شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇغۇل ۋە قىزلىرىنىڭ سانى توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە قىزى بولغان ۋە قايسى ئايالىدىن بولغان؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇل ۋە قىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى قاسىم ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن كۈنىيەتلەنگەن (يەنى ئەبەلقاسىم دېيىلگەن)، كېچىك ۋاپات بولۇپ كەتكەن، بەزىلەر ئۇلاغقا مىنگۈدەك بولۇپ نەجىيبە دېگەن يەرگە بارغان دېگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن زەينەپ، بەزىلەر قاسىمدىن زەينەپ چوڭ دېگەن، ئاندىن رۇقەييە، ئۇممۇ كۈلسۇم، پاتىمە، بەزىلەر قىزلارنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىدىن بىر ياشتىن چوڭ ئېدى دېگەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئۈچ قىزنىڭ چوڭى رۇقەييە، ئەڭ كېچىكى ئۇممۇ كۇلسۇم دېگەنلىك زىكىر قىلىنغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئابدۇللاھ تۇغۇلغان، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن تۇغۇلغانمۇ ياكى كېيىن تۇغۇلغانمۇ دېگەن پەرقلىق قاراش بار، بەزىلەر توغرا قاراشتا ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن تۇغۇلغان دېيىلگەن، بۇ يەنى ئابدۇللاھ دېگەن تەييىب ۋە تاھىر دېگەن پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىمۇ ياكى باشقىسىمۇ بۇ توغرىدا ئىككى خىل قاراش بار، توغرا قاراشتا بۇ ئىككىسى ئابدۇللاھنىڭ لەقىمى دېيىلگەن. بۇنىڭدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئاشۇ پەرزەنتلەرنىڭ ھەممىسى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن دۇنياغا كەلگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللىرىدىن پەرزەنتلىك بولمىغان، ھىجىرىيىنىڭ سەككىزىنچى يىلى قىبتىيلىق مارىيە دېگەن كېنىزىكىدىن ئىبراھىم دەپ ئات قويغان ئوغلى دۇنياغا كەلگەن. [زادىل مىئاد 1-توم 103-بەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبراھىمدىن باشقا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھەممىسى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن دۇنيا كەلگەن، لېكىن ئىبراھىم دەپ ئات قويغان ئوغلى قىبتىيلارنىڭ كاتتىسى ۋە ئىسكەندىرىيەنىڭ پادىشاھى مۇقەۋقىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سوغات قىلغان قىبتىيلىق مارىيە دېگەن كېنىزىكىدىن دۇنياغا كەلگەن، توغرا قاراشقا كۆرە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ  ئۈچ ئوغۇل ۋە تۆت قىز جەمئى يەتتە ئەۋلادى بولغان، ئوغۇللىرى:

 1- قاسىم. 2-ئابدۇللاھ. 3-ئىبراھىم.

قىزلىرى: 1-زەينەپ. 2- رۇقەييە. 3-ئۇممۇ كۇلسۇم. 4- پاتىمە.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پاتىمەدىن باشقا ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا دۇنيادىن كەتكەن، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئالتە ئاي كېيىن دۇنيادىن كەتكەن.

   ئ‍اللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى