سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

جىن چاپلىشىش ۋە سېھىر توغرىسىدا

سۇئال

قېرىندىشىم سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدا ئاجايىپ ئىشلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى، بەزى روھانىيلاردەك سۆزلەيدۇ، ھېچ كىشى بىلەن سۆزلەشمەيدۇ، ئۇ سىرتتا ئىككى يىل قالغان بولۇپ، ئاخىرىدا ئىش ئانىسىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرىدىغان دەرىجىگە يەتتى، ئاندىن بىز ئۇنىڭ روھىي كېسەل بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشەندۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دوختۇرنىڭ يېنىغا ئېلىپ باردۇق، لېكىن دوختۇر تەكشۈرىشىدىن ھېچ نەرسە چىقمىدى، بىز ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ ياكى سېھىر قىلىنىپتۇ دەپ ئويلىدۇق، بۇنى قانداق بىلىمىز ۋە بۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلىمىز؟ مۇشۇ سەۋەپتىن ئاناممۇ كېسەل بولۇپ قالدى؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن،

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بەزى تەجرىبىلىك كىشىلەر جىن چاپلاشقانلىق بىلەن سېھىر قىلىنغانلىقىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ، جىن چاپلاشقانلىقنىڭ ئالامىتى مۇنداق بولىدۇ دېدى:

   1-قۇرئان تىلاۋېتى ۋە ئەزان ئاۋازىدىن بەك ئۈركۈپ يىراق بولۇش.

   2-ئۇ كىشىگە قۇرئان ئوقۇلسا ئېسىنى يوقۇتۇش، ھوشىدىن كېتىش، ئايلىنىپ كېتىش قاتارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

    3-بىئارام بولىدىغان چۈشلەرنى كۆپ كۆرۈش.

    4-كىشىلەردىن ئايرىلىپ، يالغۇز تۇرۇش ۋە غەيرى ئىشلارنى قىلىش.

5-ئۇ كىشىگە قۇرئان ئوقۇلسا ئۇنىڭغا ئېگىلىنىۋالغان شەيتان ئۇنىڭغا ماس كېلىدۇ.

   6-ساراڭ ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ‏ تەرجىمىسى: «جازانە، ئۆسۈم يەيدىغان ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ» [سۈرە بەقەرە  275 ئايەت].

ئەمما  سېھرى قىلىنغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولسا:

    1-سېھىر قىلىنغان ئەر ئايالىنى ياقتۇرمايدۇ شۇنىڭدەك سېھىر قىلىنغان ئايالمۇ ئېرىنى ياقتۇرمايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎  فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِ بَيْنَ الْمَرْءِ وَزَوْجِهِ ‏ تەرجمىسى: « ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر ـ خوتۇننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى ) ئۆگىنەتتى.» [سۈرە بەقەرە 102 -ئايەت.]

   2- ئۇ كىشىنىڭ ئۆينىڭ سېرتىدىكى ھالىتى بىلەن ئۆينىڭ ئېچىدىكى ھالىتى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، سىرتتا بولسا ئۆيگە قايتىشقا بەك ئىنتىلىدۇ، ئۆيگە كىرگەندە، ئۆيدىكىلەرنى بەك ئۆچ كۆرۈپ كېتىدۇ.

   3-ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە قادىر بولالمايدۇ.

   4- بۇنداق ئەھۋالدا ئايال ھامىلدار بولسا تۇغماي بالىسى چۈشۈپ كېتىدۇ.

    5-ئېنىق بىر سەۋەبسىز ئىش-ھەرىكەتلىرىدە تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ.

    6-تاماققا پەقەت كۆڭلى تارتمايدۇ.

    7-ئۆزى بىر ئىشنى قىلمىسىمۇ خۇددى ئۇ ئىشنى قىلغاندەك خىيال قىلىدۇ.

    8-مەلۇم كىشىنى قارغۇلارچە ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كېتىدۇ.

    بۇنداق ئىشلاردا بەك دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ ئىشقا گىرىپتار بولغان كىشىدە ھازى زىكىر قىلىنغان شەرتلەرنىڭ بەزىسىنىڭ تولۇق تېپىلىشى شەرت ئەمەس، چۈنكى جىن چاپلاشقان ياكى سېھىر قىلىنغان كىشى بەزىدە ئۆزىدىكى ئەزاسى ياكى روھى تەرەپتىن شۇنداق بولغان بولىشىنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ بولىدۇ.

بۇنىڭ چارىسى:

   1-چىن دىلى بىلەن ئاللاھقا سېغىنىش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشى كېرەك.

   2-شەرئى رۇقىيە ۋە پاناھلىق تىلەش دۇئالىرىنى كۆپ ئوقۇش بولۇپمۇ قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىسىنى كۆپ ئوقۇش كېرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مۇشۇ ئىككى سۈرى بىلەن ئىلاج قىلىنغاندەك باشقا سۈرىلەر بىلەن ئىلاج قىلمىغان، بۇ ئىككى سۈرىگە ئىخلاس سۈرىسى قېتىلىدۇ، شۇنىڭدەك ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك پاتىھە سۈرىسىمۇ ئەڭ ياخشى رۇقىيە ھېسابلىنىدۇ.

    سېھىرنى ئىلاج قىلىشتا، يېشىل سېدە دەرىخىدىن يەتتە تال يوپۇرماق ئېلىپ، ئۇنى يۇمشاق ئېزىپ، بىر قاچىغا سېلىپ، قاچىغا شۇ كىشى يۇيۇنۇشقا يەتكىدەك سۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئايەتەل كۇرسى، كاپىرۇن، ئىخلاس ۋە مۇئەۋۋەزەتەين سۈرىلىرىنى ئوقۇش كېرەك، سېھىرگە ئېلاج قىلىش ئايىتى بەقەرە سۈرىسى 102-ئايەت، ئەئراپ سۈرىسى 117-119-ئايەت، يۈنۈس سۈرىسى 79-82-ئايەت، تاھا سۈرىسى 65-69-ئايەت، ئاندىن ئايەتلەر ئوقۇلغان سۇنىڭ بىر قىسمىنى ئىچىدۇ، قالغان قىسمى بىلەن يۇيۇنىدۇ، ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىمۇ مۇشۇنداق قىلىپ تەجىربە قىلغان، ئۈنۈملۈك بولغان.

   3-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى لەبىيد ئىبنى ئەئسەم دېگەن يەھۇدىي سېھىر قىلغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغاندەك، سېھرىنى ئورنىدىن تېپىپ چىقىرىپ، ئۇنى بۇزۇۋېتىش كېرەك بولىدۇ.

   4-توغرا بولغان ئىلاج ۋە دورىلارنىمۇ ئىستىمال قىلىش كېرەك، مەدىنىنىڭ ئېسىل خورمىلىرىدىن يەتتە دانىدىن يېيىش، ئۇ خۇرمىلارنى تاپالمىسا باشقا قانداق خورما بولسا يەتتە تالدىن يېسە بولىدۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پايدا قىلىدۇ.

    5-ھىجامە قىلدۇرۇش يەنى لوڭقا قويدۇرۇش.

    6-ئاللاھ تائالاغا كۆپ دۇئا قىلىش.

   ئاخىرىدا ئاللاھ تائالادىن قىرىندىشىڭىزغا تىزدىن شىپالىق ئاتا قىلىشنى، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىشنى سورايمىز، دەرت-داۋالارغا ئاللاھدىن باشقا شىپالىق ئاتا قىلغۇچى يوقتۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد