جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مىنادىن چېقىپ كېتىشكە ئالدىراش توغرىسىدا

سۇئال

مەن زۇلھەججىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىش زۆرۈر ئەمەس بەلكى ئىختىيارى، ئون ئىككىنچى كۈنى تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن مەككىگە قايتىپ كەتسە بولىدۇ، تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە مىنادا تۇرۇپ قىلىش كېرەك بولمايدۇ دەپ ئاڭلىدىم، بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ھاجىلارنىڭ تەشرىقنىڭ ئىككىنچى كۈنى تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن مىنادىن قايتىپ كېتىشى توغرا بولىدۇ،بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلَا إِثْفَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ لِمنِ اتَّقَىٰمَ عَلَيْهِ ۚ لِمَنِ اتَّقَى ‏ تەرجىمىسى: (مىنادىن)ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.(يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر» [سۈرە بەقەرە 203-ئايەت].

    ئىككىنچى كۈنى تاش ئېتىپ بولۇپ قايتىپ كېتىشنىڭ شەرتى؛  مالىكىي، شاپىئى ۋە ھەنبەلى قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھاجىلار تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى مىنادىن چېقىپ كېتىشى كېرەكتۇر. ئۇ ۋاقىتتا ئۈچىنچى كۈنىدە ئاتىدىغان تاش چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەگەر ئىككىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى مىنا دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمىسە، ئۇ كېچىدە مىنادا تۇرۇش ۋە ئەتىسى تاش ئېتىش كېرەك بولىدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: «كۈن ئولتۇرۇپ بولغىچە مىنادىن چېقىپ كەتمىگەن كىشى ئەتىسى شەيتانلارغا تاش ئېتىشتىن بۇرۇن مىنادىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك».

پەتىۋا دائىمىي كومىتېت ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىن ھاجىلارغا مىنادا تۇرۇش ۋاجىپ بولغان كۈن ئىككى كۈندۈر. ئۇ بولسىمۇ زۇل ھەججىنىڭ ئون بىرىنچى ۋە ئون ئىككىنچى كۈنىدۇر، ئەمما زۇلھەججىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنىدە مىنادا تۇرۇش ۋە شەيتانغا تاش ئېتىش  ۋاجىپ بولمايدۇ. بەلكى مۇستەھەب بولىدۇ، لېكىن ئون ئىككىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن تاشنى ئېتىپ مىنادىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇپ قالغان كىشىگە ئون ئۈچىنچى كۈنى مىنادا قونۇش ۋە ئەتىسى ئۈچ شەيتانغا تاش ئېتىش ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئايەتتە زىكىر قىلىنغان قۇربان ھېيتتىن كۈنىدىن كىيىن ئىككى كۈن تۈرۈپ مىنادىن قايتىپ كېتىشكە ئالدىرىغان كىشى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئون بىرىنچى ۋە ئون ئىككىنچى كۈنى ئۈچ شەيتانلارغا تاش ئېتىپ بولغان كىشى مىنادىن قايتىپ كەتسە ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ ۋە قان ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلدى، ئەمما مىنادا قىلىپ ئون ئۈچىنچى كۈنى قونۇپ، ئۈ كۈندە ئۈچ شەيتانغا تاش ئاتقان كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى بۇ كېچىدە مىنادا قونۇپ ئەتىسى شەيتانغا تاش ئېتىپ قايتىش ئەۋزەل ۋە ئەجىر-ساۋابى كاتتىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلغان، ئاللاھ تائالا ئايەتنى تەقۋادارلىق ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ۋە ئۇ يەردىكى ھېساب ۋە جازاغا ئىمان ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن تاماملىدى، بۇنىڭ ئاخىرەتنىڭ ئەسلىگەن كىشى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى". شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي.. شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان.. شەيخ ئابدۇللاھ مۇنىئ..قاتارلىقلار.

["دائىمىي كومىتېت ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 11-توم 266-267-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى