سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

پىسخىكىسى بۇزۇلۇپ، يالغۇز ياشاپ ئۈمىتسىزلەنگەن كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟

سۇئال

مەن پىسخىكا جەھەتتىن چارچاپ كەتتىم، ئون ئىككى يىلدىن بىرى كىشىلەرگە ئارىلاشمايمەن، باشقىلاردىن يىراق ياشايمەن، ئوقۇش قاتارلىق بارلىق ئارزۇلىرىم ۋەيران بولىدى، دادام بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، بىز ئۈچۈن بۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقمايدۇ، مەن پىسخىكا كېسىلى بولۇپ، چاچلىرىمنى يۇلىمەن، بەك جىددىيلىشىمەن، جەمئىيەتكە ئارىلىشىشتىن قورقىمەن، نەپەس ئىلىشتىن قىينىلىمەن، ئۆزۈمنى بەك ئۆچ كۆرىمەن، ئارزۇلىرىم تۈگىمىدى، ئۈمىت بىلەن ياشاۋاتىمەن، كۆپ دۇئا قىلىمەن، لېكىن ئۆزۈمنى قانداق قۇتۇلدۇرۇشنى بىلمەيمەن، ماڭا ياردەم بېرىدىغان بىرىنىمۇ تاپالمايمەن، دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالىمىزنى دېسەك ئاچچىقلىنىدۇ، بىزنى چۈشەنمەستىن ھەتتا تىللاپ كېتىدۇ، ئانام بىزنىڭ غىمىمىزدە، ئۇنىڭ ئەھۋالىمۇ بىزگە ئوخشاش، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز يوق بولدى، جەمئىيەتنى بەك ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتۇق، بەك چارچاپ كەتتىم، ياردەم بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ بۇ چارچىشىمغا رەھمى كېلىشى ئۈچۈن ئۆلۈمنى خالايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئالدى بىلەن سىزنى مۇشۇنداق ئىجتىمائىي قىيىنچىلىق ۋە روھى ئۆزگىرىش بىلەن تۇرۇقلۇق پەرىز ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ۋە نەپلە ئىبادەتلەرگە تېرىشچانلىققا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپمۇ پەرۋەردىگارىنىڭ تەرىپىگە سىزگە ئوخشاش يۈزلەنمىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئالى دىپلۇم، چوڭ ئۇنۋېرسىتلاردا ئوقۇپ چىقىپ ئاسمان-زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىۋاتىدۇ.

    بىز مۇشۇ دەۋرىدە تولۇق تەلىم-تەربىيە ئالمىغان كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي بېسىم ۋە سەلبى ئالاقىلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ تۇرساقمۇ،  لېكىن بۇ توغرىدا ئازراق ئويلىنىپ باقايلى، بۇ كەلگۈسىدە ئۇتۇق قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشنىڭ ھەقىقى ئۆلچىمىمۇ؟ كەلگۈسىدىكى ھەقىقەت قايسى؟.

    ئەگەر يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ دۇنيالىقتىن ياخشى كۆرىدىغان ھەممە نەرسىسىگە ئېرىشسە، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يېتەلمىدى، بۇ زايە بولۇپ كەتكەنلىكمۇ ياكى ئۇتۇق قازانغانلىقمۇ؟.

   ئەگەر ئاددى ئوقۇمىغان بىر كىشى دۇنيادا ياخشى كۆرىدىغان ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالسا، لېكىن ئۇ كىشى ئاللاھ تەرىپىگە يەتسە، بۇ زايە بولۇپ كەتكەنلىكمۇ ياكى ئۇتۇق قازانغانلىقمۇ؟.

    ئاللاھ سىزنى مۇھاپىزەت قىلسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە بىلدۈرگەن بۇ ئاجايىپ خەۋەر توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىدىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ نېمەتكە ئېرىشكەن كىشىلەر كەلتۈرۈلىدۇ، دوزاخقا چۆمدۈرۈلۈپ، ئاندىن: ئى ئادەم بالىسى! دۇنيادا ياخشى، نېمەتتە ياشىدىڭىزمۇ؟دېيىلىدۇ، ئۇ كىشى: ئى رەببىم! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ھېچ بىر ياخشى نېمەت كۆرمىدىم دەيدۇ.

   يەنە دۇنيادا ئەڭ بەك جاپا تارتقان ۋە قىيىنچىلىقتا ياشىغان، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرگەن بىر كىشىنى كەلتۈرۈپ ئۇنى: جەننەتكە بىر چۆمۈلدۈرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن: ئى ئادەم بالىسى! دۇنيادا جاپا تارتتىڭىزمۇ؟ قىيىنچلىققا ئۇچىردىڭىزمۇ؟دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى: ئى رەببىم! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھېچ جاپا تارتمىدىم ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىمىدىم دەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى].

     بۇ دوزاخ ئەھلىدىن دۇنيادا ئەڭ نېمەتكە ئېرىشكەن ۋە دوزاخقا پەقەت بىر قېتىملا چۆمدۈرۈلگەن كىشىنى ئەھۋالى.

     ماۋۇ بولسا، دۇنيادا كۆپ جاپا تارتقان بىر قېتىملا جەننەت نېمىتىگە چۆمدۈرۈلگەن جەننەت ئەھلىنىڭ ئەھۋالىدۇ.

   ئى ئاللاھنىڭ قۇلى! ئاتىڭىزنىڭ سىلەرنى ئوقۇتۇش ۋە پىسخىكا تەرەپلەردىن سىلەرگە سەل قارىغاننىڭ خاتالىقىنى ئاللاھ ئىسلاھ قىلسۇن، ئاللاھ تائالادىن سىلەرنى ئۆزىنىڭ نېمىتى، سېخىيلىقى ۋە پەزلى –رەھمىتى بىلەن ئىسلاھ قىلىشنى سورايمىز. لېكىن مۇشۇ كەمچىلىكنى تولۇقلاش ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان سەلبى نەتىجىلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك يولى بار:

    بىرىنچى: ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا يالۋۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرىبانلىقىدىنمۇ بەك مېھرىباندۇر.

ئىككىنچى: دىنى جەھەتتىن داۋالىغۇچىلارغا مۇراجىئەت قىلىش، ئىلىم سورۇنلىرىغا ھازىر بولۇش، زىكىر-تەسبىھنى كۆپ ئېيتىش، ئەگەر ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىسا، تىلۋىزۇر، رادىيۇ ۋە يازما ماتىرياللاردىن پايدىلىنىش كېرەك.

    ئۈچىنچى: تىببى داۋالىغۇچى دوختۇرلاغا مۇراجىئەت قىلىش، روھى كېسەللەر دوختۇرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈلدۈرمەي، دۇچ كېلىۋاتقان ئېچى سىقىلىش ۋە بىئاراملىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمىلىك داۋالاش ئىلىپ بېرىش.

تۆتىنچى: مۇمكىن بولسا بۇ كېسەللىكتىن بىرىنچى باسقۇچتا قۇتۇلۇپ كېتىش ياخشىدۇر، بولۇپمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش پىكرى خەتەرلىكتۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن تىز تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىش كېرەك، ئۇ دورىلاردىن: بىروزاك  پروزاك بۇنى باشلاش ئارىسىدا ھەر كۈنى ئەتتىگەندە يىگىرمە گىرامدىن بىر يېرىم ئايغىچە داۋاملاشتۇرغاندا، دورىنىڭ ئۈنىمى يۇقىرى چەككە يېتىدۇ.

بۇ دورىنىڭ بەزى ئەكىس تەسىرىمۇ بولىدۇ، دەسلەپتە ئىشلەتكەندە، گال قۇرۇش، چوڭ تەرەت كەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر بولىدۇ، بۇ ئەھۋاللارمۇ ئاستا-ئاستا ئازلايدۇ، مۇشۇ باسقۇچتا يەنى دورىنى كۆپ ئېچىش ياكى تەدرىجى ئازلىتىش توغىرسىدا خاس دوختۇر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش كېرەك، چۈنكى دورا ئىستىمال قىلىشنى تۇيۇقسىز ئۈزۈپ قويۇش بىلەن سەلبى ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

   بەشىنچى: ئائىلىدە ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇش كېرەك، بۇنىڭ ئىجابى تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ.

    ئالتىنچى: بىز ھازىر ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق نۇرغۇن پەن-مەدىنىيەت، مائارىپ بىلىملىرىنى ئېچىپ ياشاۋاتىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلمى مۇئەسسىلەردىن ھاسىل بولمىغان ئىلىملەرگە ئېرىشىۋاتىمىز، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ ئىلمى تور بەتلىرى ۋە ئالى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرىسلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئىشتىراك قىلغۇچىلار مەلۇم ھەق ياكى ھەقسىز دىپلۇم بېرىش ۋە بۇ تور بەتلىرىنى ئىزدەپ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشىۋاتىدۇ.

   ئاللاھ تائالادىن سىزنى ئىككى دۇنيادا بەختلىك قىلىشنى، سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى