سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىدارە مۇدىرىدىن خىجىل بولۇپ سەدىقە قىلغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

    مەن ئىدارە مۇدىرىدىن ئەيمىنىپ خەيرىيەت ئورنىغا مال ئىئانە قىلدىم، ئەگەر ئۆزۈمچە بولسا يېرىم تىلىمۇ ئىئانە قىلمايتتىم، مۇشۇ ئېشىمدا ماڭا ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن رازى بولۇپ ئىئانە قىلغانغا ئوخشاش تولۇق ئەجىر-ساۋاپ بولامدۇ؟ بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن،

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئىش سىز دېگەندەك بولسا، سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىزدا ھېچ ئەجىر بولمايدۇ، چۈنكى سىز بۇ ئىشتا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلمىدىڭىز، پەقەت باشلىقىڭىزدىن ئەيمىنىپ ئىئانە قىلدىڭىز، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ.» [بۇخارى بۇ ھەدىسنى ۋەھىنىڭ باشلىنىشىدا، مۇسلىم ھاكىمىيەت دېگەن باپتا 1907-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

مەنبە: "دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئالاقىدار پەتىۋاسى" 66 -بەت.