جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئەزان قانداق بولىدۇ ؟

سۇئال

جامائەت نامىزىدىن بۇرۇن كىشى قانداق تەكبىير( يەنى ، ئەزان) قىلىدۇ ، دەيدىغان سۆزلەر قايسى ؟ ئەزاندا ھەر بىر سۆزنى ئىككى قىتىم دەمدۇ ياكى بىر قىتىم يىتەرلىكمۇ ؟ بۇ ھەقتە بىر ئاز قايمۇقۇش بار .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئەزاننىڭ بىر نەچچە شەكلى سەھىيھ نەقىللەردە پەيغەمبەردىن ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) نەقىل قىلىنغان بولۇپ ، سۈننەتنى گۈللەندۈرۈش ، ھەمدە بىلىمسىز كىشىلەر ياكى ئۆزىنىڭ مەزھىپىدە ئەسەبىي كىشىلەر تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان ئىختىلاپلار ۋە توقۇنۇشلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىنغان بۇ شەكىللەرنىڭ ھەممىسىنى قوللۇنۇش سۈننەت .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن :
" ئەزان ھەققىدە سۈننەتتە نەقىل قىلىنغان ھەر قانداق شەكىل دۇرۇس ، بەلكى ناۋادا ئۇ قايمۇقۇش ،ۋە پىتنە پەيدا قىلمىسا بەزىدە بۇنىڭ بىلەن ، بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن ئەزان قىلىش كىرەك .
مالىكنىڭ قارىشىدا : 17 ئىبارە ئوقۇلىدۇ ، بېشىدىكى ئاللاھۇ ئەكبەرنى ئىككى قىتىم ئېيتىدۇ ؛ ئاندىن مۇئەززىن ئىككى گۇۋاھلىق سۆزنى بىرىنچى قىتىم ئىچىدە دىيىشى ، ئاندىن ئۇلارنى ئۈنلۈك دىيىشى ۋە ئەزاننى داۋاملاشتۇرىشى كىرەك .
شافىئېينىڭ قارىشىدا : بېشىدىكى تەكبىيرنى تۆت قىتىم دىيىش بىلەن 19 ئىبارە بولۇپ ، مۇئەززىن ئىككى گۇۋاھلىق سۆزنى بىرىنچى قىتىم ئىچىدە دىيىشى ، ئاندىن ئۇلارنى ئۈنلۈك دىيىشى ۋە ئەزاننى داۋاملاشتۇرىشى كىرەك .
بۇلارنىڭ ھەممىسى سۈننەتتە كەلگەن ، شۇڭا بۇ قىتىم بۇنىڭ بىلەن ئەزان قىلىنسا ، يەنە بىر قىتىم ئۇنىڭ بىلەن ئەزان قىلىنسا ، بۇ ياخشى . ئاساسى پىرىنسىپ بولسا : كىشى تۈرلۈك شەكىللەردە نەقىل قىلىنغان ئىبادەتلەرنى ئەنە شۇ شەكىللەرنىڭ ھەممىسىدە قىلىشى ئەۋزەل .
" الشرع الممتع " ( 2 / 51 ، 52 ) .
ھەمدە ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ قارىشى بولسا : ئەزان 15 ئىبارە بولۇپ ،ئۇ بىلالنىڭ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئەزىنى .
مالىك ۋە شافىئېينىڭ دەلىلى :
ئەبۇ مەھزۇرەدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ پەيغەمبىرى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنىڭغا بۇ ئەزاننى ئۆگەتكەن : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ئاندىن تەكرار : ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، دەيدۇ . ھەييە ئەلەسسەلاھ ئىككى قىتىم ، ھەييە ئەلەل فەلاھ ئىككى قىتىم ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 379 ]
بۇ ھەدىيس بولسا مالىك ۋە شافىئېي مەزھىپىنىڭ دەلىيلى ، بېشىدىكى تەكبىير ئىككى خىل شەكىلدە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، مالىكنىڭ مەزھىپىدە ئىككى قىتىم ، شافىئېينىڭ مەزھىپىدە تۆت قىتىم .
نەۋەۋىي (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن )مۇنداق دىگەن :
سەھىيھۇل مۇسلىمدىكى بۇ ھەدىيس بېشىدىكى تەكبىيرنى ئىككى قىتىملا دىيىشنى تىلغا ئالىدۇ . مۇسلىمدىكىدىن باشقىلىرىدا تەكبىيرنى تۆت قىتىم دىيىش كىرەك دىيلىدۇ . قازىي ئىياز مۇنداق دىگەن : " سەھىيھ مۇسلىمدىكى بەزى نەقىللەردە ئۇنى تۆت قىتىم دىيىش تىلغا ئىلنىدۇ . شافىئېي ، ئەبۇ ھەنىيفە ، ئەھمەد ھەمدە كۆپچىلىك ئالىملار ئۇ تۆت قىتىم تەكرارلىنىشى كىرەك دىدى ، ھەمدە مالىك : ئىككى قىتىم تەكرارلىنىشى كىرەك دىدى ، ھەمدە ئۇ مەزكۇر ھەدىيسنى دەلىل قىلدى .
ئەبۇ ھەنىيفە ۋە ئەھمەدنىڭ قارىشىنىڭ دەلىلى :
نەقىل قىلىندىكى ، ئابدۇللاھ بىن زەيد مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قوڭغۇراقنى كىشىلەرنىڭ نامازغا يېغىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇشقا بۇيرىغاندا ، مەن ئۇخلاۋاتقىنىمدا بىر كىشى قولىدا قوڭغۇراقنى تۇتقىنىچە مىنىڭ ئەتراپىمدا ئايلاندى-دە ، مەن : " ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى ، قوڭغۇراقنى ساتامسەن ؟ " دىدىم. ئۇ : " ئۇنىڭ بىلەن نىمە قىلىسەن ؟ " دىدى . مەن : " ئۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىرىمىز ." دىدىم .ئۇ : " ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نىمىنى كۆرسىتىپ قويمايمۇ ؟ " دىدى . مەن : " ھەئە . " دىدىم . ئۇ دىدى : " ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ھەييە ئەلەسسەلاھ ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ ھەييە ئەلەل فەلاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەيسەن ." ئۇ مۇنداق دىگەن : " ئاندىن ئۇ مىنىڭدىن ئانچە يىراققا كەتمىدى . ھەمدە ئۇ : " نامازغا ئىقامەت قىلساڭ : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ ، ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ ، قەد قامەتىس سەلاھ قەد قامەتىس سەلاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەيسەن ." دىدى . شۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقاندا ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قېشىغا كىلىپ ، ئۇنىڭغا چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمنى خەۋەر قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : ئاللاھ خالىسا ، ئۇ راست چۈش . بىلال بىلەن تۇر ھەمدە ئۇنىڭغا كۆرگەنلىرىڭنى ئۆگەت ، ئۇ ئاشۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىرسۇن ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازى سىنىڭكىگە قارىغاندا بەكرەك مۇڭلۇق . دىدى . شۇنىڭ بىلەن بىلال بىلەن بىللە تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئۆگىتىشكە باشلىدىم ھەمدە ئۇ ئۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىردى . ئۇمەر بىن خەتتاب ئۆيىدە تۇرۇپ ئۇنى ئاڭلاپ ، تونىنى سۆرىگىنىچە چىقتى ھەمدە : " سىنى ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتكەن كىم بىلەن قەسەم ، ئى ئاللاھ ئەلچىسى ! مەنمۇ ئۇنىڭ كۆرگىنىگە ئوخشاشنى كۆردۈم . " دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : مەدھىيە ئۇنىڭغا بولسۇن ! دىدى .
[ ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان ، 499 . ئۇنى ئىبنۇ خۇزەيمە ( 1191) ، ئىبنۇ ھەببان ( 4572) سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىدى . ھەمدە خۇددى سۈنەنى بەيھەقىيدا (1390) كەلگەندەك ، تىرمىزىي ئىمام بۇخارىينىڭ ئۇنى سەھىيھ دىگىنىنى نەقىل قىلغان . ]
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
" ئىش شۇنداق بولغانىكەن ، توغرا قاراش بولسا ھەدىيسشۇناسلار ۋە ئۇلارغا قېتىلغانلارنىڭ قارىشى بولۇپ ، يەنى پەيغەمبەردىن( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) نەقىل قىلىنغان ھەرقانداق نەرسىنى قوبۇل قىلىش ھەمدە بۇ نەقىللەرنىڭ ھىچقايسىسىغا قارشى تۇرماسلىق . چۈنكى ئەزان ۋە ئىقامەتنىڭ ھەرخىل بولۇشى قىرائەتلەر ، تەشەددۇدلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ھەرخىل بولۇشىغا ئوخشايدۇ . ھىچكىمنىڭ ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئۈممىتىگە بەلگىلىگەن ھەر قانداق نەرسىنى ياقتۇرماسلىققا ھوقۇقى يوق . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەردە ئىختىلاپلاشقان ۋە بۆلۈنگەن ، ھەتتا كىشىلەرنى دوست ياكى دۈشمەن دەپ قاراش دەرىجىسىگە بارغان ، ياكى ئۇنىڭدىكى ھەرخىللىق ئاللاھ تەرىپىدىن ئىجازەت بىرىلگەن ئاشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۇرۇش قىلغانلارغا كەلسەك ، خۇددى شەرقتىكى كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك ، ئۇلار دىنلىرىنى پارچىلىغان ( يەنى ، توغرا ئىسلام بىر ئىلاھچىلىقىدىن ئايرىلغان ) ، ھەمدە مەزھەپلەرگە بۆلۈنگەن ، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قاتارىدا . بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەردە سۈننەتكە ئەگىشىشتىكى مۇكەممەللىك بولسا : بەزىدە ئۇنى ، بەزىدە بۇنى قىلىش ، بۇ جايدا ئۇنى ، ئۇ جايدا بۇنى قىلىش . چۈنكى سۈننەتتە كەلگەن نىمىنى تاشلاپ ، باشقا نىمىلەرنى چىڭ تۇتۇش سۈننەتنىڭ بىدئەت دەپ قارىلىشىغا ھەمدە مۇستەھەب نىمىنىڭ ۋاجىپ دەپ قارىلىشىغا ئىلىپ بارىدۇ ، ھەمدە ناۋادا باشقىلار ئۇنى باشقىچە ئۇسۇلدا قىلسا ، بۆلۈنۈش ۋە ئىختىلاپقا ئىلىپ بارىدۇ . شۇڭا مۇسۇلمان سۈننەتنى ۋە جامائەتنى چىڭ تۇتۇشقا چاقىرىدىغان ئومۇمى پىرىنسىپقا دىققىتىنى بىرىشى بولۇپمۇ جامائەت نامىزىغا ئوخشاش ئىشتا ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشى كىرەك . . . ئىككى گۇۋاھلىق سۆزنى ئىككى قىتىم تۆۋەن ئاۋازدا ئاندىن ئۇنى ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكرارلاش مالىك ۋە شافىئېينىڭ تاللىشى ، بىراق مالىك تەكبىير ئىككى قىتىم دىيىلىشى كىرەك دەپ قارىدى ھەمدە شافىئېي ئۇ تۆت قىتىم دىيىلىشى كىرەك دەپ قارىدى ، لىكىن ئەبۇ ھەنىيفە ئىككى گۇۋاھلىق سۆز ئەزان جەريانىدا تۆۋەن ئاۋازدا دىيىلمەسلىكى كىرەك دەپ قارىدى . ئەھمەدكە كەلسەك ، ئۇ ھەر ئىككىلىسى سۈننەت دىدى ، بىراق ئۇ ئۇنى قىلماسلىقنى ئەۋزەل كۆردى ، چۈنكى ئۇ بىلالنىڭ ئەزىنى ئىدى .
ئىقامەتكە كەلسەك ، مالىك ، شافىئېي ۋە ئەھمەد ئىبارىلەر بىر قىتىم دىيىلىدۇ دىدى . بىراق ئەھمەد ئۇلارنى ئىككى قىتىم دىيىش سۈننەت دىدى . ئۇ ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى ، ئەبۇ ھەنىيفە ، شافىئېي ۋە ئەھمەد " قەد قامەتىس سەلاھ" نى ئىككى قىتىم دىيىشنى ئەۋزەل كۆردى ، لىكىن مالىك ئۇنداق قارىمىدى . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
" مجموع الفتاوى " ( 22 / 66 - 69 ) .
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى