جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان كىشىنىڭ روزىسىنىڭ روزا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

222812

تارقاتقان ۋاقىت : 08-03-2023

كۆرگۈچىلەر : 456

سۇئال

ئىمام ئەھمەد، بۇخارى، مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرىنىڭ شەرتىگە مۇۋاپىق ئىسناد بىلەن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىسلىرىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاڭ يورۇپ نامازغا ئەزان ئوقۇلغاندا، سىلەرنىڭ بىرىڭلار جۇنۇپ بولسا، ئۈ كۈندە روزا تۇتمىسۇن» دېگەن ھەدىس، ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن بايان قىلىنغان:  «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ ئاندىن يۇيۇنۇپ روزا تۇتاتتى» دېگەن ھەدىسكە زىت كېلىدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىنمايدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان  دەيدۇ، لېكىن ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇنىڭ تارىخى بىلىنمەيدۇ دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى، جۇنۇپنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇس بولىدۇ، مۇكەممەل بولمايدۇ دېگەنگە قاراتقان، بۇ يول، سۆزلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە بىرلىككە كەلگىنىدۇر.

   مۇكەممەل بولمايدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟، بۇ سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىكى كۈچلۈك قاراش قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، كېچىدە جۇنۇپ بولۇپ روزا تۇتقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ ئىككەيلەن مۇنداق دەيدۇ: «گۇۋاھلىق بىرىمىزكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھتىلام بولماستىن جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان ۋاقىتتا يۇيۇناتتى ئاندىن روزا تۇتاتتى».

شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى، ئىمام نەۋەۋىي بۇنىڭغا ئالىملارنىڭ بىرلىكى قارار ئالغانلىقىنى كەسكىن قىلدى. ئىبنى دەقىق ئەل ئىيدى: بۇ بىرلىككە كەلگەن ياكى بىرلىككە كەلگەنگە ئوخشاش ئىش دېگەن". ["پىقھى توپلاملىرى" 28-توم 63-بەت. 43307-، 181351- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن].

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىپ: «جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان كىشى روزا تۇتمىسۇن» دېگەندە، بىر كىشى ئۇنىڭغا ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستىن خەۋەر بەرگەندە، ئۇ كىشىگە: سەن بۇ ھەدىسنى ئۇ ئىككەيلەندىن ئاڭلىدىڭمۇ؟ دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇ ئىككەيلەن مەندىن بەكرەك بىلگۈچى دېدى، ئاندىن ئەبۇ ھۈرەيرە بۇ خەۋەرنى پەزل ئىبنى ئابباسغا قايتۇرۇپ، مەن ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان، پەيغەمبەرئەلەيھسسالامدىن ئاڭلىمىغان دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1926- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1109 –ھەدىس]. ئەبۇ ھۈرەرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلغان راۋىيلاردىن بىرى بولغان ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئابدۇراھمان: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ بۇ سۆزىدىن قايتقان دەيدۇ".

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كەبىنىڭ رەببى بىلەن قەسەمكى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان كىشىگە روزا يوق» دېگەن ھەدىسنى مەن دېمىدىم دەيدۇ. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1702- ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئىبنى ئەبۇ شەينە ئىبنى مۇسەييىبتىن ئۇ كىشى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: «جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان كىشىگە روزا يوق» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن قىلغان پەتىۋاسىدىن قايتقان". ["ئىبنى ئەبۇ شەيبە"2-توم 330-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئالىملار ئائىشە بىلەن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن بايان قىلىنغان ھەدىسكە ئەمەل قىلىشقا ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسكە ئەمەل قىلماسلىققا بىرلىككە كەلگەن. بۇنى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ پەتىۋاسىدىن ئۇ ئىككەيلەننىڭ سۆزىگە قايتقانلىقى كۇچلاندۇرىدۇ.

    ئالىملار ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىگە قارىتا بەرگەن جاۋاپلىرىدا بىر قانچە تۈرلۈك قاراشلاردا بولغان، ئۇلارنىڭ بەزىسى: ئائىشە بىلەن ئۇممى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالارنىڭ ھەدىسىنىڭ ئىسنادى سەھىھ دەپ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن كۈچلۈك دەپ قارىغان، چۈنكى ئىككى كىشىنىڭ رىۋايىتى بىر كىشىنىڭ رىۋايىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ". ["نىيلۇل ئەۋتار"4-توم253-بەتكە قارالسۇن].

    ئىمام بۇخارى بۇ ئىككى ھەدىسنى بايان قىلغاندىن كىيىن ئائىشە بىلەن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن بايان قىلىنغان ھەدىسنى بەك سەھىھ دېگەن.

    بەزى ئالىملار ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنى ھۆكمى ئەمەلدىن قالغان دېگەن.

    ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ توغرىدا ئاڭلىغان سۆزۈمنىڭ ئەك ياخشىسى ئۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالغان دېگەن سۆزدۇر، چۈنكى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىشنىڭ ئەۋۋىلىدە پەزل ئىبنى ئابباستىن ئاڭلىغىنى بويىچە پەتىۋا بەرگەن، ئۇنىڭ ھۆكمىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى بىلمىگەن، كىيىن ئائىشە بىلەن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن ھەدىسنى ئاڭلىغان، ئۇنىڭدىن كىيىن شۇ بويۇنچە پەتىۋا بەرگەن". [بەيھەقىينىڭ"سۈنەن ئەل كۇبرا" 4-توم 363-بەت].

     بەزى ئالىملار: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنى ياخشى كۆرىلىدىغان شەكىلدە  مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىغا قاراتقان.

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى، جۇنۇپنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇس بولىدۇ، مۇكەممەل بولمايدۇ دېگەنگە قاراتقان، بۇ يول سۆزلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە بىرلىككە كەلگىنىدۇر.

 ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر".

    [ "تەپسىر ئىبنى كەسىر"1-توم 517-بەت].

    مۇكەممەل بولمايدۇ دېگەننىڭ مەنىسى: تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇپ روزا تۇتقان كىشىنىڭ روزىسى ئەۋزەل ۋە مۇكەممەل بولىدۇ، ئۇ كىشى كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدىن باشلاپ تاھارەت بىلەن بولىدۇ، يۇيۇنۇشنى تاڭ يورىغاندىن كېيىنگە كىچىكتۇرسىمۇ بولىدۇ.

    "پىقھى توپلاملىرى"28-توم 63-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس مەنسۇخ-ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق ياكى ئەۋزەللىككە قارىتىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇپ روزىنىڭ ئەۋۋىلىدىن باشلاپ تاھارەت بولۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".

    سۆزلەرنىڭ كۈچلۈكرەكى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس مەنسۇخ-ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دېگەن سۆزدۇر. بۇنى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ سۆزىنى تەرك قىلىپ ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالارنىڭ ھەدىسىگە قايتقانلىقى ئۇنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى