پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

راپىزىلاردىن ۋاقىتلىك نىكاھلىنىشنى دۇرۇس دەپ قارىغانلارغا رەددىيە

20738

تارقاتقان ۋاقىت : 26-07-2015

كۆرگۈچىلەر : 3546

سۇئال

ىسلام دىنىدا ۋاقىتلىق نىكاھ ئاتالغۇسى بارمۇ؟، مېنىڭ بىر دوستۇم فىروپىسور ئوبۇل قاسىم جورجىنىڭ كىتابىنى ئوقۇغاندا، ئۇ كىتابتىكى: "توي قىلغۇچى قىز-يىگىتلەر ۋاقىتلىق نىكاھ قىلسا بولىدۇ دېگەن قۇرلار تەسىر قىلىپتۇ (بۇنى ئىسلامدىكى ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنىڭ قانۇنلۇق ئاتالغۇسى دەپتۇ). ۋاقىتلىك نىكاھلىنىشنى چۈشەندۈرۈپ، ئايال مەلۇم بىر كىشى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك نىكاھلانسا توغرا بولىدۇ، دەپتۇ. بۇ توغرىدا يەنى ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش توغرىسىدا ماڭا تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار؟ قايسى مەزھەب بۇ پىكىرنى كۈچلاندۇرىدۇ؟، بۇ توغرىدا قۇرئان-ھەدىستىن دەلىللەر بولسا بايان قىلىپ بەرسەڭلار؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش (نىكاھ مۇتئە): ئەرنىڭ مەلۇم بىر ئايال بىلەن مەلۇم مىقداردا پۇل-مال بېرىش بەدىلىگە مەلۇم مۇددەتكىچە نىكاھلىنىش دېگەنلىكتۇر.

نىكاھلىنىشتىكى ئەسلى-ئاساسى مەقسەت بولسا، تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ۋاقىتلىق نىكاھ بولسا ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، كىيىن مەزكۇر ھۆكۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، شۇنداقلا ۋاقىتلىق نىكاھ (نىكاھ مۇتئە) تا قىيامەتكىچە ھارام قىلىندى.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر كۈنىدە: ۋاقىتلىق نىكاھتىن (نىكاھ مۇتئەدىن) ۋە ئۆي ئېشىكىنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلىگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 3979-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1407-ھەدىس].

رەبىئە ئىبنى سەبرە ئەلجۇھەنىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ دادىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىنسانلار! مەن سىلەرگە ئاياللار بىلەن ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشقا بۇرۇن رۇخسەت قىلغان ئىدىم، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنى قىيامەت كۈنىگىچە ھارام قىلدى. بۇ تۈردىكى نىكاھنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلار بولسا، بۇنىڭدىن دەرھال قول ئۈزسۇن ۋە ئۇ ئاياللارغا بەرگەن نەرسىدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرىۋالمىسۇن. [مۇسلىم رىۋايىتى 1406-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا نىكاھلىنىشنى بولسا ئۆزىنىڭ ئىلاھى قۇدرىتىنى ئويلىنىدىغان ۋە پىكىر قىلىدىغان ئالامەتلەردىن قىلدى. ئاللاھ تائالا ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىدا كۆيۈنۈش ۋە مۇھەببەت پەيدا قىلدى، ئايالنى ئەر ئۈچۈن ئارامگاھ قىلدى، ئەۋلاد قالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئايالنى ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرۇپ، مىراس ھەققى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. يۇقىرىقى ئىشلار چەكلەنگەن ۋاقىتلىق نىكاھتا (يەنى نىكاھ مۇتئەدە) تىپىلمايدۇ. (ئاللاھنىڭ بەزى نەرسىلەرنى چەكلەشتىكى ھېكمىتى بولسا؛ ئاللاھبىر نەرسىنى ئىنسانلارغا ھارام قىلسا، ئۇنىڭدىن ياخشىراق ۋە مەنپەئەتلىكراقىنى يولغا قويىدۇ).

شىئە-راپىزلارنىڭ قارىشىدا خوتۇن كىشى ئايال ياكى دىدەك بولماستىن بەلكى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىنىدىغان تاۋار دەپ قارالغاچقا، ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئاياللار بىلەن ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنى توغرا دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ ، إِلَّا عَلَىٰ أَزْوَاجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ، فَمَنِ ابْتَغَىٰ وَرَاءَ ذَٰلِكَ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْعَادُونَ تەرجىمىسى: ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر. (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ). بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. [سۈرە مۆمىنۇن 5- 6-7-ئايەتلەر].

شىئە-راپىزلار ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك توغرا بولمىغان دەلىللەرنى كەلتۈردى:

1- ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَا اسْتَمْتَعْتُم بِهِ مِنْهُنَّ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةًتەرجىمىسى: قايسىكى ئاياللارنى (نىكاھلاپ ئېلىپ) پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىلىرىنى بېرىڭلار.] سۈرە نىسا 24-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

شىئەلەر يۇقىرىقى ئايەتنى چۈشەندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەت ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئاياللاردىن پايدىلانساڭلار دېگەن سۆزىنى ۋاقىتلىق نىكاھ دەپ بۇنىڭغا مەھرىنى بېرىڭلار دېگەن سۆزنى بىرگە كەلتۈرۈپ، ئاياللاردىن پايدىلانساڭلار دېگەن سۆز (نىكاھ مۇتئە) دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە بېرىلىدىغان رەددىيە: ئاللاھ تائالا بۇ سۆزنى زىكىر قىلىشتىن ئىلگىرى ئەرلەر ئۈچۈن نىكاھلىنىشى چەكلەنگەن ئاياللارنى بايان قىلدى، ئاندىن مۇشۇ ئايەتتە ئەرلەر ئۈچۈن ھالال-دۇرۇس بولىدىغان ئاياللارنى زىكىر قىلدى، نىكاھلاپ ئالغان ئايالىغا تويلۇق مېھرى بېرىشنى بۇيرىدى.

توي قىلىش لەززىتىنى بۇ جايدا مەنپەئەتلىنىش دەپ ئىپادىلىدى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىمۇ شۇنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئايال كىشى ئەگرى قوۋرىغىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇنى تۈزلەيمەن دىسەڭ سۇندۇرۋىتىسەن، ئەگەر ئۇنىڭدىن شۇ بويىچە مەنپەئەتلەنسەڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇ قىڭغىر شەكىلدە مەنپەئەتلىنىسەن. [بۇخارى رىۋايىتى4889-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1468-ھەدىس].

تويلۇق مېھرىنى بۇ جايدا ئۇجرەت دەپ ئىپادىلىدى، بۇنىڭدىن ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىنغان ۋاقىتتا ئايالغا بېرىلىدىغان مال مەقسەت قىلىنمايدۇ. قۇرئان كەرىمدىمۇ ئاللاھ تائالا تويلۇق مېھرىنى يەنە بىر جايدا ئۇجرە دەپ ئاتىدى. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ييَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَاجَكَ اللَّاتِي آتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّا أَفَاءَ اللَّـهُ عَلَيْكَ تەرجىمىسى: ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئۆزۈڭ مالىك بولغانلارنى ھالال قىلدۇق. [سۈرە ئەھزاب 50-ئايەت]. بۇ ئايەتتىمۇ ۋاقىتلىق نىكاھنى دۇرۇس دەيدىغانغا بىرەر دەلىل ياكى ئۇنى كۈچلاندۇرىدىغانغا ھېچقانداق دەلىل يوق.

ئەگەربىز ئايەتنى ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ دۇرۇسلۇقىنى ئىسپاتلاشقا دەلىل قىلساقمۇ ئەمما سەھىھ ھەدىستە بېكىتىلگىنى بويىچە ۋاقىتلىق نىكاھقىيامەت كۈنىگىچە چەكلەنگەن (يەنى ھارام قىلىنغان).

2-بەزى ساھابىلاردىن بولۇپمۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە بېرىلىدىغان رەددىيە: بۇ ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىدىغان راپىزىلار ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى كاپىرغا چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇلار بۇ جايدا ۋە باشقا جايلاردا ساھابىلارنىڭ ئىشلىرىنى دەلىل كەلتۈرىدۇ.

ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان كىشىگە ئۇنىڭ قىيامەتكىچە چەكلەنگەنلىكى يەنى ھارام ئىكەنلىكى توغىرسىدىكى دەلىل يەتمىگەن. ساھابىلاردىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاقىتلىق نىكاھنى دۇرۇس دېگەن قارىشىغا رەددىيە بەرگەن.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاياللار بىلەن ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش مەسىلىسىدە كەڭرى يول تۇتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىبنى ئابباس! ئالدىرىمىسلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەر كۈنىدە: ۋاقىتلىق نىكاھتىن (نىكاھ مۇتئەدىن) ۋە ئۆي ئېشىكىنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلىگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 3979-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1407-ھەدىس].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 2377 نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار