جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

روزىنىڭ قازاسىنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا

سۇئال

بىر يىلى رامىزاندا ئايلىق ئادىتىم سەۋەبىدىن بىرنەچچە كۈن پەرز روزىنى تۇتالمىدىم، مەن ھازىرغىچە ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتالمىدىم، ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى، مەن قالغان روزامنىڭ قازاسىنى ئادا قىلىشنى خالايمەن، لېكىن نەچچە كۈنلۈك روزام بارلىقىنى بىلمەيمەن، قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلانى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىز ئۈچۈن بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىش بار:

    بىرىنچى: روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى كىچىكتۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، سەل قاراپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىڭىزغا پۇشايمان قىلىڭ، بۇ ئىشنى قايتا تەكرار قىلماسلىق ئىرادىسىگە كىلىڭ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتُوبُوا إِلَى اللَّـهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ  تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر نىجات تىپىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭلار. [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

    روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنى كېچىكتۈرۈش ئاسىيلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.

    ئىككىنچى: قالغان روزىنى ئۆزىنىڭ گۇمانى بويىچە ھېسابلاش كېرەك، ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇتالمىغان روزىڭىزنىڭ قازاسىنى قىلىشنى مەقسەت قىلىسىز، ئون كۈنلۈك روزام قالدى دەپ ئويلىسىڭىز ئون كۈن تۇتۇڭ، ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق ياكى كۆپرەك قالدى دەپ ئويلىسىڭىز شۇ بويىچە تۇتۇڭ، چۈنكى ئاللاھ تائالا  مۇنداق دەيدۇ: لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: ئاللاھ تائالا ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ. [سۈرە بەقەرە سۈرىسى 286-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: كۈچىڭلارنىڭ يىتىشچە ئاللاھدىن قۇرقۇڭلار. [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

    ئۈچىنچى: ئەگەر كۈچىڭىز يەتسە قادىر بولالىسىڭىز ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بىرىڭ، ئەگەر ھەممىنى بىر مىسكىنگە بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىز تۆۋەن بولۇپ بۇنىڭغا قادىر بولالمىسىڭىز سىز ئۈچۈن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشتىن باشقا ئىش يوق.

    ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بېرىلىدىغان يىمەكلىك ئۆزى ياشاۋاتقان يۇرتتىكى نورمال يېمەكلىكتىن بىر يىرىم ياكى ئىككى كىلىۇ ئەتراپىدا بىر نەرسە بەرسە بولىدۇ.

مەنبە: "شەيخ ئىبنى بازنىڭ ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى" 6-توم 19-بەت