سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى توغرا دەپ قارامدۇ؟

سۇئال

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھنىڭ مەۋلۇت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش توغرا دەپ قارىغانلىقى راستمۇ؟ چۈنكى ئالجىريىدىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالار مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ توغرا دەپ قارىغان دېگەن سۆزنى دەلىل قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بولسا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، بۇنى تۇنجى قېتىم ئۆزنى پاتىمىيە سۇلالىسىگە نىسبەت بەرگەن ئۇبەيدىيە پادىشاھلىرى پەيدا قىلغان، ئۇلار توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن ئازغۇن پىرقىلەر بولۇپ، ھىجىريىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئەسىرىدە ياشىغان ئالىم-ئۆلىما، ياخشى كىشىلەرنىڭھېچ بىرىنىڭ مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى ياخشى ياكى توغرا دېگەن قاراشلىرى نەقىل قىلىنمىغان.

ئىككىنچى: ھۆكۈم ئېلىشتىكى ئەسلى مەنبە قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆلىمالار بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىز باسارى ۋە ئۇلار ئىلىم تۇغىنى كۆتۈرگۈچىلەردۇر، ئاللاھ تائالا ئۆلىمالارنى دىننى چۈشىنىشكە مۇۋەپپەق قىلدى، ھەر بىرى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن مىقداردا چۈشىنىدۇ، ھەر بىر ئالىمنىڭ دېگەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقەت دەپ ئەمەل قىلىش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئالىم تىرىشچانلىق قىلىدۇ، توغرا ھۆكۈم قىلسا قوش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، يەنى توغرا ھۆكۈم قىلغانلىق ۋە تېرىشقانلىقتىن ئىبارەت، ئەگەر خاتالىشىپ قالسىمۇ تېرىشچانلىقىغا ئەجىر بېرىلىدۇ، خاتالىقى ئەپۇ قىلىنىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مانا بۇ ئۆلىمالاردىن تىرىشچانلىق قىلغۇچىلار توغرىسىدىكى ئىسلامنىڭ پرىنسىپى، ھەرقانداق ئالىم ھەقنى تەلەپ قىلىشتا دەلىللەرگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن تىرىشچانلىق قىلىدىكەن، ئەگەر ھەقىقەتكە يېتەلىسە قوش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، خاتالىشىپ ھەقىقەتكە يىتەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلغاننىڭ ئەجرى بولىدۇ". "ئىبنى باز پەتىۋالىرى"6 -توم 89-بەت.

ئۈچىنچى: سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆز دەۋرىنىڭ يېتۈك ئالىمى شەيخۇل ئىسلامى بولغان ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھدىن: مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەسلى قائىدە بويىچە مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بىدئەت بولۇپ، دەسلەپكى ئۈچ ئەسىردە ياشىغان ئۆلىمالار ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ ھېچ بىرىدىن مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى ھەققىدە دەلىل نەقىل قىلىنمىغان، شۇنداقتىمۇ مەۋلۇت پائالىيىتى كۆپ ياخشىلىق ۋە ئۇنىڭ ئەكسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ياخشى تەرىپىنى قوبۇل قىلىپ، يامان تەرىپىدىن يىراق بولغان كىشى ياخشى بىر بىدئەتنى قىلغان بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، ئۇ كىشىنىڭ مەۋلۇت پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ.

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ ھۆكۈمنى ئەسلى مۇستەھكەم بولغان دەلىلگە تايىنىپ چىقاردىم، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ۋاقتىدا، يەھۇدىلار ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتىدىكەن، ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن بۇ كۈندە روزا تۇتىسىلەر؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار: بۇ كۈندە ئاللاھ تائالا فىرئەۋننى سۇغا غەرق قىلىپ، مۇسائەلەيھىسسالام بىلەن قەۋمىنى قۇتۇلدۇردى، بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ نېمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىپ روزا تۇتىمىز دېدى.

بۇ ھەدىستىن: ئاللاھ تائالانىڭ مەلۇم بىر كۈندە كىشىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتى ياكى ئۇلارنى ساقلاپ قالغانئازابىغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشنىڭ دۇرۇسلىقى ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئىش ھەر يىلى شۈ كۈننىڭ ئوخشىشىدا تەكرارلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالاغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىش سەجدە قىلىش، روزا تۇتۇش، سەدىقە قىلىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن بولىدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن، رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىنمۇ كاتتا نېمەت بولامدۇ؟.

مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: ئاشۇرا كۈنىدىكى روزىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىگە مۇۋاپىق كەلگەندەك، مەلۇم بىر كۈننى تاللاش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنى مۇلاھىزە قىلمىغان كىشى ئاينىڭ قايسى كۈنىدە بولمىسۇن مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، بەزى كىشىلەر دائىرىنى تىخىمۇ كېڭەيتىپ مەۋلۇت پائالىيتىنى يىلنىڭ قايسى كۈنىدە بولسا ئۆتكۈزسە بولىدۇ دەپ قارىدى. بۇ مەۋلۇت پائاليىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەسلى دەلىلگە ئالاقىدار ئىشلاردۇر.

ئەمما مەۋلۇت كۈنىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمەللەر: بۈ كۈندە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر بولسا بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، سەدىقە قىلىش، پىقىر-مىسكىنلەرگە يېمەك تارقىتىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مەدھىيىلەيدىغان قەسىدىلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئىنسان قەلبىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا تۈرۈتكە بولىدىغان ئىشلارنى قىلىش، ئومۇمەن ئاللاھ تائالاغا شۈكرى ئېيتىشنى ئىپادىلەيدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىدىغان ئەمەللەر ئارقىلىق ئاشۇ كۈندە خۇرسەنلىكنى تەقەززا قىلىدىغان مۇباھ ئىشلاردىن بولسا قىلسا بولىدۇ، ئەمما دىندا چەكلەنگەن ۋە ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىشلار تۈرىدىن بولسا ئۇنى قىلىش چەكلىنىدۇ. شۇنىڭدەك دۇرۇس ياكى چەكلەنگەنلىكىدە ئىختىلاپ بولغان ئىشلارنىمۇ قىلماسلىق ياخشى بولىدۇ." ["ھاۋىي پەتىۋالىرى"1-توم 229-بەت].

بۇ جايدا شۇنداق دېيىلىدۇ: ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھدىن نەقىل قىلىنغان بۇ سۆز ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ:

بىرىنچى: مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بولسا ئىلگىرىكى ئالىم-ئۆلىمالار ۋە ياخشى كىشىلەر قىلمىغان بىدئەت ئىش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ، ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھدىن سادىر بولغان بۇ پەتىۋاغا سەل قاراش توغرا بولمايدۇ.

ئىككىنچى: بۈ كۈندە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر بولسا بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، سەدىقە قىلىش، پىقىر-مىسكىنلەرگە يىمەك تارقىتىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مەدھىيىلەيدىغان قەسىدىلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئىنسان قەلبىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا تۈرۈتكە بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش، ئومۇمەن ئاللاھ تائالاغا شۈكرى ئېيتىشنى ئىپادىلەيدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار بولسۇن ياكى باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلار بولسۇن ئۇلار ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋاسىدا بېكىتىلگەن پىرىنسىپلارنىڭ ئەكسىنى قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ كۈنلەردە مەۋلۇت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىغان كىشى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ بىدئەت-مۇنكەر ئىشلارنىڭ تۈرىدىن ئىكەنلىكىنى بەلكى چەكلەنگەن ھارام-پاھىشە ئىشلارنىڭ سادىر بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئاللاھ تائالا بىلىپ تۇرغۇچىدۇر!!.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۈگۈنكى كۈندىكى ئاياللارنىڭ ئاھۋالىنى كۆرگەن بولسا ئەلۋەتتە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاياللىرى چەكلەنگەندەك ئاياللارنى مەسچىتكە بېرىشتىن چەكلەيتتى. [ئىمام بۇخارى راىۋايىتى 869-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 445-ھەدىس].

مۆمىنلارنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەسلىدە ئىختىلاپسىز يولغا قويۇلغان بىر ئىش توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئۆزگەرگەندە مۇشۇنداق دېگەن تۇرسا، ئەسلى يېڭىدىن پەيدا بولغان ئاندىن ئۇنىڭدا نۇرغۇن چەكلەنگەن بىدئەت-مۇنكەر ئىشلار مەيدانغا كەلگەن ئوچۇق-ئاشكارا ئىشلار توغرىسىدا نېمە دىيىش كېرەك؟!.

ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ: "ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن قىيىن بولغان ھەر قانداق مەسىلىدە مەزھەپلەرنىڭ رۇخسەتلىرىگە ئەگەشسە، ئۆزىنىڭ نەپسى-خاھىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان سۆزلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇ كىشى تەقۋادارلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىشتە ھەددىدىن ئاشىدۇ، شەرىئەت پىرىنسىپىنى بۇزىدۇ، دەرھال قىلىدىغان ئىشلارنى كېچىكتۈرىدۇ". ["ئەلمۇۋاپىقات"3-توم 123-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى