جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان تۇرۇغلۇق، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى پەرىشتىلەردىن سوراشتىكى ھېكمەت نېمە؟

سۇئال

بەزى دەلىللەردىن بىلىشىمىزچە، ئاللاھ تائالا جەبرائىل ئەلەيھىسسالامدىن: «بەندىلىرىم نېمىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدىغان تۇرۇغلۇق ئۇلاردىن سوراشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟. بۇھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەقەت زېمىندا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنى ياد ئېتىدىغان زىكىر سورۇنلىرىنى ئىزدەيدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىدىغان زىكىر سورۇنلىرىنى تاپقاندا، ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرىدۇ ۋە بىر-بىرىنى زىكىرگە قۇلاق سېلىش ۋە بۇ يەرگە كېلىشىگە قاناتلىرى بىلەن ئىشارەت قىلىشىدۇ، ھەتتا ئاللاھنى ياد ئەتكۈچىلەر بىلەن دۇنيانىڭ ئاسمىنىڭ ئارىسى توشۇپ كېتىدۇ، ئۇلار زىكىردىن بىكار بولغاندا، پەرىشتىلەر يۇقىرىغا كۆتۈرلۈپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى پەرىشتىلەردىن ياخشى بىلىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن: قەيەردىن كەلدىڭلار؟ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: زېمىندا سىلىنى ئۇلۇغلاپ، كاتتىلاپ، يېلىنىپ، مەدھىيىلەپ، سىلىدىن ھاجەتلىرىنى سوراۋاتقان بەندىلىرىنىڭ يېنىدىن كەلدۇق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ئۇلار مەندىن نېمە سورايدىكەن؟ دەيدۇ، پەرىشتىلەر: سىلىدىن جەننەتنى سورايدىكەن دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ئۇلار مېنىڭ جەننىتىمنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر: ياق، ئى پەرۋەردىگارىمىز كۆرمەپتىكەن دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ئەگەر ئۇلار مېنىڭ جەننىتىمنى كۆرگەن بولسا قانداق بولۇپ كېتەر؟ دەيدۇ، پەرىشتىلەر: ئۇلار سىلىدىن پاناھلىق تىلەيدۇ دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ئۇلار مەندىن نېمىدىن پاناھلىق تىلەيدىكەن؟ دەيدۇ، پەرىشتىلەر: سىلىدىن دوزىخىڭدىن ئى پەرۋەردىگارىم دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ئۇلار مېنىڭ دوزىخىمنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ دەيدۇ، پەرىشتىلەر: ياق كۆرمەپتىكەن دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ئەگەر ئۇلار مېنىڭ دوزىخمنى كۆرسە قانداق بولۇپ كېتەر؟! دەيدۇ، پەرىشتىلەر: ئۇلار سىلىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ دەيدۇ، ئاللاھ تائالا:  مەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلدىم، ئۇلارغا سورىغان نەرسىلىرىنى بەردىم، ئۇلارغا پاناھ تىلىگەن نەرسىسىدىن پاناھلىق بەردىم دەيدۇ، پەرىشتىلەر: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پالانى بەندەڭ زىكىر ئىيتقۇچىلاردىن ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان دەيدۇ، ئاللاھ تائالا:  ئۇ كىشىنىمۇ مەغپىرەت قىلدىم، مېنى ياد ئەتكۈچىلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان كىشى بەخىتسىز بولمايدۇ، دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2689-ھەدىس].

   بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: ئاللاھ تائالا: ئۇلار مېنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟ دەيدۇ، پەرىشتىلەر: ياق ئەي پەرۋەردىگارىم! ئۇلارنى سىلىنى كۆرمىگەن دەيدۇ، ئاللاھ تائالا:  ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا قانداق بولۇپ كېتەر؟ دەيدۇ، پەرىشتىلەر: ئەگەر ئۇلار سىلىنى كۆرگەن بولسا سىلىگە بۇنىڭدىنمۇ بەك ئىبادەت قىلاتتى، تېخىمۇ بەك ئۇلۇغلايتتى، بەك مەدھىيلەيتتى ۋە كۆپ پاكلايتتى، دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 6408-ھەدىس].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ئەرەپات كۈنى بەندىلىرىنى دوزاختىن ئەڭ كۆپ ئازات قىلىدىغان كۈندۈر، بۇ كۈندە ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ يېنىدىكى پەرىشتىلەرگە پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۇلار مەندىن نېمىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ دەپ سورايدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 1348-ھەدىس].

    يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇلار مېنى كۆرمەستىن مېنىڭ رەھمىتىمنى ئارزۇ قىلىپ، ئازابىمدىن قورقۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھېرىپ-چارچاپ كەلگەن بەندىلىرىم، ئەگەر مېنى كۆرگەن بولسا قانداق بولۇپ كېتەر دەيدۇ. [ئابدۇلرەززاق رىۋايىتى 8830-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"نىڭ 1360-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىشىدىكى ھېكمەت ۋە بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرگە كۆرە بۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر؛

    -ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتى، مەغپىرىتى، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشى، ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بېرىشى قاتارلىق نېمەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىش، ئۇلارنى ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلى-رەھمىتىگە گۈزەل شەكىلدە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئاللاھنى گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلەر بىلەن ۋە سالىھ بەندىلەرگە قىلغان پەزلى-ئېھسان بىلەن تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەرەپاتتا تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ تائالا ئۇلارنى نېمىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟يەنى: ئۇلارنىڭ مۇشۇ جايغا كېلىشتىكى مەقسىدى نېمە؟ دەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتى، مەغپىرىتى ۋە سورىغان نەرسىلىرىنى بېرىشتىن ئىبارەت بولغان پەزلىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ".     ["ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ رىسالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى"23-توم 26-بەت].

    -ئاللاھ تائالا ئۆزىنى كۆرمەستىن ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى ئارزۇ قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان ئاشۇ ياخشى كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايان قىلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

     -ئاللاھ تائالا پەرىشتىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن پەخىرلەنگەنلىك ۋە ئۇلارغا ئىكرام قىلغانلىقنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى ئارزۇ قىلىپ، ئازابىدىن  قورقۇپ، ھېرىپ-چارچاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا قانداق بولۇپ كېتەر؟ دېگەن سۆزىدە ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەمۇ ئۇلارنىڭ ئىبلىسقا ئوخشاش تەكەببۇرلۇق ۋە گەدەنكەشلىك قىلماستىن، بەلكى ئاللاھ تائالانى كۆرمەي تۇرۇپ توغرا يول تۇتقان ۋە تائەت-ئىبادەت قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

    مۆمىنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئاشكارا قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قىلغان نېمىتى ۋە پەزلىنى ئاشكارا قىلىش بىلەن بولسا، كاپىرلار بىلەن ئۇلارنىڭ خارلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا ھۆججەت تۇرغۇزۇش بىلەن بولىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە قىيامەت كۈنى كاپىرلاردىن ھېساب ئالغانلىق ئەھۋالىنى بايان قىلغانغا ئوخشاش...: بەندە ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئاللاھ ئېيتىدۇ: ئەي پالانى! مەن سېنى ئىززەتلىك قىلمىدىممۇ، سېنى باشقىلار بويسۇنىدىغان رەئىس قىلمىدىممۇ، ئائىلىلىك قىلمىدىممۇ، ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرمىدىممۇ، كەڭرى تۇرمۇشتا ياشايدىغان قىلمىدىممۇ؟ دەيدۇ، بەندە: شۇنداق قىلدىلا دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: سەن مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئويلاپ باققانمۇ؟ دەيدۇ، بەندە: ياق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: سەن ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقاندەك مەنمۇ ساڭا رەھمەت قىلىش قىلىشنى توساپ قويدۇم، دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى2968-ھەدىس].

    -پەرىشتىلەرنىڭ: يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيىلەيمىز دېگەن سۆزىگە جاۋاپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدا سوئال سورىغۇچى سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ زات سورالغان نەرسىنى ئۆزى سورىغان كىشىدىنمۇ بەكرەك بىلگۈچىدۇر، بۇ ئارقىلىق سورالغان نەرسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاشكارا قىلىش، ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بايان قىلىش ۋە مەرتىۋېسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشتۇر، بەزى قاراشلاردا: ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلەردىن پەقەت زىكىر ئەھلىدىن سورىغانلىقى پەرىشتىلەرنىڭ: يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيىلەيمىز، دېگەن سۆزىگە بېرىلگەن جاۋاپتۇر.

    خۇددى ئۇلارغا: ئۇلاردىن سادىر بولغان ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەس بىلىپ مەدھىيلەشلەرگە قاراڭلار! ئۇلارنى شەھۋەتلەر ئازدۇرۇپ، شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ تۇرۇغلۇق بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ سىلەرگە ئوخشاش مېنى ئۇلۇغلاپ، مەدھىيلەۋاتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ.

    يەنە بۇ ھەدىستە: ئادەم ئەۋلادلىرىدىن ھاسىل بولغان زىكىرنىڭ پەرىشتىلەردىن ھاسىل بولغان زىكىردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ نۇرغۇن خىزمەتلىرى، زىكىردىن چەكلەيدىغان ئامىللىرى ۋە  ھېچنىمىنى كۆرمەيدىغان دۇنيادا تۇرۇپ ئاللاھنى ياد ئېتىشى بولسا بۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن خالى بولغان پەرىشتىلەرنىڭ زىكرىدىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. ["پەتھۇل بارى 11-توم 213-بەت. ئەينىنىڭ "ئۇمدەتۇل قارى" ناملىق ئەسىرى 23-توم 28-بەت. "دەلىيلۇل فالىھىين" ناملىق ئەسەر  7-توم 247-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى