ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
3,30325/ربيع الثاني/1439 , 12/يانۋار/2018

ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار

سوئال: 20756

ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلماننىڭ دىنىنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ ياكى ئىككىسى بىر نەرسىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسلام دېگەن: ئاللاھغا بويسۇنۇش، ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش، تائەت-ئىبادەت بىلەن بارلىق بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، شېرىك ۋە شېرىك ئەھلىدىن ئادا-جۇدا بولۇش بولۇپ، مانا بۇ ئاللاھ تائالا ئۆزى رازى بولۇپ بەندىلىرى ئۈچۈن تاللىغان دىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الإِسْلامُ تەرجىمىسى: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوبۇل قىلىنىدىغان دىن ئىسلام دىنىدۇر. [سۈرە ئال ئىمران 19-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الإِسْلامِ دِينًا فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِين تەرجىمىسى: كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر. [سۈرە ئال ئىمران 85-ئايەت].

ئىسلام دىنىغا كىرگەن كىشى مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن كەلگەن ھەرقانداق بۇيرۇق-چەكلىمىلەرگە بويسۇنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يَرْغَبُ عَنْ مِلَّةِ إِبْرَاهِيمَ إِلا مَنْ سَفِهَ نَفْسَهُ وَلَقَدِ اصْطَفَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا وَإِنَّهُ فِي الآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِين إِذْ قَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِين تەرجىمىسى: «ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: (پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىندېدى. ئۇ: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم دېدى.» [سۈرە بەقەرە 130-131-ئايەت].

ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: بَلَى مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلا هُمْ يَحْزَنُونَ تەرجىمىسى: ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 112-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android