جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بانكىدىن جازانى بىلەن قەرز ئېلىپ ياسىغان ئۆيدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئۈچ يىل ئىلگىرى بەزى پەتىۋانى ئاڭلىغاندىن كېيىن بانكىدىن جازانە شەكىلدە قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالدىم، ئۆينىڭ قىممىتىنى تۆلەشنى ئەمدى ئاخىرلاشتۇردۇق، چۈنكى بىز پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى دەسلەپتە ئۆتىگەندەكلا ئۆتىۋەتكەن ئىدۇق، بىز مۇشۇ ئۆيدە ياشىساق توغرا بولامدۇ؟، بۇ ئۆينى ئىجارىگە بەرسەك توغرا بولامدۇ؟، بۇ ئۆينى ئىش قىلىدىغان ئىش يېرى قىلساقمۇ بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   جازانە شەكىلدە قەرز ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، چۈنكى جازانە دېگەن چوڭ گۇناھلاردىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ - فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُؤُوسُ أَمْوَالِكُمْ لا تَظْلِمُونَ وَلا تُظْلَمُون تەرجىمىسى: « ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر!  ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى)ئالماڭلار ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر. ئەگەر جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر .»[سۈرە بەقەرە 278-279 -ئايەت.]

   ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ: تەپسىرىنىڭ2 -توم 657 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ئاللاھ تەرەپتىن ئاگاھلاندۇرۇش كەلگەندىن كېيىنمۇ جازانە قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان كىشىلەرگە قاتتىق قورقۇتۇش ۋە ئۇنى تەكىتلەشتۇر، ئىبنى جۇرەيج نىڭ دېيىشچە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "ئايەتتىكى" ئۇرۇش ئىلان قىلىڭلار" دېگەن سۆز، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن سىلەرگە قارشى ئۇرۇش بولىدىغانلىقىغا ئېشىنىڭلار" دېگەن بولدى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "قىيامەت كۈنىدە جازانە يېگەن كىشىگە قورالىڭنى ئېلىپ ئۇرۇشقا تەييار بولغىن دېيىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر» [سۈرە بەقەرە 279 ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جازانە ئالغۇچى، جازانە بەرگۈچى، جازانىنى يازغۇچى، شاھىت بولغۇچىلارغا لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش دېدى». [ مۇسلىم رىۋايىتى 1598 –ھەدىس] .

   ئەمما بۇ ئۆيدە تۇرۇش مەسىلىسىگەكەلسەك، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار  ئۇ ئۆيدە تۇرساڭلارمۇ، ئىجارىگە بەرسەڭلارمۇ ياكى خىزمەت ئورنى قىلساڭلارمۇ بولىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: بىر كىشى جازانە شەكىلدە قەرز ئېلىپ ئۆي سالغان بولسا، بۇ ئۆينى چېقىۋىتەمدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئىش يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك بولسا، سىزنىڭ بۇ شەكىلدە قەرز ئېلىشىڭىز ھارام، چۈنكى ئۇ جازانە بولۇپ بۇ ئىشنى قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئىستىغپار تەلەپ قىلىڭ، قىلغان ئىشىڭىزغا پۇشايمان قىلىڭ، بۇنداق ئىشنى تەكرار قىلماسلىق ئىرادىسىگە كىلىڭ. ئۆي مەسىلىسىگە كەلسەك؛ ئۇ، ئۆينى چېقىۋەتمەڭ، بەلكى ئۇنىڭ ئولتۇرۇش ياكى ئىجارىگە بېرىش ۋە باشقا تەرەپلەردىن پايدىلىنىڭ. ئاللاھدىن سىزنىڭ ئىلگىرى خاتالىقىڭىزنى ئەپۇ قىلىشنى ئۈمىت قىلىمىز". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 13-توم 411-بەت].

    ئاللاھ تائالادىن بىزگە تەۋبە ئاتا قىلىشنى ۋە بىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى