شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

نىكاھنىڭ ئاساسى، شەرتلىرى ۋە ۋەلىينىڭ شەرتلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

سۇئال

نىكاھ ئەھدىسىنىڭ ئاساسى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى قايسى؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسلام دىنىدا نىكاھ ئەھدىسىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئۈچ ئاساس بولىشى كېرەك:

بىرىنچى: ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ توغرا شەكىلدە نىكاھلىنىشىنى چەكلەپ قويىدىغان ئامىللارنىڭ بولماسلىقى كېرەك. نىكاھنى چەكلەپ قويىدىغان ئامىللار: ئەر-ئايالنىڭ نىكاھ چۈشمەيدىغان تۇغقان بولىشى ياكى ئېمىلداش بولىشى، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ بىرى مۇسۇلمان يەنە بىرى كاپىر بولۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئىككىنچى: ۋەلىيدىن ياكى ۋەلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان كىشىدىن نىكاھلانغۇچى ئەرگە: مەن پالانى قىزچاقنى سىزگە ھالال جۈپلۈككە نىكاھلاپ بەردىم، دېگەنگە ئوخشاش سۆزنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى: نىكاھلانغۇچى ئەردىن ياكى ئەرنىڭ ۋەلىسىدىن: ئۇ قىزچاقنى ھالال جۈپلۈككە قوبۇل قىلدىم دېگەنگە ئوخشاش سۆزنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئىبارەت.

نىكاھنىڭ توغرا بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن:

بىرىنچى: نىكاھلانغۇچى ئەر-ئايال ھەر بىرىنىڭ سۈپىتى ياكى ئىسمى مۇقىم بېكىتىلىشى كىرەك.

ئىككىنچى: ئەر-ئايال ھەر ئىككىيلەننىڭ بىر-بىرىگە رازى بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: چوكان ئوچۇق رازىلىق بەرمىگۈچە نىكاھ قىلىنمايدۇ، قىز بالىدىنمۇ رازىلىق سورىلىدۇ دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، قىز بالا ھايا قىلىدىغان تۇرسا قانداق رازىلىق بېرىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قىز بالىنىڭ جاۋاپ بەرمەي جىم تۇرغىنى رازى بولغىنىدۇر، دېگەن.[بۇخارى رىۋايىتى4741-ھەدىس].

ئۈچىنچى: ئايال ئۈچۈن نىكاھ ئەھدىسىنى ۋەلىسى قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قىزلارنىڭ ئىگىلىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَأَنكِحُوا الْأَيَامَىٰ مِنكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ﴾ تەرجىمىسى: ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار. [سۈرە نۇر 32-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق ئايال ۋەلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز نىكاھلىنىدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىل، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىل، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىل» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 1021-ھەدىس،باشقا ئالىملارمۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن].

تۆتىنچى: نىكاھ ئەھدىسىدە گۇۋاھچىلارنىڭ بولىشى شەرت. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نىكاھ ۋەلى ۋە ئىككى گۇۋاھچى بىلەن بولىدۇ» دېگەن. [تەبرانى رىۋايىتى. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 7558-ھەدىس].

شۇنداقلا نىكاھ قىلىنغانلىقىنى ئىلان (يەنى ئاشكارە) قىلىش تەكىتلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نىكاھ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىڭلار» دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى1072-ھەدىس].

قىزگە ۋەلىدە تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك:

1- ئەقلى-ھوشى جايىدا بولۇش.

2-بالاغەتكە يەتكەن بولۇش.

3- ئەركىن-ھۆر بولۇش.

4- دىنى بىر بولۇش كېرەك. كاپىرنىڭ مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا شۇنداقلا مۇسۇلماننىڭ كاپىر ئەر-ئاياللارغا ۋەلى بولۇش سالاھىيىتى بولمايدۇ. مۇرتەد يەنى دىندىن يىنىۋالغۇچىنىڭ ۋەلى بولۇش سالاھىيىتى بولمايدۇ. دىنى ئوخشىمايدىغان كاپىرلار بىر-بىرىگە نىكاھتا ئىگە بولسا بولىدۇ.

5-ئادىل بولۇش. بۇنىڭغا ئاساسەن بەزى ئالىملار پاسىقنىڭ ۋەلى بولىشى توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ۋەلىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئادىللىق ئىپادىلەنسە كۇپايە قىلىدۇ دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر تويىغا ئىگە بولغان قىزنىڭ مەنپەئەتى ھاسىل بولسا كۇپايە قىلىدۇ دەيدۇ.

6-ۋەلى ئەر كىشى بولىشى كېرەك. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئايال، قىز بالىغا ۋەلى بولۇپ ياتلىق قىلمىسۇن ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئەرگە بەرمىسۇن. چۈنكى زىناخور ئايال ئۆزىنى ئۆزى ئەرگە بېرىدۇدېگەن. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1782-ھەدىس. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 7298-ھەدىس].

7- ياخشى-ياماننىڭ پەرقىدە بولۇش. يەنى نكاھتىن ھاسىل بولىدىغان مەنپەئەت ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرجەھەتتىن باراۋەر كېلىشىنى بىلەلەيدىغان قابىلىيەت بولۇش كېرەك.

پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشى بويىچە ۋەلىيلەر تەرتىپ بىلەن بولىدۇ، ئەگەر يېقىن ۋەلىلىرى بولمىغاندا ياكى ئۇنىڭدا ۋەلى بولۇشنىڭ شەرتى تولۇق بولمىغاندا يىراق تۇغقىنى ۋەلى بولسا بولىدۇ. ئايالنىڭ ۋەلىسى دادىسى بولىدۇ. ئاندىن دادىسى ۋەسىيەت قىلغان كىشى بولىدۇ. ئاندىن چوڭ دادىسى يەنى دادىنىڭ دادىسى بولىدۇ. ئاندىن ئوغلى بولىدۇ، ئاندىن ئوغۇلنىڭ ئوغۇللىرى بولىدۇ. ئاندىن بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى بولىدۇ. ئاندىن دادىسى بىر بولغان قېرىنداشلىرى بولىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى بولىدۇ، ئاندىن بىر تۇغقان تاغىلىرى بولىدۇ. ئاندىن دادىسى بىر تاغىلىرى بولىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى بولىدۇ، ئاندىن مىراس تەقسىماتى بويىچە يېقىن بولغان تۇغقانلىرى ئاندىن مۇسۇلمان پادىشاھ ئاندىن پەقەت ۋەلىسى يوق كىشىگە يۇرتنىڭ قازىسى ۋەلى بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد