆتەشنى كېچىكتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن زىيادە بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم.

    شەيخ يۈسۈپ شىبلىي مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر بانكا ئۈچۈن شەرت قىلىنغان زىيادە قەرزنى ئۆتەش مۇددەتگە ئالاقىدار بولسا ياكى قەرزنىڭ قىممىتىگە ئالاقىدار بولسا، ئۇ ھارام بولىدۇ. بۇنى ھەر يىلى ئەللىك پىرسەنتتىن بانكىغا بەرسىمۇ ياكى قەرز ئالغان ياكى قەرزنى ئادا قىلغان ۋاقىتتا بىراقلا بەرسىمۇ، بۇنى پايدا دەپ ئاتىسۇن ياكى خىزمەت ھەققى دەپ ئاتىسۇن ياكى جازا دەپ ئاتىسۇن نېمە دەپ ئاتىسا مەيلى (توختامدا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى ئاتالغۇدۇر) يەنى ئىسىم ئەمەس بەلكى ھەقىقەتتۇر.

    ئەمما شەرت قىلىنغان زىيادە مەبلەغ قەرزنىڭ قىممىتىگە ياكى قەرزنى ئاساس قىلىدىغان ۋاقىتقا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ئايرىم مەبلەغ بولسا، گوياكى بانكا ئۇنى قەرز بېرىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن ھەق قىلغان بولسا، مەسىلەن بىر يۈز ئەللىك رىيال، بۇ ھەقنى قەرزنى تۆلەشتىن ئايرىم بەرسۇن ياكى ئومۇمى قەرزنىڭ قىممىتىگە قېتىپ بەرسۇن، بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ئېنىق بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەق ھەقىقەتتە قەرزگە زىيادە قىلىش ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇ، بانكا قەرز بېرىش جەريانىدا تىلىپۇن قىلغان، توختام قىلغان، شۇنىڭدەك خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە باشقا بانكا ئېلىشقا ھەقلىق بولغان ھەقلەردىن ئىبارەتتۇر، شەرىئەتتىمۇ بۇ ئىشلارغا ھەق ئېلىش توغرا بولىدۇ".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى