پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ كەپپارىتى توغرىسىدا

سۇئال

1-بىر كىشىنى ئۇ تىلى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ دەپ تۆھمەت قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.

2-ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكى توغرىسىدا ئۇ كىشىگە خەۋەر بېرىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ئىش يۈز بەردى، غەيۋىتى قىلىنغان كىشىگە خەۋەر بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ كىشىگە: سىزگە سۆز يەتكۈزگەن كىشى تىلى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ دەپ ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆز قىلماپتۇ.

3-بىر كىشىنى ئۇ كىشىنىڭ خەۋىرى يوق دېگەن سۆز بىلەن تۆھمەت قىلىش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟. بۇ كىشى پاك بولۇپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىنىش ئارقىلىق يۈز-ئابرۇيىغا داغ تەككۇزۇلدى، بۇ ئىشقا ئالاقىدار بولغان ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسىنى خەۋەر بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، مەن تىلى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ دەپ تۆھمەت قىلىنغان كىشى توغرىسىدا قىلىنغان غەيۋەت، توقۇلما ۋە بۆھتانلارنىڭ توختىشىنى خالايمەن؟.

سىلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇسۇلمان كىشى چەكلەنگەن ئىشلاردىن تىلىنى ساقلىشى زۆرۈر بولىدۇ، چەكلەنگەن ئىشلاردىن كىشىلەر سەل قاراپ كۆپ سادىر قىلىدىغىنى غەيۋەت، بۆھتان ۋە چېقىمچىلىقتۇر.

   غەيۋەت دېگەن: "بىر مۇسۇلماننىڭ يوق ۋاقتىدا ئۇ ئاڭلىسا ۋە تارقىتىلسا ياقتۇرمايدىغان ئىشلىرىنى زىكىر قىلىشتۇر".

   بۆھتان دېگەن: "مۇسۇلماندا يوق بولغان بىر ئىشنى يالغاندىن بار دېيىشتۇر".

   چېقىمچىلىق دېگەن: ئىككى تەرەپ ئارىسىغا ئاداۋەت سېلىش ئۈچۈن بىر تەرەپنىڭ سۆزىنى ئىككىنچى تەرەپكە يەتكۈزۈشتۇر.

    بۇ ئىشلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىللەر كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ئازراق دەلىل بايان قىلىش بىلەن كۇپايە قېلىمىز: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلا يَغْتَبْ بَعْضُكُمْ بَعْضاً أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتاً فَكَرِهْتُمُوهُ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَحِيمٌ  تەرجىمىسى: بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر.ئاللاھتىن قورقۇڭلار،ئاللاھ(تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان)تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە ھۇجرات 12-ئايەت].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ دېگەندە، ساھابىلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قېرىندىشىڭنى ياقتۇرمايدىغان سۆزلەر بىلەن زىكىر قىلىش دېدى، مەن دېگەن سۆز قېرىندىشىمدا بار بولسىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەن دېگەن ئىش قېرىندىشىڭدا بولسا، سەن ئۇنىڭ غەيۋېتىنى قىلغان بولدۇڭ، ئۇ ئىش قېرىندىشىڭدا بولمىسا سەن ئۇنىڭغا بۆھتان قىلغان بولدۇڭ دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: بۇ ئىككى قەبىر ساھىبى ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشى چوڭ بولمىغان ئىشتا ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ بىرى چېقىمچىلىق بىلەن يۈرەتتى، يەنە بىرى بولسا كىچىك تەرەتتىن ساقلانمايتتى دېدى ۋە خورمىنىڭ ھۆل شېخىدىن بىرنى ئەكەلدۈرۈپ ئىككى پارچە قىلىپ ھەر بىر قەبىرگە بىر تالدىن تىكىپ قويۇپ بۇ شاخ قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتتە ئازاب يەڭگىللىشى مۇمكىن، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى213-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى292-ھەدىس].

    ئىككىنچى: بىر كىشىنىڭ باشقىلارنى: تىلى بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ دېگەن سۆزى شەكسىزكى، بۇ ئۇ كىشى ياقتۇرمايدىغان سۆزدۇر، ئەگەر توغرا بولسا غەيۋەت بولىدۇ، توغرا بولمىسا بۆھتان بولىدۇ.

   غەيۋەت قىلغان، بۆھتان قىلغان ۋە چېقىمچىلىق قىلغان كىشىلەر بولسا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى ئىشلار ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى كېرەك، ئەگەر دېيىلگەن سۆز غەيۋىتى قىلىنغان كىشىگە يەتكەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەپۇ سورىشى كېرەك، ئەگەر يەتمىگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەققىدە كەچۈرۈم سوراش، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ۋە غەيۋىتىنى قىلغاندەك مەدھىيلەش كېرەك، شۇنىڭدەك ئۇ كىشىگە خەۋەر بېرىلسە ئاداۋەتنىڭ زىيادە بولىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش، دۇئا قىلىش ۋە مەدھىيلەش بىلەن كۇپايە قىلسا بولىدۇ.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى قېرىندىشىغا يۈز ئابرۇيى ياكى باشقا تەرەپلەردىن زۇلۇم قىلغان بولسا، قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراڭلار، بولمىسا، ئۇ كۈندە باشقىلارغا قېلىنغان زۇلۇمنىڭ مىقدارىدا ياخشى ئەمەللىرى ئېلىنىدۇ، ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، غەيۋىتى قىلىنغۇچىنىڭ يامانلىقى ئېلىنىپ غەيۋەت قىلغۇچىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايتى1217-ھەدىس].

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى بىر كىشىگە بۆھتان قىلىش، غەيۋەت قىلىش ۋە دەشنام قىلىش بىلەن زۇلۇم قىلىپ ئاندىن تەۋبە قىلغان بولسا ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن زۇلۇم قىلىنغۇچى بۇنى بىلىپ ھەققىنى ئېلىش ئىمكانىيىتى بولۇپ ئۇ كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلسا ياكى بۆھتان قىلسا بۇ توغرىدا ئۆلىمالار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئەھمەدكە نىسبەت بىرىلگەن ئىككى رىۋايەت بار، بۇنىڭ توغرا بولغىنى ئۆزىنىڭ غەيۋەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەزىلەر: ئۇ كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ يامانلىق قىلغاندەك ئۇ كىشىگە كۆپ ياخشىلىق قىلىدۇ. ھەسەن بەسەرىي ئېيتقاندەك: غەيۋەتنىڭ كاپارىتى: غەيۋىتى قېلىنغان كىشى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتۇر. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"3-توم 291-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى