جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قەدىر كېچىسىنى كۆزى بىلەن كۆرۈش توغرىسىدا

سۇئال

قەدىر كېچىسىنى پەقەت كۆز بىلەن كۆرۈش كېرەكمۇ؟ بەزى كىشىلەر: قەدىر كېچىسىنى كۆرۈشكە قادىر بولغان كىشى ئاسماندا نۇرلارنى كۆرىدۇ دەيدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ساھابىلار قەدىر كېچىسىنى قانداق كۆرگەن؟، ئىنسان ئۆزىنىڭ قەدىر كېچىسىگە نائىل بولغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟، ئەگەر ئىنسان شۇ كېچىنى كۆزى بىلەن كۆرەلمىسىمۇ قەدىر كېچىسىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشەلەمدۇ؟. بۇ مەسىلىلەرنى دەلىل پاكىتلار بىلەن ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

قەدىر كېچىسى ياكى ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆزى بىلەن كۆرۈش بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق قىلغان كىشىلا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ساھابىلار قەدىر كېچىسى ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرگەنلىكىنى بەزى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلايتتى. ئەمما ئۇ ئالامەتلەرنى كۆرمىگەنلىك شۇ كېچىدە ئاللاھ تائالاغا ئېشىنىپ،ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تۇرغان كىشىنى بۇ كېچىدە ئېرىشىدىغان ئەجەر-ساۋاپلارغا مۇيەسسەر بولۇشتىن ھېچ نەرسە چەكلەپ قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشىدىن ئەجىر-ساۋابنى تەلەپ قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغاندەك رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىنىڭ كېچىلىرىدە قەدىر كېچىسىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش تەقەززا قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تۇرۇشى قەدىر كېچىسىگە توغرا كېلىپ قالسا، گەرچە بۇ كېچىنى بىلەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ كېچىدە ئېرىشىدىغان پەزىلەتلەرگە مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تۇرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

يەنە بىر رىۋايەتتە: قەدىر كېچىسىنى تەلەپ قىلىپ تۇرغان كىشى، ئۇ كېچىگە نائىل بولسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دېيىلگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بۇ كېچىنىڭ بەزى ئالامەتلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ، يەنى شۇ كۈنى ئەتتىگەن قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، كۈننىڭ نۇرى بولمايدۇ. ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئالامەتنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ قەدىر كېچىسىنى رامزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى بولىدۇ دەپ قەسەم قىلغان. كۈچلۈك قاراشتا، قەدىر كېچىسى ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ كېچىلىرىدە بولىدۇ، پەقەت بىر كېچىگىلا خاس بولمايدۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ تاق كېچىلىرىنىڭ بىرىدە بولىدۇ. يىگىرمە يەتتىنچى كېچە بولسا تاق كېچىلەر ئىچىدە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن كېچىدۇر. ئاخىرىقى ئون كېچىنىڭ ھەممىسىدە ناماز ئوقۇش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان كىشى چوقۇم قەدىر كېچىسىنى تاپىدۇ. ئۇ كېچىدە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تۇرغان كىشى ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان ئەجىر-ساۋاپ ۋە پەزىلەتلەرگە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۇتۇق قازىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ۋەسەللەللاھۇممە ئەلا نەبىييىنا مۇھەممەد ۋەئەلا ئالىھى ۋەسەھبىھى ئەجمەئىين.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد