سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزىدارنىڭ رامزاندا بۇرۇن يولىغا مەلھەم ئىشلىتىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   مېنىڭ بۇرۇن ياللۇغى كېسىلىم بار، بۇنىڭغا ئالاقىدار سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆردۈم، سىلەرنىڭ تور بەتتە: رامزاندا بۇرنىغا پۈركۈگۈچ تېمىتسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ دەپ پەتىۋا بېرىپسىلەر، لېكىن مېنىڭ سوئالىم: باشقا بىر ئىلاج توغرىسىدا، ئۇ بولسىمۇ بۇرۇن ئارقىلىق مەلھەم كىرگۈزسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   سەھىھ ھەدىسلەر بۇرۇن تۆشۈكچىسىنىڭ ئاشقازان ئېغىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزىدار بولمىغان ۋاقىتتا بۇرنۇڭلارنى بەك چايقاڭلار» [ئەبۇ داۋۇد 142-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 788-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ"ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

    بۇرۇن تۆشۈكچىسى ئارقىلىق قوللىنىدىغان مەلھەم كانايغا ياكى ئاشقازانغا يەتمەيدىغان پەقەت بۇرۇن تۆشۈكچىسىدە قالىدىغان بولسا، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، روزا توغرا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان رامزاندا بۇرۇن تۆشۈكچىسى ۋە لەۋلىرىنى يۇمشىتىدىغان مەلھەم، نەملەنگەن قەغەز، پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن بۇ نەرسىلەرنىڭ كاناينىڭ ئېچىگە يىتىپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئىختىيارسىز يېتىپ قالسا ھېچ گەپ يوق، خۇددى ئېغىزىغا سۇ ئېلىپ ئىختىيارسىز كانىيىغا يىتىپ قالغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 19-توم 224-بەت].

    ئاللاھ تائالادىن سىزگە بارلىق مۇسۇلمان بىمارلارغا شىپالىق ۋە ساقلىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز.       

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى