يەكشەنبە 15 مۇھەررەم 1446 - 21 ئىيۇل 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇخلاشتىكى پرىنسىپى

سۇئال

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ئۇخلايدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايمەن؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كارىۋاتتا ئۇخلامتى ياكى يەردىمۇ؟ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان مۇئەييەن دۇئا بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزىدە كۆرپىدە، بەزىدە تېرىدە، بەزىدە بورىدا يەنە بەزىدە كارىۋاتتا، بەزىدە قۇمدا بەزىدە قارا تاغارنى سىلىپ ئۇخلايتتى.

    ئابباد ئىبنى تەمىيم تاغىسىدىن بايان قىلىپ، تاغىسى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مەسچىتتە بىر پۇتىنى يەنە بىر پۇتىغا مىنگەشتۈرۈپ ئوڭدىسىغا ياتقانلىقى كۆردۈم دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 475-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2100-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرپىسى؛ ئىچىگە خورمنىڭ يۇمشاق پاخاللىرى ئېلىنغان تېرە ئېدى، ياستۇقىمۇ ئېچىگە يۇمشاق خورما پاخىلى ئېلىنغان خالتا ئېدى.

    مەقسەت: كۆرپىدە ئۇخلاپ ئۈستىگە يېپىنچا يېپىناتتى، ئاياللىرىغا مۇنداق دېگەن: «جىبرائىل ئەلەيھىسسالام مەن پەقەت ئائىشەنىڭ يوتقىنىدا ياتقىنىمدا كەلدى». [بۇخارى رىۋايىتى3775-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ياستۇقىمۇ ئېچىگە يۇمشاق خورما پاخىلى ئېلىنغان تېرە ئېدى.

    ئۇخلاش ئۈچۈن كۆرپىگە كەلگەندە، مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ياشايمەن ۋە سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ئۆلىمەن».[بۇخارى  رىۋايىتى 7394-ھەدىس].

    ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەيتتى، ئىككى ئالقىنىغا ئىخلاس سۈرىسى، پەلەق ۋە ناس سۈرىسىنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بەدىنىدىن قولى يەتكەن ئورۇننى سىلايتتى، ئالدى بىلەن بېشى ۋە يۈزىنى سىلايتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرار قىلاتتى.

    ئۇخلىغاندا ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتاتتى، ئوڭ ئالقىنىنى ئوڭ مەڭزىنىڭ ئاستىغا قوياتتى، ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! بىزنى بەندىلەرنى قوزغايدىغان كۈننىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن، كۆرپىسىگە ئورۇنلىشىپ مۇنداق دەيتتى: بىزگە يېمەك بەرگەن، سۇغارغان، كۇپايە قىلغۇدەك رىزىق بەرگەن، ياتىدىغان ئورۇن بەرگەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن. تۇرمۇشىغا كۇپايە قىلغۇدەك رىزىق ۋە ياتىغان ئورنى يوق نۇرغۇن كىشىلەر بار» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرپىسىگە ئورۇنلاشقاندا: «ئى ئاللاھ! ئاسمانلار، زېمىنلەر ۋە كاتتا ئەرىشنىڭ رەببى، بىزنىڭ رەببىمىز ۋە بارلىق نەرسىلەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ!، دان-ئۇرۇقلارنى ياراتقۇچى، تەۋرات، ئىنجىل، پۇرقاننى نازىل قىلغۇچى ئاللاھ!، ساڭا سېغىنىپ سەن كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ تۇرغان بارلىق يامانلىق ئىگىلىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز. سەن ھەممىدىن بۇرۇن سەندىن ئىلگىرى ھېچ نەرسە يوق، سەن ھەممىدىن كېيىن سەندىن كېيىن ھېچ نەرسە يوق، سەن ئاشكارا سىنىڭ ئۈستىڭدە ھېچ نەرسە يوق، سەن يوشۇرۇن سىنىڭ ئاستىڭدا ھېچ نەرسە يوق، بىزنىڭ قەرزىمىزنى ئادا قىلغىن، بىزنى كەمبەغەلچىلىكتىن قۇتقازغىن». [مۇسلىم رىۋايىتى 2713 ].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇسىدىن ئويغاندا مۇنداق دەيتتى: «بىزنى ئۆلگەندىن كېيىن تېرگۈزگەن ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» [بۇخارى رىۋايىتى 6312-ھەدىس]. ئاندىن مىسۋاك قىلىپ بەزى ۋاقىتتا ئالى ئىمران سۈرىسى 190-ئايەتتىن 200-ئايەتكىچە ئوقۇيتتى.

   مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! ساڭا ھەمدىلەر بولسۇن! سەن ئاسمانلار، زېمىنلەر ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنىڭ نۇرى، ئى ئاللاھ! ساڭا ھەمدىلەر بولسۇن! سەن ئاسمانلار، زېمىنلەر ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، ساڭا ھەمدىلەر بولسۇن! سەن ھەق، سېنىڭ ۋەدەڭ ھەق، سەن بىلەن ئۇچرىشىش ھەق، جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق، پەيغەمبەرلەر ھەق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەق، قىيامەت ھەق. ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، ساڭا قايتتىم، سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن دەۋالاشتىم، ساندىن ھۆكۈم تەلەپ قىلدىم، مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، يوشۇرۇن ۋە مەخپى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. سەن مېنىڭ ئىلاھىم، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر» [بۇخارى رىۋايىتى 1120-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇخلاپ ئاخىرىدا تۇرۇپ كېتەتتى، بەزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇخلىمايتتى، ئىككى كۆزى ئۇخلىغان بىلەن دىلى ئۇخلىمايتتى، ئۇخلىغان ۋاقتىدا ئۇنى ھېچ كىشى ئويغاتمايتتى، ئۆزى ئويغىناتتى.

    سەپەردە كېچىدە ئارام ئېلىش ئۈچۈن تۇرغاندا ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئارام ئالماقچى بولسا، ئىككى جەينىكىنى يەرگە تېرەپ بېشىنى ئالقىنىنىڭ ئارىسىغا قوياتتى، ئۇخلىغاندا ئوتتۇرھال ئۇخلايتتى، ئۇيقۇنىڭ پايدىلىق بولغىنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرگە توغرا كەلگىنىدۇر يەنى سەككىز سائەت ئەتراپىدا. ["زادىل مىئاد" 1-توم 155-بەت].

 ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ["زادىل مىئاد" 1-توم 155-بەت