جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ھازىر ئوقۇيدىغان نامازدا ئادا قىلىشنى نىيەت قىلىش، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن نامازدا قازا نىيتىنى قىلىشنىڭ شەرت قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن پېشىن نامىزى ئوقۇۋاتاتتىم، ئەسىرگە ئەزان ئوقۇلدى، مەن بىرىنچى رەكەتنىمۇ تۈگەتمىگەن ئىدىم، پېشىن نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇيمەنمۇ؟چۈنكى مەن ھازىر ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلغان نامازنىڭ نىيىتى قازاغا ئۆزگەردى، ئەگەر مەن ھازىر ئوقۇۋاتقان پېشىن نامىزىنى ئادا قىلغان بولسام ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئوخشاشلا بۇ نامازنى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى دەپ قايتىدىن ئوقۇيمەنمۇ؟.ۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇسۇلمان كىشىنىڭ شەرئى ئۈزۈرسىز نامازنى كېچىكتۈرۈپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، ئۈزۈرسىز نامازنى كېچىكتۈرۈپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشى چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ، ئۇ كىشى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش ئىرادىسىگە كىلىشى كېرەك.

    ئەمما ئۇخلاپ قىلىش ياكى ئۇنتۇلۇپ قىلىش سەۋەبىدىن نامازنى كېچىكتۈرۈپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشى، ئۈزۈرسى يوقالغاندىن كېيىنلا تىزدىن نامازنى ئادا قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ  مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 20882- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئىككىنچى: ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن نامازنى ئادا قىلىشتا قازاسىنى قىلىمەن دەپ نىيەت قىلىش شەرت بولمىغاندەك، ھازىر ئوقۇيدىغان نامازدىمۇ ئادا قىلىمەن دەپ نىيەت قىلىش شەرت بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇخلاپ قىلىپ ۋە ئۇنتۇپ قىلىپ نامازنى ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەندە، ئۇ نامازنى شۇ ۋاقىتتا ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغاندەك ئوقۇيدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى  ناماز ۋاقتىدا ئۇخلاپ قىلىپ ياكى  ناماز ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بۇ نامازنىڭ ۋاقتى  ئۇ كىشى  ئويغۇنۇپ، نامازنى ئىسىگە ئالغان ۋاقىتتۇر، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرىلىدۇ، ئۇ نامازنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ۋاقتى بولمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"24-توم 57-بەت].

    "مىرئاتىل مەپاتىھ" ناملىق ئەسەر 2-توم 312-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ناماز ئوقۇغۇچى سەل قارىغان، ئۇنتۇپ قالغان ياكى ئۇخلاپ قالغان نامازنى ئادا قىلىش ئېسىگە كەلگەن ۋاقىت بولۇپ، گەرچە بۇ نامازنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئويغانغان ياكى ئېسىگە ئالغان ۋاقتى شۇ نامازنىڭ ۋاقتىدۇر".

   "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" ناملىق ئەسەر 42-توم 84-86-بەتتە مۇنداق دېگەن: "كۆپچىلىك پىقھى ئۆلىمالىرى: ناماز ئوقۇغاندا، نامازنى ئادا قىلىش ياكى قازاسىنى قىلىشنى نىيەت قىلىش شەرت ئەمەس دېگەن قاراشتا بولۇش بولۇپ تۇرۇغلۇق، يەنە بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشقان:

    ھەنەپىي مەزھەب ئۆلىمالىرى-ئىبنى نۇجەيمدىن نەقل قىلىنغانغا ئوخشاش- مۇنداق دەيدۇ: ئوقۇيدىغان ناماز بېكىتىلگەندە ئۇنى ئادا قىلىمەن دەپ نىيەت قىلسۇن ياكى قازاسىنى قىلىمەن دەپ نىيەت قىلسۇن ئوخشاش دەيدۇ، پەخرۇل ئىسلام بەزدەۋىي ۋە باشقا ئۆلىمالار ئۇسۇل كىتابىدا: ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە قازاسىنى قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئىلىپ بېرىپ: "بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىنىدۇ، ھەتتا ھازىر ئادا قىلىدىغان نامازنى قازا نامازنى ئادا  قىلىش نىيىتى بىلەن بۇنىڭ ئەكسىچە قازاسىنى ئوقۇيدىغان نامازنى ھازىر ئادا قىلىدىغان نامازنىڭ نىيىتى بىلەن ئوقۇسىمۇ توغرا بولىدۇ دەيدۇ.

   شاپىئى مەزھەب ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "نامازدا ھازىر ئادا قىلىش ۋە قازاسىنى قىلىش دېگەن سۆزلەرنى شەرت قىلىش مەسىلىسىدە بىرقانچە تۈرلۈك يول بار: ئۇنىڭ ئەڭ توغرىسى: تۆتىنچى يول، ئۇ بولسىمۇ: ناماز ئوقۇغاندا ھازىرقى نامازنى ئادا قىلىمەن ياكى قازا بولۇپ كەتكەن نامازنى ئادا قىلىمەن دېيىش ئومۇمەن شەرت قېلىنمايدۇ، ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھدىن كەلگەن دەلىلدە: ھاۋا تۇتۇق كۈنىدە ۋاقىت بېلىشكە تېرىشىپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان كىشى روزا تۇتقاندا  ۋاقىت ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ ۋاقتىدا ئادا قىلىشنى نىيەت قىلسا بولىدۇ.

ھەنبەلى مەزھەب ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ:"ناماز ئوقۇغاندا ھازىرقى نامازنى ياكى قازا بولغان نامازنى دەپ بېكىتىش شەرت ئەمەس، شۇنىڭدەك ھازىر ئوقۇيدىغان نامازنى نىيەت قىلىشمۇ شەرت ئەمەس".

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قائىدىلەرگە ئاساسەن: "سىزنىڭ سوئالدا بايان قىلىنغان ھالەتتە ئۇقۇغان نامىزىڭىز توغرا بولىدۇ، سىزگە بىر نەرسە كېرەك بولمايدۇ، سىز نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سوراپ ئىستىغپار ئېيتىڭ، ھەممە نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا بەلكى كىشىلەر بىلەن بىرگە ئەزان ئوقۇلغان مەسچىتتە ئادا قىلىشقا تېرىشىڭ.

    نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇڭ چۈنكى نەپلە نامازلار پەرىز نامازنىڭ كاملىرىنى تولۇقلايدۇ.  بۇنى بىز 90143-147624- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى