جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ئىماننى يېڭىلاش ئۈچۈن بەزى مۇئەييەن ۋاسىتىلارنى قوللىنىش توغرىسىدا

234426

تارقاتقان ۋاقىت : 15-01-2020

كۆرگۈچىلەر : 1630

سۇئال

قېتىپ كەتكەن دىللارغا ئىماننى قانداق مۇقىملىشىدۇ؟، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، دىننى ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى قانداق قوزغىتىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى بەرىكەتلىك قىلسۇن، مەن بۇ توغرىدا پايدىلىق ۋە قانائەتلىنەرلىك تۈرلۈك ۋاسىتىلارنى خالايمەن، بۇ ۋاسىتىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار ياكى كەسپى دەۋەتچىلەر كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى دىنغا كۆڭۈل بۆلىدىغان توغرا يولغا دەۋەت قىلىشتا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە قادىر بولالايدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۆزلىگىدىن بىر نەرسە تەقدىم قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۆرەلمىلىك ۋە ئاستىن-ئۈستۈنلۈك تۈگەيدۇ، تەرتىپ-ئىنتىزامچانلىق تۇيغۇسى ئۈستۈن بولىدۇ، ئاخىرىدا كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ دىللىرىدىكى يوق بولۇپ كەتكىلى تۇرغان ياكى تۇيغۇسىنى يوقاتقان ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە كاتتىلاش تۈيغۇسى ھەرىكەتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭدىكى ھەقىقى نېمەتنىڭ مىقدارىنى ھېس قىلىدۇ، ئاندىن بۇنىڭغا گۈزەل بىر شەكىلدە رەت قايتۇرىدۇ، بۇ ئۇلۇغ دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە باشقىلار ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلىدۇ؟ سىلەرنىڭ بۇ توغرىدا تولۇق ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بەندىلەرنىڭ دىللىرى بىر قاچىغا ئوخشايدۇ، ئۇ قاچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشىلىق ۋە توغرا يول بىلەن تولغان قاچىدۇر، ئۇ قاچىلارنىڭ ئەڭ ناچىرى ئازغۇنلۇق ۋە چېرىكلىككە تولغان قاچىدۇر.

سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: "ياخشى كىشىلەرنىڭ دىللىرى ياخشىلىق بىلەن قايناپ تۇرىدۇ، يامان كىشىلەرنىڭ دىللىرى ناچارلىق بىلەن قايناپ تۇرىدۇ. ["سائادەت دىيارىنىڭ ئاچقۇچى"1-توم 124-بەت].

     مۇشۇ ئىككى تۈردىكى قەلبنىڭ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتكەن ۋە تەۋرىنىپ قالغان دىل بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ تەرىپىگە تەلپۈنسە، بەزى ۋاقىتتا نەپسى-خاھىشىنىڭ تەرىپىگە تەلپۈنىدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە تائەت-ئىبادەتنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش غالىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەلۇم ۋاقىت راۋرۇس بولىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىگە نەپسى-خاھىشى غالىپ كېلىدۇ، ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىدۇ، دۈشمىنىگە ئىتائەت قىلىدۇ، توغرا بولمىغان يوللاردا يۈرىدۇ.

     شەك-شۈبھىسىزكى مۇسۇلمان ھەقىقەتەن ھەرقانداق ھالەتتە ياخشىلىققا ئەڭ لايىقتۇر، ئەگەر ساغلام يولدا بولسا ئەجىر-پەزىلەتكە لايىق بولىدۇ، ئەگەر قىڭغىر يولدا بولسا ئۇنىڭ ھالى تەۋبە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشقا بەك لايىقتۇر.

     مۇسۇلمان غاپىل بولغان ۋاقتىدا ئەسلىتىشكە، ۋەز-نەسىھەتكە، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قورقۇتۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ تۇرالغۇسى تەقۋادارلارنىڭ مەھەللىسىدىن يىراق بولسىمۇ ۋە ئۇنىڭ دىلى ۋەز-نەسىھەت ۋە ئەسلىتىش سورۇنلىرىدىن يىراق بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىلى دائىم ھاياتلىق بىلەن سوقىدۇ.

    تۆۋەندە غاپىل قالغان مۇسۇلماننى دەۋەت قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بەزى نەسىھەتلەرنى بايان قىلىمىز:

    -باشقىلارنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن ھەقىقەتگە دەۋەت قىلىش جەريانىدا ئەزىيەتلەرگە، يامانلىق بىلەن رەددىيە بەرگەنلەرگە سەۋىر قىلىش، ئۇنىڭ قارشىسىدا كۈلۈمسىرەش، خوش-خەۋەر بېرىش، قىزغىن كۆرۈشۈشلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتەك ئېسىللىكىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    - ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى، تائەت-ئىبادەت بىلەن توغرا يولدا بولغان بەندىسىنى ياخشى كۆرگەندەك، تەۋبە قىلىش، كەچۈرۈم سوراش بىلەن ئۆزىنىڭ تەرىپىگە قايتقان ئاسىي بەندىسىنىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن خۇرسەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىلىدا ئۈمىت-ئارزۇ ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئېشىكىنى ئېچىش كېرەك.

    -ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرۈش بىلەن قاتقان دىللارنى ئېرىتىش، ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرىنى بىلدۈرۈش كېرەك، ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئېسىل سۈپەتلىرىنى بىلگەندە ئاللاھنى ۋە ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھدىن يىراقلىشىش ۋە يىراقلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى ئۆچ كۆرىدۇ.

     ئاندىن ئىككىنچى قېتىمدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ياد ئېتىپ تۇرغان بەندىلىرىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاتا قىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپ، پەزىلەت ئاتا قىلىدۇ، تۈرلۈك يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ.

    -ئۇلارنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ياد قىلىشقا، مەنىلىرىنى ئويلىنىپ تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ توغرا يولىغا ئىلىپ بارىدىغان ھىدايەتنىڭ ئەسلىدۇر، قۇرئان كەرىم بىلەن پەرۋەردىگار بەندىلەرنى شەيتانلارنىڭ ھىلە-مىكرىدىن ساقلايدۇ.

    -ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ئالامەتلىرى، ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى ۋە ئاللاھ خالىسا ئۇ نېمەتلەرنى تارتىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر قىلىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.

    -بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە تولۇق شۈكۈر ئېيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، نېمەتكە شۈكۈر ئېيتماستىن ناشۈكۈرلىق قىلىپ، نېمەتنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىغان يوللارغا سەرپ قىلسا، ئۇ نېئمەتنىڭ ھەقىقەتەن يوق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىش كېرەك.

   -ئۇلارنى دىللىرىنى ۋە خاتىرلىرىنى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىدىن ساقلاشقا دەۋەت قىلىش.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دىلىڭنى ۋەسۋەسىنىڭ خەتىرىدىن مۇداپىئە قىلغىن، ئۇنداق قىلمىساڭ بۇ بىر پىكىرگە ئۆزگىرىدۇ، بۇ پىكىردىن مۇداپىئە قىلغىن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ بۇ شەھۋەتكە ئۆزگىرىدۇ، بۇنىڭغا قارشى تۇرغىن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ بۇ ھىممەت ۋە ئىرادىگە ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر دىلىڭنى بۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلمىساڭ بۇ ئەمەلى ھەرىكەتكە ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ قارشىسىدا چارە قىلمىساڭ بۇ ئادەتكە ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەتتىن ئايرىلىش ساڭا قېيىن بولىدۇ". ["ئەل پاۋائىد" 31-بەت].

    -ئۇلارغا تائەت-ئىبادەتنى ياخشى كۆرۈش ۋە گۇناھ-مەسىيەتنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۈگىتىش كېرەك. تائەت دېگەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتۇر، ئاسىيلىق دېگەن شەيتانغا چوقۇنۇشتۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى دوست تۇتۇپ، ئاللاھنىڭ دوستىنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، ھەقىەتتە چوڭ خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ.

   -ئۇلارغا دىنى ئىشلاردىن ئومۇمى ئەدەپ-ئەخلاق جۈملىسىدىن ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتكە، خوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىشقا ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە قىزىقتۇرىدىغان ئىشلارنى ئۈگىتىش، ئۇلارنى مۇشۇ ئەدەپ-ئەخلاق ئارىسىدىن دىننى چۈشىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئېسىل ئەخلاقلارنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىنى، قانداق قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھسىسسالام ئەخلاقىنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان ئېسىل ئەخلاق بىلەن مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

    -دىللارنى غەيىبنى بىلگۈچى ئاللاھدىن يىراق بولۇشتىن ساقلاش كېرەك، چۈنكى ئاللاھدىن يىراق بولۇشتا ھالاكەت ۋە خارابلىق بولىدۇ، ئاللاھقا يېقىن بولۇشتا ئۈلپەت ۋە ھوزۇر بولىدۇ.

    -رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ئۈلپەتلەندۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن قورقۇتۇش، ئىنسان ساۋاپ بىلەن جازانىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، ئەگەر ئىتائەت قىلسا ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئاسىيلىق قىلسا جازالىنىدۇ، پەقەت ئاللاھ كەچۈرىۋەتسە جازالانمايدۇ.

     -ياخشى، تەقۋادار كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئاسىي، بۇزۇق-ناچار كىشىلەر بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇشتىن ساقلىنىش ۋە يىراق بولۇش كېرەك، چۈنكى ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشنىڭ دىنىگە ئەگىشىدۇ.

    -تەسىرلىك ۋەز-نەسىھەتلەرنى قىلىش بىلەن دىللارنى يۇمشىتىش، ئاندىن قاتتىق، چۆچۈتىدىغان ۋەز-نەسىھەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن دىللارنى چېكش كېرەك، چۈنكى ئىنسان دېگەن ئۈمىد بلەن قورقۇنچ ئارسدا بولىدۇ،

    - دائىم ئۈمىد-ئارزۇلارنىڭ ئېشكىنى ئېچىش، ئۈمىدسىزلىك ۋە مەيۈسلىنىدىغان سۆزلەردىن يىراق بولۇش، دىنىمىزدا ئۈمىدسىزلىككە ئورۇن يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا كۈندۈزدە خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە، كېچىدە خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كۈندۈزدە تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن قولىنى ئېچپ تۇرىدۇ.

     مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسنىڭ تۇتقۇچى: نەپسى ۋە دىلىگە قارشى كۆرەش قىلىش، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ كالامى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى ۋە سەننەتلىرى بىلەن ئۈلپەت بولۇش، دەۋەتچى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۆزىگە ئاسان بولغان ئىشەنچلىك تەپسىر كىتابلىرى ئارىسىدىن شەيخ ئەبۇ بەكىر جەزائىرنىڭ: "ئەيسەر تەپاسر" ياكى "تەپسىر مۇيەسسەر" ياكى "تەپسىر سەئدىي" قاتارلىق كىتابلارنىڭ بىرىدىن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ كىتابنى دەرىسلىك قىلىش، تىلاۋەت قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، مەنىلىرىنى ئۆگىنىش كېرەك.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە تولۇق كۆڭۈل بۆلۈش بولۇپمۇ ئەمەل قىلىش تەرىپىگە بەك ئىھتمام قىلىش كېرەك، مۇمكىن بولسا ئىمام نەۋەۋىي رەھمەھۇللاھنىڭ: "ياخشى كشىلەر باغچىسى" ناملىق كتابىنى دەرىسلىك قىلىش كېرەك.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىدنىڭ "ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ كۆرۈنىشى" ۋە "ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ۋاستىلىرى" ناملىق كىتابلىرىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى