پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇھەررەم ئېيىدا نىكاھلىنىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سەپسەتىلەر توغرىسىدا

سۇئال

مەن بەزى كىشىلەردىن ئاڭلىغاندەك، مۇھەررەم ئېيىدا نىكاھ-توي ئىشلىرىنى قىلىش ياخشى بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ھىجىرىيە يېڭى يىلىنىڭ باشلىنىشى بولغان مۇھەررەم ئېيىدا نىكاھ-توي ئىشلىرىنى قىلسا گۇناھ بولمايدۇ، بۇ ياقتۇرۇلمايدىغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

     بىرىنچى: نىكاھ- توي ئىشلىرىنى قىلىشقا چەكلىمە قويۇلغان ئوچۇق دەلىل بولمىغان ئاساستا ئاينىڭ قايسىسىدا بولسا بولاۋىرىدۇ. ئۇ ئەسلىدە دۇرۇس بولغان توغرا ئىشتۇر. ئۆلىمالار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن شەرئى پرىنسىپتا: ئادەت ۋە ھەرىكەتنى چەكلەيدىغان دەلىل بولمايدىكەن، ئۇ ئەسلىدىن توغرا بولغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان، ھەدىس، ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى ۋە سېلىشتۇرۇپ ھۆكۈم بېرىش قاتارلىق تەرەپلەردىن مۇھەررەم ئېيىدا نىكاھ-توي ئىشلىرىدىن چەكلەيدىغانلىق توغرىسىدا دەلىل بولمايدىكەن توي ئىشى ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھۆكمى بويىچە ئەمەل قىلىنىدۇ.

    ئىككىنچى: ئۆلىمالار توي قىلىشنى توغرا دەپ بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ساھابىلار، تابىئىنلار، يول باشچى ئىماملار ۋە ئىلگىرىكى-كېيىنكى ئۆلىمالاردىن بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۇلارغا ئەگەشكەنلەردىن مۇھەررەم ئېيىدا نىكاھ-توي ئىشلىرىنى قىلىشنى چەكلىگەن ياكى ياقتۇرمىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ھېچ بىر كىشىنى بىلمەيمىز.

     كىم بۇنىڭدىن چەكلەيدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنىڭ باتىل ۋە ئاساسسىز ئىكەنلىكىگە دەلىللەر يېتەرلىكتۇر. ئۇ كىشى دەلىلسىز ياكى ھېچ بىر ئۆلىما دېمىگەن سۆزنى دېگۈچىدۇر.

    ئۈچىنچى: مۇھەررەم ئېيى بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ھۆرمەتلىك ئايلىرىدىن بىرىدۇر، بۇ ئاينىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رامىزان ئېيىدىن كېيىن روزا تۇتىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئاي مۇھەررەم ئېيىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 1163-ھەدىس].

    ئاللاھ تائالا بۇ ئاينى ئۆز ئىسمىغا قاتتى(يەنى ئاللاھنىڭ ئېيى دېدى) بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى رامىزاندىن باشقا ئايلاردىن ئەۋزەل قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاينىڭ بەرىكىتى ۋە پەزىلىتىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئادىتى بويىچە بۇ ئايدىن شۇملۇق ھېس قىلىش، بۇ ئايدا توي قىلىشتىن ئەنسىرەش ۋە ئارتۇقچە بىئارام بولماسلىق كېرەك.

     تۆتىنچى: بىر كىشى بەزى شىئە-راپىزىلارنىڭ دېگىنىدەك، بۇ مۇھەررەم ئېيى ھۈسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شەھىد قىلىنغان ئاي، بۇ ئايدا توي قىلىش ياخشى بولمايدۇ دەپ دەلىل كەلتۈرسە، ئۇنىڭغا دەيمىزكى: ھەقىقەتەن ئىمام ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شەھىد قىلىنىشى ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ زور مۇسىبەتلىك كۈن ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ بىلەن بۇ ئايدا نىكاھ-توي ئىشلىرىنى قىلىش چەكلىنىدۇ دەپ پەتىۋا بېرىش توغرا بولمايدۇ، بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ھەر يىلدا غەم-قايغۇلارنى يېڭىدىن ئەسلەش، قارلىق تۇتۇشنى خۇرسەنلىكنى چەكلەش دەرىجىسىدە داۋاملاشتۇرۇش يولغا قويۇلمىغان.

     بىز ئۇ كىشىدىن سوراپ باقايلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى بولسا ئىسلام ئۈممىتىگە مۇسىبەت يەتكەن ئەڭ زور كۈن بولۇپ، نېمە ئۈچۈن رەبىئۇل ئەۋۋەلدىن ئىبارەت بولغان بۇ ئايدا نىكاھ- توي ئىشلىرىنى قىلىش چەكلەنمەيدۇ؟، نېمە ئۈچۈن مۇھەررەم ئېيىدا نىكاھ-توي ئىشلىرى چەكلىنىدۇ ياكى ياخشى بولمايدۇ دېگەن سۆز ساھابىلارنىڭ ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىرىدىن ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۆلىمالاردىن نەقىل قىلىنمايدۇ؟.!!

     مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىز ئەگەر ئىسلام تارىخىدىكى ھەر كۈننى ۋاپات بولغان ياكى شەھىد قىلىنغان ھەر بىر مەشھۇر شەخسلەر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ياكى ئۇلاردىن باشقا ئالىملار ئۈچۈن غەم-قايغۇلارنى يېڭىلاشنى داۋاملاشتۇرساق، كىشىلەرگە يەتكەن زور قىيىنچىلىق، تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان مۇسىبەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئاي ۋە كۈنلەر ئۇلارنىڭ خۇرسەنلىكى، خوشاللىقى ئۈچۈن يېتىشمەيدۇ، ھەقىقەتەن دىندا دەسلەپتە يۈز بەرگەن ھادىسە بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن رازى بولۇپ تاللىغان دىننىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە شەرىئەتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرگە قارشى تۇرىشىدۇر.

    بەزى تارىخچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ سۆزنى بەلكى ھەر يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ بېشىدا ماتەم كۆرۈنىشىنى يېڭىلاشنى پەيدا قىلغان كىشى ھىجىرىيىنىڭ 907-930-يىلى ياشىغان شاھ ئىسمائىل سەپەۋىيدۇر. دوكتۇر ئەلى ۋەردى"ئىراق تارىخىدىن بىر كۆرىنىش"ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-توم 59-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "شاھ ئىسمائىل شىئە ئەقىدىسىنى تارقىتىش يولىدا يالغۇز زوراۋانلىق بىلەن چەكلەنمەستىن بەلكى باشقا ۋاسىتىلارنى قوللىنىشقا تاياندى، ئۇ بولسىمۇ: تەشۋىقات ۋاستىلىرى، مايىل قىلىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شەھىد قىلىنغان كۈنىنى ئەسلەش بىلەن تەزىيە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بۇيرىغان، بۇ پائالىيەتنى ھىجىرىيىنىڭ تۆتىنچى ئەسىرىدە باغدادتا بۇۋەيھىيۇنلار تۇنجى باشلىغان، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر بۇ ئىشقا سەل قاراپ، ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئىسمائىل شاھ، بۇ ئىشنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەزىيە سورۇنلىرىنى قاتقان، بۇنىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە بولغان تەسىرى كۈچلۈك بولغان، بۇنى ئىراندا شىئە ئەقىدىسىنى تارقىتىشقا تۈرتكە بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دېسەكمۇ توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا يىغلاش ۋە قايغۇنىڭ كۆرۈنىشى ئىپادىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە تەشۋىقاتنىڭ كۆپ بولىشى ۋە تەرغىباتلارنىڭ قېتىلىشى، ئەقىدىنىڭ قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سېڭىپ كېرىشىگە ۋە يوشۇرۇنغان يۈرەك تارىلارنى چېكىشكە ئىلىپ بارىدۇ".

   بەشىنچى: بەزى تارىخچىلار ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن توي قىلغان ۋاقتىنى ھىجىرىيىنىڭ ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئەۋۋىلىدە بولغان دېگەن قاراشنى كۈچلاندۇرىدۇ.

   ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مەندىنىڭ"ئەل مەرىپە"ناملىق ئەسىرىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھىجىرىيىنىڭ ئىككىنچى يىلى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن نىكاھ قىلدى، بىر يىلدىن كېيىن بىر ئۆيدە بولدى، بۇ ھىجىرىيىنىڭ ئۈچىنچى يىلىنىڭ بېشىغا توغرا كېلىدۇ". "ئەل بىدايە ۋەننىھايە"3-توم 419-بەت. بۇ مەسىلە توغرىسىدا باشقا قاراشلارمۇ بار، لېكىن ئۆلىمالاردىن  ھېچ بىرى مۇھەررەم ئېيىدا نىكاھ-توي ئىشلىرىنى قىلىشنى چەكلىمىدى، بەلكى مۇھەررەم ئېيىدا نىكاھ-توي ئىشلىرىنى قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى بولغان پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەڭ ياخشى نەمۇنىدۇر.

   ئاللاھ تائائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى