جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مېھرى ھەققىنىڭ ئايالغا بىكىتىلگەن ھەق ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئىسلام دىنىنىڭ تويلۇق مېھرى ھەققى بولغان قارىشىنى بىلىشنى خالايمەن، ئىسلام مېھرى ھەققىنى يولغا قويغانمۇ ياكى ئۇنى خاتالىق دەپ ئېتىبارغا ئالامدۇ؟ ئەگەر تويلۇق مېھرىنى خاتالىق دەپ ئېتىبارغا ئالسا، ئىلگىرى تويلۇق مېھرىگە ئېرىشكەن كىشىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تويلۇق مېھرى بولسا ئىسلام پرىنسىپىدا ئايالنىڭ ھەقلىرىدىن بولغان بىر ھەق بولۇپ، ئايالنىڭ ئۇ ھەقنى مۇكەممەل، تولۇق ئېلىشى كېرەك بولىدۇ، بەزى رايۇنلاردا ئىسلام پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ ئايالغا مېھرى ھەققىنى بەرمەيدىغان ئىشلارمۇ بولغان، ئايالغا مېھرى ھەققى بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَآتُوا النِّسَاءَ صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً تەرجىمىسى: ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. [سۈرە نىسا 4-ئايەت].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايەتتىكى "نِحْلَةً" دېگەن سۆزنى تويلۇق مېھرى دەپ چۈشەندۈرگەن.

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ تەپسىر ئۆلىمالىرىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشىگە ئايالنىڭ تويلۇق مېھرىنى چوقۇم خۇرسەنلىك بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ".

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِنْ أَرَدْتُمُ اسْتِبْدَالَ زَوْجٍ مَكَانَ زَوْجٍ وَآتَيْتُمْ إِحْدَاهُنَّ قِنْطَارًا فَلَا تَأْخُذُوا مِنْهُ شَيْئًا أَتَأْخُذُونَهُ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا وَكَيْفَ تَأْخُذُونَهُ وَقَدْ أَفْضَى بَعْضُكُمْ إِلَى بَعْضٍ وَأَخَذْنَ مِنْكُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا  تەرجىمىسى: ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، قويۇۋەتمەكچى بولغان خوتۇنغا (مەھرى قىلىپ) كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى (ئايالغا) قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق زۇلۇم قىلىپ ئالامسىلەر؟ ئۆزئارا خىلۋەتتە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئاياللار سىلەردىن (نىكاھ ئەقدىسىدىن ئىبارەت) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟. [سۈرە نىسا 20-21-ئايەتلەر].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلماقچى بولسا، دەسلەپكى ئايالىغا بەرگەن تويلۇق مېھرىدىن گەرچە مېھرى ھەققى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرىۋالمىسۇن، چۈنكى مېھرى ھەققى دېگەن ئايالدىن مەنپەئەتلەنگەننىڭ بەدىلىگە بېرىدىغان ھەقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئۆزئارا خىلۋەتتە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئاياللار سىلەردىن (نىكاھ ئەقدىسىدىن ئىبارەت) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر.

    ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىغان ھەدىستە، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىيىملىرىدە خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ قالدۇقى بار ھالەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنسارىلاردىن بولغان بىر ئايال بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئېيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: قانچىلىك مېھرى ھەققى بەرگەنلىكىنى سورىغاندا ئۇ: ئۆچكە ياكى مېغىزدەك ئالتۇن بەردىم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بىرەر قوي ئۆلتۈرۈپ بولسىمۇ توي زىياپىتى  بەرگىن دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 4756-ھەدىس].

    تويلۇق مېھرى دېگەن ئايالنىڭ خاس ھەققى بولۇپ، ئۇنى ئايالنىڭ رازىلىقىسىز دادىسى ياكى باشقا تۇققانلىرى ئالسا توغرا بولمايدۇ.

     ئەبۇ سالىھ مۇنداق دەيدۇ:"بىر كىشى قىزىنىڭ تويىنى قىلىپ، تويلۇق مېھرىنى ئۇنىڭغا بەرمەي ئۆزى ئېلىۋالغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. "تەپسىر ئىبنى كەسىردىن ئېلىندى".

    شۇنىڭدەك ئايال يەنە ئۆز رازىلىقى بىلەن تويلۇق مېھرىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئېرىدىن ئۆتىۋەتسە بۇمۇ توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَآتُوا النِّسَاءَ صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً ۚ فَإِن طِبْنَ لَكُمْ عَن شَيْءٍ مِّنْهُ نَفْسًا فَكُلُوهُ هَنِيئًا مَّرِيئًا  تەرجىمىسى: ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق (يەنى پاك ـ ھالال بىلىپ) يەڭلار. [سۈرە نىسا 4-ئايەت.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد