سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

بەش ۋاقىت نامازنى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان شەكىلدە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلغان كىشىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

"كۈنزۇل ئەئمال" ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنغان بۇ ھەدىسلەر سەھىھمۇ؟ 1-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ: كىمكى قىيامەت كۈنىدە بەش ۋاقىت نامازنى تاھارەتنى كامىل ئىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا، رۇكۇ-سەجدىلىرىگە رىئايە قىلىپ تولۇق ئادا قىلغان ھالەتتە كەلسە، ھېچ بىر پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرىنى چالا قويمىسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇنى ئازابلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىسى بار، كىمكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر بويىچە تولۇق ئادا قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابلىماسلىقى توغرىسىدا ۋەدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا خالىسا رەھمەت قىلىدۇ، ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ

   2-ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس: بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلغان كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ئۇنى ئازابلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىسى بار، كىمكى بەش ۋاقىت نامازنى ئۆلچەملىك تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۈ كىشى ئۈچۈن ئازابلىماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بولمايدۇ، ئاللاھ خالىسا كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە خالىسا ئازابلايدۇ.

    3- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بەندەم بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلسا، مېنىڭ ئۇنى ئازابلىماسلىق ۋە ھېساب ئالماستىن جەننەتكە كېرگۈزۈشگە ۋەدەم بار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى، كىمكى سەل قارىماي نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تەئدىل ئەركانلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشنى ۋەدە قىلدى، كىمكى نامازنى شەرتلىرى بويىچە تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، ئۇ ئادەم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ۋەدىسى يوق، خالىسا ئازابلايدۇ ۋە خالىسا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1420-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 461-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    يەنە بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بەش ۋاقىت نامازنى پەرىز قىلدى، كىمكى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تەئدىل ئەركانلىرىنى ئاللاھدىن قورققان ھالەتتە ئادا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى، كىمكى ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ۋەدىسى يوق، خالىسا ئەپۇ قىلىدۇ، خالىسا ئازابلايدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 425-ھەدىس. ئەھمەد رىۋايىتى 22704-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن، شۇنىڭدەك مۇسنەد ئىمام ئەھمەدنى تەتقىق قىلغانلارمۇ سەھىھ دېگەن].

     ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىگە كەلسەك، بۇ ھەدىسنى تەبرانى ئۆزنىڭ "ئەلئەۋسەت" ناملىق ئەسىرى4012-ھەدىسىدە باشقا ئىسناد بىلەن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ۋېتىر نامىزىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ئادا بولمايدۇ دېگەن، دەپ رىۋايەت قىلىنغان بۇ سۆز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئاڭلانغاندا، بۇ سۆزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىم ئاڭلىغان؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن بىرى ئاڭلىغان ھېچ بىر سۆزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى قىيامەت كۈنىدە بەش ۋاقىت نامازنى تاھارەتنى كامىل ئىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا، رۇكۇ-سەجدىلىرىگە رائىيە قىلىپ تولۇق ئادا قىلغان ھالەتتە كەلسە، ھېچ بىر پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرىنى چالا قويمىسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھنبىڭ ئۇنى ئازابلىمايدىغانلىقى توغىرسىدا ۋەدىسى بار، كىمكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر بويىچە تولۇق ئادا قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابلىماسلىقى توغرىسىدا ۋەدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا خالىسا رەھمەت قىلىدۇ، ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ. بىرىنچى ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى"11-توم 371-بەتتە كەلتۈرگەن ۋە بۇ نامەلۇم ھەدىس دېگەن.

    ئەمما كېينكى ھەدىسگە شاھىت بولىدىغان يەنە باشقا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

    ھەنزەلە ئىبنى كاتىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: كىمكى بەش ۋاقىت نامازنى تاھارەتنى كامىل ئىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا رۇكۇ-سەجدىلىرىنى تولۇق قىلىپ ئادا قىلسا ۋە نامازنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن پەرز ئىكەنلىكىنى بىلسە، جەننەتكە كىرىدۇ. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 18345-ھەدىس. مۇسنەد ئىمام ئەھمەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار: بۇ ھەدىس باشقا شاھىتلىرى بىلەن سەھىھ دېگەن].

    ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، نامازنى تەئدىل ئەركانلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ، كىمكى بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، رۇكۇ-سەجدىلىرىنى تولۇق ئۆلچەملىك قىلىپ ئادا قىلسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسا، قادىر بولالىسا ھەج پەرزىنى ئادا قىلسا، مېلىنڭ زاكىتىنى خۇرسەنلىك بىلەن بەرسە، ئۇ كىشى ئامانەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 429-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دېگەن].

    ئەمما ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا: ئەگەر بەندەم بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلسا ئۇنى ئازابلىمايمەن ۋە ھېسابسىز جەننەتكە كىرگۈزىمەن دەپ ۋەدە قىلدىم دەيدۇ. بۇ ھەدىسنى مۇلتەقا ھىندىي رەھىمەھۇللاھ "كەنزۇل ئۇممال" ناملىق ئەسەرنىڭ 7-توم 312-بىتىدە ۋە ھاكىم ئۆزىنىڭ تارخ كىتابىدا كەلتۈرگەن].

    ھاكىم رەھىمەھۇللاھنىڭ "نىساپۇر تارىخى"ناملىق ئەسىرى بەك كاتتا ئەسەر بولسىمۇ ھازىر كىشىلەرنىڭ قولىدا بۇنىڭ پەقەت "نىسابۇرنىڭ ئىز باسارى دەپ تونۇلغان" ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ يازمىسىدىكى قىسقارتىلما نۇسخىسى بار، ئۇنىڭدا بۇ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. 

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى