دۇشەنبە 11 زۇل ھەججە 1445 - 17 ئىيۇن 2024
Uygur

پەرىز بىلەن ۋاجىپنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە تولۇق ئەگەشكەن كىشى ئومۇمى جەھەتتە پەرىز بىلەن ۋاجىپنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ، ئۇنداقتا بۇ تەقسىماتلار نەدىن كەلدى؟، بۇنىڭدا تاللانغان سۆز قايسى؟، ئاللاھ تائالا سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن ۋە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ھەنەفى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن باشقا بارلىق ئۇسۇل ئالىملىرى ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بولغان بىر رىۋايەتتە: پەرىز بىلەن ۋاجىپ بىر-بىرىگە مەنىداش دەپ قارىغان.

    پەرىز ياكى ۋاجىپ دېگەن شەرىئەت كەسكىنلىك يول بىلەن ئادا قىلىشقا بۇيرىغان ئىش بولۇپ، بۇنى ئادا قىلغان كىشى ئەجىر-ساۋاپقا ھەقلىق بولىدۇ، قىلمىغان كىشى بولسا ئازاپقا ھەقلىق بولىدۇ. پەرىز ياكى ۋاجىپ ئەمەل كەسكىن دەلىللەر بىلەن ياكى كەسكىن بولمىغان دەلىللەر بىلەن بېكىتىلگەن بولسۇن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈمدە ۋە نەتىجە ئىتىبارى بىلەن ھېچ پەرق يوق.

    ئەمما ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى بولسا پەرىز بىلەن ۋاجىپنىڭ ئارىسىنى ئايرىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا پەرىز دېگەن كەسكىن دەلىل بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ، ۋاجىپ دېگەن كەسكىن بولمىغان دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.

     شىيرازىينىڭ"ئەللەمئۇ پى ئۇسۇل پىقھى" ناملىق ئەسىرى23 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: " پەرىز، ۋاجىپ، مەكتۇب دېگەننىڭ ھەممىسى بىر بولۇپ، بۇنى تەرك قىلغان كىشى ئازاپقا ھەقلىق بولىدۇ".

    ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "ۋاجىپ دېگەن ۋاجىپلىقى ئىجتىھاد دەلىلى بىلەن ئىسپاتلانغان ئىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا ۋېتىر ۋە قۇربانلىق قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر، پەرىز بولسا، ئۇنىڭ پەرىزلىكى كەسكىن دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان ئىش بولۇپ، بەش ۋاقىت ناماز، پەرىز قىلىنغان زاكات قاتارلىق ئەمەللەردىن ئىبارەت، بۇنداق ئايرىش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئىسىملارنىڭ يوللىرى: يەنى شەرىئەتتە، لۇغەتتە ۋە ئىشلىتىشتە ئۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان كەسكىن ياكى ئىجتىھادى دەلىل يوق".

    "ئۇسۇلدىكى كەسكىن دەلىللەر"1-توم 131-بەتتە مۇنداق كەلگەن:" بىزنىڭ قارىشىمىزدا: پەرىز بىلەن ۋاجىپ بىردۇر.

    ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى: پەرىز دېگەن كەسكىن دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان، ۋاجىپ دېگەن كەسكىن بولمىغان دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان دەپ قارايدۇ".

    ئامىدىينىڭ"ئەل ئىھكام پى ئۇسۇل ئەھكام" ناملىق ئەسىرى 1-توم 99-بەتتە مۇنداق كەلگەن: " شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا پەرىز بىلەن ۋاجىپنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى بولسا، كەسكىن دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغاننى پەرىز، كەسكىن بولمىغان دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغاننى ۋاجىپ دېگەنگە خاس قىلدى، بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش، شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى زىكىر قىلغان سۆز بولۇپ، بۇ مەلۇم، بۇ كەسكىن ئەمەس دەپ ھۆكۈمنى ئىسپاتلاش يوللىرىدىكى ئىختىلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئىسپاتلانغان نەرسىنىڭ ئوخشىمايدىغان بولىشىنى ۋاجىپ قىلمايدۇ". بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن" بەھرۇل مۇھىيت پى ئۇسۇل پىقھى" 1-توم 240- 244-بەتكە قارالسۇن.

    كۆپچىلىك ئالىملار بىلەن ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى ئارىسىدا بۇ مەسىلە توغرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپ بولسا لەپزى ئىختىلاپ بولۇپ، بۇنىڭغا ئىلمى مەسىلىلەر تەرتىپلەنمەيدۇ، چۈنكى ھەممەيلەن پەرىز بىلەن ۋاجىپنى مۇكەللەپ بولغان ئىنساننىڭ قىلىشى لازىم ئىكەنلىكىدە، ئۇنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق، بۇ ئالىملار ئارىسىدا ئىتتىپاققا كەلگەن ئىشتۇر، شۇنداقلا بۇ پىقھى ھۆكۈملەردە ئېھتىياجلىق بولىدىغان مەسىلىدۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى