شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

تۆت مەزھەپ قارىشىغا مۇۋاپىق ھالەتتە، ئايالنىڭ ئېرى ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا

سۇئال

يېقىندا يولدىشىم ۋاپات بولدى، مەن ھازىر ئىددەت ئىچىدە بولۇپ ئىددەت مۇددىتىگە رائىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا تولۇق رئايە قىلىۋاتىمەن، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىر دوستۇمنىڭ ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە؛ ئىددەتكە ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر ئۇلار تۇرىۋاتقان دۆلەتتە (تۈركىيىدە)بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئادىتىدە ئىددەت جەريانىدا ئايال پەقەت توي قىلىشتىن چەكلىنىدىكەن، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، ياسىنىش ۋە ئېھتىياجى ئۈچۈن سىرىتلارغا چېقىش قاتارلىق ئىشلار چەكلەنمەيدىكەن، ئۇلار بۇ قاراشنى مۇشۇ دۆلەتتە ئومۇملاشقان ۋە ئۆزلىرى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ھەنەفى مەزھىپىگە نىسبەت بېرىدىكەن، بۇ سۆز توغرىمۇ؟ ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇش مەسىلىسىدە تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ئارىسىدا ئوخشىمايدىغان قاراشلار بارمۇ؟، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاشۇ ئايالغا نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۇ ئايالنىڭ ھەنەپى مەزھىپىگە نىسبەت بېرىپ سىزگە، ئىددەت ئىچىدە پەقەت توي قىلىش چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ياسىنىش قاتارلىق ئىشلار دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ئىشلاردا ئايالغا گۇناھ بولمايدۇ دېگەن سۆزى توغرا ئەمەس،  ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرى ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئىددەت ئىچىدە زىننەتلىنىش-ياسىنىشى توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.

سەمەرقەندى رەھىمەھۇللاھ "تۆھپەتۇل فۇقەھا" ناملىق ئەسەر 2-توم 251-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئىددەت تۇتۇش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاياللارنىڭ زىننەتلىنىدىغان خۇشبۇي نەرسىلەر، رەڭلىك بويالغان كىيىملەرنى كىيىش، سېرىق رەڭلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش، سۈرمە تارتىش، مايلىنىش، چاچلىرىنى تاراش، زىبۇ-زىننەت تاقاش ۋە خېنە يېقىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن يىراق تۇرۇش دېمەكتۇر".

ئىمام زەيلەئى"كۇنزۇد دەقائىق دېگەن كىتابنىڭ شەرھىسى تەبيىنۇل ھەقائىق" ناملىق ئەسەر 3-توم 34-بەتتە: ئېرى ۋاپات بولغان ئايال، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان بولسا: زىننەتلىنىش، خۇشبۇي نەرسە ئىشلىتىش، سۈرمە تارتىش، مايلىنىش، خېنە يېقىش، ساپ-سېرىق رەڭلەردە بويالغان كىيىملەرنى كىيىش قاتارلىق ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن ئىددەت تۇتىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايالنىڭ ئېرىدىن باشقا تۇغقانلىرىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتسە تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتىدۇ، سۈرمە سۈرمەيدۇ، ئاددى كىيىملەردىن باشقا بويالغان كىيىملەرنى كىيمەيدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئېرى ۋاپات بولغان ئايال سېرىق رەڭلىك كىيىملەرنى كەيمەيدۇ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىمايدۇ، بىر يەرلىرىنى بويىمايدۇ ۋە سۈرمە سۈرمەيدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان].

    ھەنەپى مەزھەپ پىقھى ئۆلىمالىرى: ئېرى ۋاپات بولۇپ قارىلىق تۇتۇۋاتقان ئايال ئۈچۈن: كۈندۈزدە كەسىپ قىلىش ياكى داۋالىنىش قاتارلىق ھاجەتلىرى ئۈچۈن سىرىتقا چېقىش دۇرۇس بولىدۇ، كەچتە ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ تۇرىشى كېرەك دەيدۇ.

  "كۇنزۇد دەقائىق ۋە مىنھەتۇل خالىق ناملىق ئەسەرنىڭ شەرھىسى بولغان بەھرۇر رائىق ناملىق ئەسەرنىڭ 4-توم 166-بەتتە: ئېرى ئۈچۈن قارىلىق تۇتۇۋاتقان ئايال ھاجىتى ئۈچۈن كۈندۈزدە ۋە كەچ ۋاقىتلىرىدا كەسىپ قىلىش ۋە تۇرمۇش ھاجەتلىرى ئۈچۈن سىرتقا چىقسا بولىدۇ، ئەمما باشقىلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كېچىسىمۇ ياكى كۈندۈزىمۇ سىرتقا چىقىشى توغرا بولمايدۇ دېيىلگەن".

   سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئايالنىڭ تۇرمۇش ھاجەتلىرى بىلەن سىرتقا چىقىشىنىڭ دۇرۇس بولىشى ھاجىتى ئادا بولغان ۋاقىتقا قەدەر بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆينىڭ سىرتىدا تۇرۇپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

    ئىمام كاسانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېرى ۋاپات بولۇپ قارىلىق تۇتۇۋاتقان ئايال كېچىدە سىرىتقا چىقمايدۇ، كۈندۈزدە ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرى ئۈچۈن سىرتقا چىقسا بولىدۇ، چۈنكى كۈندۈزدە ئۆزىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ئۈچۈن كەسىپ قىلىپ خىراجەت قىلىدىغان نەرسىنى تاپىدۇ، كېچىدە چېقىشقا ھاجەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن كېچىدە سىرتقا چىقمايدۇ، ئەمما تالاق قىلىنىپ ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايال بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ خىراجىتىنى ئېرى بېرىدىغان بولغاچقا ئۇ ئايالنىڭ سىرىتقا چىقىشىنىڭ ھېچ ھاجىتى بولمايدۇ. ["بىدارى سەنائىئ پى تەرتىبى شەرائىئ"3 -توم 205-بەت].

    تۆت مەزھەپ پىقھى ئالىملىرى ئاياللارنىڭ ئىددەت ئىچىدە ياسىنىش ۋە زىننەت بۇيۇملىرىدىن يىراق تۇرىشى ۋە ئۆيدە تۇرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن.

    مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىدىن: ئىبنى ئابدۇل بەر مەدىنە ئەھلىنىڭ پىقھى كىتابى بولغان "ئەل كاپى" ناملىق ئەسەرنىڭ 2-توم 622-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئىددەت ۋاقتى توشقىچە ياكى ھامىلدار بولسا بالىسىنى تۇققىچە قارىلىق تۇتۇشى زۆرۈر بولىدۇ..

    قارىلىق تۇتۇش دېگەن: ئاياللارنىڭ ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىشكە ئالاقىدار بولغان، زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش، بوياش، سۈرمە تارتىش، خېنە يېقىش، تۈرلۈك رەڭدە بويالغان كىيىملەرنى كىيىش ياكى ياسىنىش ئۈچۈن ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىش قاتارلىق بارلىق ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك بولىدۇ، قارىلىق تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ ئۈزۈك ياكى باشقا زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، ئەممە سۈرمە تارتىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، كېچىدە تارتىپ كۈندۈزدە يۇيىۋەتسە بولىدۇ، خۇشبۇي مايلارنى ئىشلەتمەيدۇ، زىننەت قاتارىغا كىرمەيدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەتسە بولىدۇ".

    شاپىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن: ئەبۇ ئىسھاق شىيرازى رەھىمەھۇللاھ "ئەنتەنبىھ پى پىقھى شاپىئى" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 201-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: قارىلىق تۇتۇش دېگەنلىك: ياسىنىشنى تەرك قىلىش، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىماسلىق، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك، چاچ-تىرناقلىرىنى بويىماسلىق، چاچلىرىنى تارىماسلىق، رەڭلىك سۈرمىلەرنى سۈرمەسلىك، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، كېچىدە سۈرۈپ كۈندۈزدە يۇيىۋەتسە بولىدۇ، توق قىزىل ۋە يېشىل كىيىملەرنى كەيمەيدۇ، ئېھتىياجى بولمىغان ھالەتتە ئۆيدىن سىرتقا چىقمايدۇ، ئېھتىياجى بولۇپ قالسا كۈندۈزدە چىقىدۇ ئەمما كېچىدە چىقمايدۇ، ئېرى ۋاپات بولۇپ قارىلىق تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە سىرتقا چىقىشى توغرا بولىدۇ".

    ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن: ئىبنى قۇدامە مەقدىسى رەھىمەھۇللاھ "ئۇمدەتۇل پىقھى"1-توم 107-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: قارىلىق تۇتۇش: ئېرى ۋاپات بولغان ھەرقانداق ئايالغا زۆرۈر بولىدۇ، ياسىنىشتىن، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن، رەڭلىك سۈرمىلەرنى سۈرۈشتىن، ياسىنىش ئۈچۈن رەڭلىك كىيىشتىن يىراق بولىدۇ، ئۇ ئايال مۇمكىن بولسا ئۆزى تۇرغان ۋە ئىددەت تۇتۇش كېرەك بولغان ئۆيدە تۇرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى