جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەر كىشىنىڭ ئايالى بىلەن قۇرئان بار ئۆيدە جىنسى ئالاقە قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

    قۇرئان بار ئۆيدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ ئۇلارنىڭ باشقا ئۆيى يوق، بولۇپ بۇنداق قىلسا قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قۇرئان كەرىمنى ئېھتىرام قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار قۇرئان كەرىمنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئېھتىرام قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن."  ["ئەل مەجمۇئ" 2-توم 85-بەت].

    ئىككىنچى: ئالىملار قۇرئان كەرىم ئېھتىرام قىلىنمىغان نۇرغۇن ئەھۋاللارنى سۆزلىدى ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: قۇرئان كەرىمنى يەرگە تاشلاش ياكى پاسكىنا ئورۇنلاردا قويۇش ياكى دەسسەش ياكى ئۇنىڭ تۈكۈرۈش قاتارلىق ئاللاھنىڭ كالامىنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە كۆزگە ئىلماسلىقنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

     ئەر-ئاياللارنىڭ قۇرئان كەرىم بار ئۆيدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشى قۇرئان كەرىمنى كۆزگە ئىلمىغانلىقنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ياتاق ئۆيدىن باشقا ئۆيى بولسۇن ياكى بولمىسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق.

    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئاساسەن قۇرئان كەرىم بولىدۇ، بىز بىلەن بىر قاراشتا بولغان ئالىملارنىڭ ھېچ بىرىدىن قۇرئان كەرىم بولغان ئۆيدە ئەر-ئايال جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا بولمايدۇ دېگەننى ئىپادىلەيدىغان بىرەر دەلىل بايان قىلىنمىغان، ئەگەر ئۇ توغرىدا دەلىل بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇ دەلىل باشقا دەلىللەرگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان ۋە يېزىلغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا بۇنداق ئەھۋاللار ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار سۆزلەنمىگەن ئىكەن، بۇ ئىشنىڭ ئەسلىدىكى دۇرۇس بولىدۇ دېگەن ھالىتىدە قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

     بىر كىشى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئايالىم بىلەن بىرگە بولىدىغان كۆرپىنىڭ ئۈستىدە قۇرئان قويسام قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ" ھەئە بولىدۇ دېدى.   [ئابدۇرەززاق"مۇسەننىپ"  2 -توم 171-بەتتە، ئىبنى ئەبۇ داۋۇد "ئەلمەساھىپ"446-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئابدۇللاھ يۇسۇپ ئەلجۇدەيئنىڭ "قۇرئان ئىلىملىرىدىكى ئاساسى تونۇشتۇرۇش" 652-بەت ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى بەتلىرىگە قارالسۇن. 

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن: "يۇقىرىدا سورالغان سوئالغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان:  ئۇخلاش ئۆيىدە قۇرئاننى قويۇپ قويسا توغرا بولامدۇ؟ ئۇخلاش ئورنىدا ئۇخلاشتىن بۇرۇن قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟ قۇرئاننى ئۇخلاش ئۆيىدە تۆمۈر ساندۇققا سىلىپ قويسا بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇخلاش ئۆيىدە كۆرپىسىدە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇسا بولىدۇ، تاھارەت بىلەن قۇرئاننى تۇتۇپ ئوقۇسا بولىدۇ، ئەگەر جۇنۇپ بولغان بولسا بولمايدۇ". [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 3 -توم 67-بەت].

    ئەگەر ئايالى بىلەن بىرگە بولىدىغان ئۇخلاش ئۆيىدە قۇرئان كەرىمنى قويۇش توغرا بولمىغان بولسا،  كىشىلەرنىڭ بۇنى بىلىشى زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇنى بايان قىلغان بولاتتى.  

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى