شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

قاشنىڭ ئاستىدىكى تۈكلەرنى ئېلىۋېتىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

قېشىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتمەستىن ئىككى قاشنىڭ ئاستىدىكى قېشىغا تۇتاشمايدىغان، ئازغىنە تۈكلەرنى ئېلىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەڭ چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچى، قاش تەرگۈچى ۋە تەردۈرگۈچى، چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچى، ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتكۈچى ئاياللارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغانلارغا مەن نېمە ئۈچۈن لەنەت قىلمايدىكەنمەن؟ بۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان تۇرسا!، ﴿وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ﴾ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» [سۈرە ھەشىر 7-ئايەت». بۇخارى رىۋايىتى 5931-ھەدىس].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «سەۋەپسىز چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچى، قاش تەرگۈچى ۋە تەردۈرگۈچى، مەڭ چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىلەرگە لەنەت قېلىندى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4170-ھەدىس. ھاپىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى ياخشى دەپ، "پەتھۇل بارى"10-توم 367-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ" ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 4170- ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئالىملار ئايالنىڭ قېشىنىڭ تۈكلىرىنى يۇلۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە مۇشۇ ھەدىسنى دەلىل قىلدى. "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى"14-توم 81-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىقھى ئالىملار ئايالنىڭ ئىككى قېشىنىڭ تۈكىنى يۈلىۋېتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، يۈزىنىڭ تۈكىنى يۈلۈشتىن چەكلەنگەن ھۆكۈم بىلەن بىر ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاق كەلگەن.

    ئىككىنچى: قاشنىڭ دائىرىسى: قاشنىڭ تۈكى بولسا، كۆزنىڭ ئۈستىدىكى سۆڭەككە ئۈنگەن تۈكتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى مەنزۇر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى قاش دېگەن: ئىككى كۆزنىڭ ئۈستىدىكى سۆڭەك، ئۇنىڭ گۆشى ۋە تۈكىدىن ئىبارەتتۇر، سۆڭەكنىڭ ئۈستىگە ئۈنگەن تۈك، قېشىنىڭ تۈكى دېيىلىدۇ، چۈنكى ئۇ تۈك بولسا كۆزنى كۈن نۇرىدىن توساپ تۇرىدۇ". ["لىسانۇل ئەرەب" 1-توم 298-299-بەت].

    لۇغەتتە ۋە كىشىلەرنىڭ ئادىتىدە بۇ تۈكلەر قاش دېيىلىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن، سوئالدا بايان قىلىنغان قېشىنىڭ ئاستىدىكى تۈكلەر ئەسلى قېشىدىن ئايرىلىپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۇ قاشقا قېتىلىدۇ، قېشىنىڭ سۆڭىكى ئۈستىدە ئۈنگەن تۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ قاشنىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ.

ئىنسان ئېھتىياتچان بولۇپ كۈچلۈك شۈبھە بولغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك، بولۇپمۇ كۆپچىلىك ئالىملار قېشىنىڭ تۈكىدىن باشقا تۈكلەرنى يۈلۈشنىمۇ يۈلۈۋېتىشى چەكلەنگەن يۈزنىڭ تۈكلىرىنىڭ قاتارىدىن دەپ قارىغان. 

 ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى