سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللاشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، دەرھال دۇرۇت-سالام يوللىمىسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشتى .

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشتى: ئەبۇ جەپەر تەھاۋىي ۋە ئەبۇ ئابدۇللاھ ھەلىمىي قاتارلىقلار: ھەرۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ.

باشقا ئۆلىمالار: ھەرۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش مۇستەھەپ ئەمەللەردىن بولۇپ، ئۇ تەرك قىلىنسا گۇناھكار بولىدىغان پەرز ئەمەللەردىن ئەمەس دېدى.

ئاندىن كېيىن ئۇلار يەنە ئىختىلاپ قىلىشتى: ئۇلاردىن بىر قىسىم ئۆلىمالار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ دۇرۇت-سالام يوللاش پەرز، چۈنكى بۇنىڭدىكى بۇيرۇق مۇتلەق بولۇپ، تەكرار بولۇشنى تەقەززا قىلمايدۇ، بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن مەقسەت ھاسىل بولىدۇ، دېدى. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك، سۇپيان سەۋرىي، ئابدۇراھمان ئەۋزائىي قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، قازى ئىياز ۋە ئىبنى ئابدۇلبەر قاتارلىقلار: بۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ كۆز قارىشى دېدى.

يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: ھەر نامازنىڭ ئاخىرىقى تەشەھۇدىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش پەرز دېدى، بۇ ئىمام شافىئى، ئىمام ئەھمەتنىڭ ئاخىرقى ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدىكى قارىشى ۋە باشقا ئۆلىمالارنىڭ قارىشى.

يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش پەرز ئەمەس بەلكى مۇستەھەب دېدى." ["جەلائىل ئەفھام" ناملىق ئەسەر 382-بەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، دۇرۇت-سالام يوللىمىغان كىشى ئۆزىگە جاپا سالدى، بېخىللىق قىلدى دېگەن سۈپەتلەر، بەختسىز بولدى، شاپائىتىدىن يىراق بولدى دېگەن مەزمۇندىكى دۇئالار توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر ئومۇمەن ھەر قاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش ۋاجىپ دېگەن ئۆلىمالارنىڭ قارىشىنى كۈچلاندۇرىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئىسمىم زىكىر قىلىنغاندا ماڭا دۇرۇت-سالام يوللىمىغان كىشىنىڭ بۇرنى توپىغا مىلەنسۇن (يەنى خار بولسۇن). [بۇ ھەدىسنى تىرمىزى 3545-نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلىپ ھەسەن دېگەن. شەيخ ئەلبانىرەھىمەھۇللاھسەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب (ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككەيلەندىن رازى بولسۇن) بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئىسمىم زىكىر قىلىنغاندا ماڭا دۇرۇت-سالام يوللىمىغان كىشى بېخىلدۇر. [بۇ ھەدىسنى تىرمىزى 3546- ھەدىستە رىۋايەت قىلىپ ھەسەن دېگەن. شەيخ ئەلبانىرەھىمەھۇللاھسەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

پاكىھانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "«مېنىڭ ئىسمىم زىكىر قىلىنغاندا ماڭا دۇرۇت-سالام يوللىمىغان كىشى بېخىلدۇر» دېگەن ھەدىس ھەر قاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش ۋاجىپ دېگەن ئۆلىمالارنىڭ قارىشىنى كۈچلاندۇرىدۇ. مەنمۇ شۇ قاراشقا مايىل بولىمەن." ["قەۋلۇل بەدىيئ پى سالاتى ئەلەل ھەبىيب ئەششەپىئ" ناملىق ئەسەر 31-بەتتىن ئېلىندى].

كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ مۇشۇ سۆزنى دېگەن. ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن ئىمام تاھاۋىي، مالىكى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن تەرتۇشىي ۋە ئىبنۇل ئەرەبىي، شافىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن ئەبۇ ئابدۇللاھ ھەلىمىي، ئەبۇ ھامىد ئىسپىرابىينىي، ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن ئىبنى بەتتە قاتارلىقلار.

بۇ ھەقتە كۆپراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن "پىقھى توپلاملىرى" ناملىق ئەسەر 1-توم 204-بەت، تور بېكىتىمىزدىكى 128796-131667- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىككىنچى: ھەرقاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش ۋاجىپ دېگەن ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىدىكەن كېچىكتۈرمەستىن دەرھال دۇرۇت-سالام يوللاش كېرەك بولىدۇ. بۇ ۋاقتى بېكىتىلگەن ئىبادەت بولۇپ، بۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش كېرەك. ۋاقتىنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئىبادەتمۇ يوق بولىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 145693-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مېنىڭ ئىسمىم زىكىر قىلىنغاندا ماڭا دۇرۇت-سالام يوللىمىغان كىشى بېخىلدۇر دېگەن بۇ ھەدىسنىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشىمۇشۇنى ئىپادىلەيدۇ.

سالىھىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يوللىنىدىغان دۇرۇت-سالاملار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىغا ئەگەشتۇرۇپ يوللىنىشنى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر كېچىكتۈرۈپ قويسا ئەيىبلىنىدۇ." ["سۇبۇلۇل ھۇدا ۋەررەشاد" ناملىق ئەسەر 12-توم 421-بەتتىن ئېلىندى].

ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىش بىلەن دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، بۇ ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئىبادەتمۇ ئۆتۈپكېتىدۇ. ئەمما ئازراق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنتۇپ قىلىپ كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يادىغا كېلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغان بولسا، بۇنىڭغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ.

شۇنىڭدەك نامازدىن كېيىنكى زىكىرلەرنى نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندىن كىيىنلا ئوقۇش سۈننەت بولۇپ، كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە بۇ سۈننەتنىڭ ئورنى يوق بولىدۇ، ئەمما ئازراقۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسا گۇناھ بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ناماز بىلەن نامازدىن كىيىنكى زىكىرنىڭ ئارىلىقىدا كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، سۈننەتنىڭ ئورنى تۈگەيدۇ، كۆپ ۋاقىتنىڭ ئىنىق بىر بەلگىلىمىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنى بېكىتىش ئۆرپ-ئادەتكە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئاز ۋاقىت دېگەن، جىنازا نامىزى ئوقۇغانچىلىك ۋاقىت بولۇپ، بۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، سۈننەتنىڭ ئورنى يوقالمايدۇ." ["شەرھى ئۇمدەتۇل ئەھكام" ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى]. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 148718- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئومۇمەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان كىشى ھەر قاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېچىكتۈرمەستىن دەرھال دۇرۇت-سالام يوللىشى كېرەك. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 68837- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى