جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بەندە قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدىغان سۇئاللار قايسى ؟

سۇئال

بىزگە قىيامەت كۈنىدىكى ئازاپلار ۋە سۇئال-سوراقلار ھەققىدە سۆزلەپ بىرەمسىلەر؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
قۇرئان ۋە ھەدىيستە ئىسپاتلاندىكى ، بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇدۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن ياكى ئەسكى بولسۇن بارلىق چوڭ ۋە كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساپ-كىتاپ قىلىنىدۇ . ياخشى ئىشقا مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىشقا جازالىنىدۇ . ھىساباتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولىدۇ . ئادەمدىن قەبرىدە سوراققا تارتىلىدىغان بىرىنچى نەرسە : پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ دىنىڭ نىمە ؟ سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى كىم ؟ ، ئەبۇ داۋۇد سۈنەنىدە( 4753) نەقىل قىلغان بەرا بىن ئازىبنىڭ ھەدىيسىدە كەلگەندەك . ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا (2979) ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان .
ئاندىن گەرچە ئۇ قەبرىدە سوراققا تارتىلغان بولسىمۇ ، قىيامەت كۈنى ھەر بىر چوڭ ۋە كىچىك ئىش-ئەمەللىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ ھەمدە بىرىنچى بولۇپ سوراققا تارتىلىدىغان نەرسە بولسا ناماز .
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئىش-ئەمەللىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سوراققا تارتىلىدىغان نەرسە بولسا ناماز . پەرۋەردىگارىمىز گەرچە ئۆزى ياخشى بىلسىمۇ ، پەرىشتىلەرگە دەيدۇ : بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلار ، تولۇقمىكەن ياكى كەممىكەن ؟ ئەگەر ئۇ تولۇق بولسا ، تولۇق دەپ خاتىرلىنىدۇ . ئەگەر ئۇ كەم بولسا ، ئۇ دەيدۇ : قاراڭلار ! بەندەمنىڭ نەپىلى نامىزى بارمۇ-يوق ؟ ئەگەر ئۇنىڭ نەپلى نامىزى بولسا ، ئۇ : بەندەمنىڭ پەرىز نامىزىنى ئۇنىڭ نەپلە نامىزىدىن تولۇقلاڭلار ! دەيدۇ . ئاندىن قالدى ئىش-ئەمەللىرىمۇ شۇ ئۇسۇلدا تەكشۈرلىدۇ . » [ ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان ، 864 . ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 770 ]
قىيامەت كۈنى كىشىلەر باشقا ئىشلار ھەققىدىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ :
ئىبنۇ مەسئۇدتىن( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : قىيامەت كۈنى ئادەم بالىسىنىڭ قەدىمى تاكى بەش نەرسە ھەققىدە سوراققا تارتىلماي تۇرۇپ پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدىن ئايرىلمايدۇ : ئۆمرىنى نىمە بىلەن تۈگەتتى ، ياشلىقىنى نىمە بىلەن قېرىتتى ، پۇل-مىلىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نىمىگە خىراجەت قىلدى ، ھەمدە ئۇ ئىرىشكەن بىلىمىگە قانداق ئەمەل قىلدى . [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 2422 . ئەلبانىي ئۇنى سەھىيھ تىرمىزىيدا ياخشى ھەدىيس دەپ تۈرگە ئايرىدى ، 1969 ]
ھەمدە قىيامەت كۈنى ئۇممەتلەر سوراققا تارتىلىدۇ :
ئەلچىلەرگە نىمە دەپ جاۋاپ بەردىڭلار ؟ [ قەسەس( ھىكايىلەر) : 65 ]
بۇلار بولسا بەندە قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەر بولۇپ ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھىرىسمەن دانا بەندە بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ تەييارلىشى كىرەك .
ئاللاھتىن بىزنى توغرا يولغا يىتەكلىشىنى سورايمىز .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى